ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-19

    يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)لاردا قەبىلە ۋە فامىلە - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41223491.html

    زۇمرەت غاپپار

    840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يېمىرىلگەندىن كېيىن، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى (شەرقىي ئۇيغۇرلار) جەنۇبقا ۋە غەربكە كۆچۈپ باشقا جايدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا پاناھ ئىزدەپ بارغان، ئۇكا تېكىن باشچىلىقىدىكى جەنۇبقا كۆچكەن 13 قەبىلە كېيىنچە باشقا خەلقلەرگە سىڭىپ كەتكەن. غەربكە كۆچكەنلىرى چوڭ ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر تارمىقى ئەسلىدە بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چۇ دەرياسى ۋادىسىدا چارۋىچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە قارلۇقلار بىلەن قوشۇلۇپ قاراخانىلار خانلىقىنى قۇرغان. يەنە بىر قىسمى ھازىرقى تۇرپان رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. كېيىنچە بۇ رايوندىكى ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ قوجۇ ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتىلىپ، ئىدىقۇت خانلىقى (قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ياكى غەربىي ئايماق ئۇيغۇر خانلىقى دەپمۇ ئېلىنىدۇ)نى قۇرغان. غەربكە كۆچكەن ئۈچىنچى بۆلەك ئۇيغۇرلار خېشى كارىدورىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئەسلىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ گەنجۇ (بۈگۈنكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې شەھىرى)نى مەركەز قىلىپ، بىر سىياسىي ھاكىمىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلار تارىختا «خېشى ئۇيغۇرلىرى» ياكى «گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتالغان. كېيىنچە بۇ خانىدانلىق تاڭغۇتلار ۋە موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، تارىخنامىلەردە «سارى ئۇيغۇر» ياكى «سېرىق ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئۇلار مۇستەقىل مىللەت دەپ قارىلىپ، ئۇيغۇرچە «يۇغۇر (بەزىدە «سېرىق ئۇيغۇر») دەپ، خەنزۇچە 裕固族 دەپ ئېلىندى. ئۇلار ئۆزلىرىنى يۇغۇر مىللىتى دەپ ئاتايدۇ. دېمەك، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلانغان خېشى ئۇيغۇرلىرى مەدەنىيەت ۋە تارىخ جەھەتتىن ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىلەن يىلتىزداش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر فامىلە ئىسلاھاتىمىزنىڭ مۇكەممەل ئېلىپ بېرىلىشىغا بەلگىلىك ئەھمىيىتى بولار دېگەن مەقسەتتە، ئۆز قەبىلە ۋە ئۇرۇق ناملىرىنى فامىلە قىلىۋاتقان يۇغۇرلارنىڭ قەبىلە ناملىرى ۋە ھازىرقى فامىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.

    1. يۇغۇرلارنىڭ قەبىلىسى
    تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1698-يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى يۇغۇرلارنى يەتتە چوڭ قەبىلىگە بۆلگەن. بۇ يەتتە قەبىلە ئىچىدە ئېنگىر تىلى (شەرقىي يۇغۇرلار تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ تىل ئالتاي تىلى سىستېمىسى موڭغۇل تىللىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ ۋە 13-،14-ئەسىرلەردىكى موڭغۇل تىلىغا يېقىن بولۇپ، ھازىرقى موڭغۇل تىلىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ)نى قوللىنىدىغان شەرقىي يۇغۇرلار چوڭ ئاقساقال قەبىلىسى (大头目)، بەش ئوتاق قەبىلىسى(五格)، لوئېرگې قەبىلىسى(罗儿格)، ياڭگې قەبىلىسى(杨哥)، سەككىز ئوتاق قەبىلىسى(八格)دۇر. يۇغۇر تىلى (غەربىي يۇغۇر تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ تىل ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن ھېسابلىنىدىغان تىلدۇر)نى قوللىنىدىغان يۇغۇرلارغا ياغلاقار قەبىلىسى، خۇراڭگۇت قەبىلىسى تەۋە بولغان. كېيىن بۇ يەتتە قەبىلىدىن يەنە ئۈچ قەبىلە ئايرىلىپ چىققان، يەنى سەككىز ئوتاق قەبىلىسى ئۆز ئىچىدىن شەرقىي سەككىز ئوتاق قەبىلىسى ۋە غەربىي سەككىز ئوتاق قەبىلىسىگە ئايرىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا، سىگېما قەبىلىسى(四格马) ۋە مەنتەي قەبىلىسى (曼台) قوشۇلۇپ جەمئىي 10 قەبىلە بولغان. 10 قەبىلە ئىچىدە بىر قانچىلىغان ئۇرۇق- جەمەت بولغان. ھەر بىر قەبىلە ئەسلىدە كۈچلۈك بولغان رايون دائىرىسىگە ئىگە بولغان، كېيىنچە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قەبىلىلەر ئارىسىدىكى رايون دائىرىسىمۇ ئانچە چەكلەنمەيدىغان بولغان. بۇ 10 قەبىلە تۆۋەندىكىدەك:
    1) ياغلاقار قەبىلىسى: بۇ قەبىلە ئاساسلىقى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھىرىگە قاراشلىق سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىگە تەۋە داخې رايونىنىڭ جۇلەنگو يېزىسى بىلەن مىڭخۇا رايونىنىڭ مىڭخەي يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربىي يۇغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. ياغلاقار قەبىلىسىدە جەمئىي سەككىز ئۇرۇق-جەمەت بار. ئۇلار: ئاد ياكى ئادىز، قۇڭرات، ساغلىق، دۇمان، ياغلاقار، قۇلىقار (خالىقارمۇ دېيىلىدۇ)، ئاقتاتار، سىنا قاتارلىقلار.
    2) خۇراڭگۇت قەبىلىسى: بۇ قەبىلە ئاساسلىقى ھازىرقى داخې رايونىنىڭ شۇيگۇەن يېزىسى بىلەن مىڭخۇا رايونىنىڭ ليەنخۇا، چيەنتيەن يېزىسى قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، غەربىي يۇغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ قەبىلىدە يەتتە ئۇرۇق- جەمەت بار. ئۇلار: ئاد ياكى ئادىز، خۇراڭگۇت (خارالىق)، توسى (توئۇس)، چوڭۇل، ئاغلان، غىگىز (گارچاق)، قىزىل (ھون، خونمۇ دېيىلىدۇ) قاتارلىقلار.
    3) غەربىي سەككىز ئوتاق قەبىلىسى: بۇ قەبىلە ئاساسلىقى ھازىرقى داخې رايونىنىڭ شۆچۈەن يېزىسى، لاماۋەن يېزىسى تەرەپلەرگە جايلاشقان بولۇپ، غەربىي يۇغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ قەبىلىدە جەمئىي يەتتە ئۇرۇق- جەمەت بار. ئۇلار: ئاد ياكى ئادىز، پالتاڭ، چىڭگىز، دۇمان، سۇلدۇز، قۇلىقار (خالىقار)، ساغلىق قاتارلىقلاردۇر.
    4) بەش ئوتاق قەبىلىسى: بۇ قەبىلە ئاساسلىقى ھازىرقى داخې رايونىنىڭ جيۇلەنگو يېزىسىنىڭ يۈيمۇ تېغىنىڭ قېشىدىكى جىڭياۋ ئىبادەتخانىسى خۇڭۋەندۇن، داتەن قاتارلىق جايلاردا بولۇپ، شەرقىي يۇغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ قەبىلىدە ئۈچ ئۇرۇق-جەمەت بار. ئۇلار: ئاد ياكى ئادىز، گۇلىڭ ناخشۇ، بايات قاتارلىقلاردۇر.
    5) شەرقىي سەككىز ئوتاق قەبىلىسى: بۇ قەبىلە ھازىرقى كاڭلې رايونىنىڭ سىدالۇڭ، داساۋتەن، خۇڭشىۋۇ، دۇڭنيۇماۋ قاتارلىق جايلىرىدا بولۇپ، شەرقىي يۇغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ قەبىلىدە ئاد ياكى ئادىز، لەنچىخ، جاڭمەن، بايات، غېگىر (گارچاق) ئۇرۇق-جەمەتى بار.
    6) سىگېما قەبىلىسى: بۇ قەبىلە كاڭلې رايونىنىڭ خۇڭشىۋۇ يېزىسى سەيدىڭ نيۇشىندۇن دېگەن جايلىرىدا بولۇپ، شەرقىي يۇغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ قەبىلىدە ئاد ياكى ئادىز، قىرغىز، توسى،(توئۇس) ئۇرۇق-جەمەتلىرى بار.
    7) چوڭ ئاقساقال قەبىلىسى: بۇ قەبىلە ھازىرقى كاڭلې رايونىنىڭ خۇڭشىۋۇ يېزىسىنىڭ بايىن، كاڭفېن، شىنيۇماۋ قاتارلىق جايلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي يۇغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ قەبىلىدە جەمئىي توققۇز ئۇرۇق-جەمەت بار. ئۇلار: ئاد ياكى ئادىز، سۇلدۇز، موڭغۇل، غېگىر(گارچاق)، قوڭرات، ياغلاقار، بايات، توسى(توئۇس)، خۇراڭگۇت (خارالىق) قاتارلىقلار.
    8) ياڭگې قەبىلىسى: بۇ قەبىلە كاڭلې رايونىنىڭ ياڭگې يېزىسىدىكى چوڭ-كىچىك چاڭگەن بىلەن چوڭ- كىچىك خېيزاڭ دېگەن جايلىرىدا بولۇپ، شەرقىي يۇغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ قەبىلىدىكى ئۇرۇق-جەمەتلەر ئاد ياكى ئادىز، بايات، قوڭرات، غېگىر(گارچاق) قاتارلىقلار.
    9) لوئېرگې قەبىلىسى: بۇ قەبىلە ھازىرقى كاڭلې رايونىنىڭ چىڭلۇڭ يېزىسىدىكى چوڭ-كىچىك كۇڭكاڭمۇ، خەيياگو دېگەن جايلاردا بولۇپ، شەرقىي يۇغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ قەبىلىدە 13 ئۇرۇق-جەمەت بار. بۇلار: ئاد ياكى ئادىز، چوڭشا، لەنچىخ، سارا (شىرا)، ھون، توسى(توئۇس)، خۇراڭگۇت (خارالىق)، دۇمان، جورۇق، قالقا، ئاغلان، قوڭرات، غېگىر(گارچاق) قاتارلىقلار.
    10) مەنتەي قەبىلىسى: مەنتەي قەبىلىسى ئەسلىدە يۇغۇرلارنىڭ چوڭ ئاقساقالىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولغان. بۇ قەبىلە ئاساسلىقى بوئەي يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي يۇغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ قەبىلىدە سەككىز ئۇرۇق-جەمەت بار. ئۇلار: ئاد ياكى ئادىز، لەنچىخ، قوڭرات، چورۇس، خۇراڭگۇت (قۇلاڭگۇت)، چۇلۇ، دۇمان، ئاغلان قاتارلىقلار.

    2. يۇغۇرلاردا فامىلە
    تەكشۈرۈش جەريانىدا ھازىرقى يۇغۇرلارنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا خەنزۇلارنىڭ فامىلىسىگە ئوخشاش فامىلىنىڭ بارلىقىنى بىلدۇق. ئەمما، بۇ فامىلىلەر خەنزۇ فامىلىلىرىگە مەنبە جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. يۇغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى 10 قەبىلىسىدە جەمئىي 29 ئۇرۇق-جەمەت بار بولۇپ، بۇلار بارلىق يۇغۇرلارنىڭ 29 فامىلىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم فامىلىلەر ناھايىتى قەدىمىيلىككە ئىگە.
    تۆۋەندە بىز يۇغۇرلارنىڭ فامىلىسىنى كۆرسىتىمىز:

    ئۇرۇق-جەمەت نامى  ئۇرۇق-جەمەتنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى  خەنزۇچە تاللىۋېلىنغان خەنزۇچە خېتى
    ئاد ياكى ئادىز 安帐或奄章 安
    قوڭرات  巩鄂拉提郭
    ساغلىق 索嘎勒 索
    دۇمان 杜曼 杜
    ياغلاقار  亚赫拉提扬
    سىنا  斯娜白
    ئاقتاتار 啊克达塔尔 白
    خۇراڭگۇت (خارىلىق) 呼郎嘎特(或霍尔勒) 贺
    توسى (توئۇس)  妥鄂什妥
    چوڭۇل  钟鄂勒钟
    ئاغلان  乌郎(或啊儿郎)郎
    غېگىر(گارچاق) 鄂盖尔 高,李
    خالىقار (قۇلىقار)  卡(或哈)勒嘎尔柯,哈
    قىزىل (ھون، خون)  克孜勒(或浑)洪
    پالتاڭ 帕勒坦 潘
    سۇلدۇز 苏勒杜斯 苏
    گۇلىڭ ناخشۇ 顾令 顾
    چىڭگىس  增斯恩(或增柯斯)郑
    بايات 巴依亚特 吴,巴,白
    جاڭمەن  常曼常
    لەنچىخ  兰恰克(或兰贾克)兰
    قىرغىز 各尔格兹 耿
    موڭغۇل 蒙戈勒 孟
    چۇڭسا  冲萨孔
    سارا، شىرا  西喇黄
    چورۇق 贾鲁克 贾
    قالقا  格勒克葛
    چورۇس  绰罗克左
    چۇلۇ  齐鲁右

    يۇقىرىقى فامىلىلەردىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن شەرھلەشكە بولىدۇ:
    1)قەدىمكى قەبىلە ۋە ئەجدادلارنىڭ نامىدىن كەلگەن. ياغلاقار  يۇغۇر تىلىدا «قەيسەر، باتۇر» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، گەنجۇ ئۇيغۇر (خۇيخۇ) خاقانى ياغلاقاردىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. ياغلاقار خاننىڭ نامى سۇڭ سۇلالىسى تارىخنامىلىرىدە خاتىرىلەنگەن. يەنى ياغلاقار، ياغلاقار مىلىئى، ياغلاقار تۇڭشۈن دېگەندەك خاقانلار نەسەبى بولغان بولۇپ، «ياغلاقار» ئەسلىدە ئادەم ئىسمى ئەمەس، قەبىلە نامى بولۇپ، بۇ يەردە قەبىلە نامىنى ئىسىم ئورنىدا قوللانغان. تەتقىقاتچىلار «ياغلاقار بولسا خان ئەۋلادىنىڭ فامىلىسى، خانلار مۇشۇ قەبىلىدىن چىقىدۇ» دەپ قارايدۇ. يۇغۇرلارمۇ مۇشۇ قەبىلىدىن چىققان ياغلاقار فامىلىلىك كىشىلەرنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ. ئاد ياكى ئادىز قەبىلىسىنىڭ نامىمۇ قەبىلە ئاقساقىلى ئاد ياكى ئادىزنىڭ نامىدىن كەلگەن.
    2)ئولتۇراقلاشقان ئورۇننىڭ نامىدىن بارلىققا كەلگەن. ساغلىق (بەزى تەتقىقاتچىلار «سائول» دەپ ئاتىغان) سۆزى «سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت، يېشىللىققا پۈركەنگەن زېمىن» دېگەن مەنىدە. يۇغۇرلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىگە قارىغاندا، بۇ جەمەتنىڭ ئەجدادى ئەنە شۇنداق جاينى تاللاپ ئولتۇراقلاشقان ۋە مال-چارۋىلارنى باققان. شۇ سەۋەبتىن ساغلىق فامىلىسى قوللىنىلغانىكەن.
    3)تارىختىكى باشقا قەبىلە ۋە مىللەت نامىنى ئاساس قىلىپ قويۇلغان. «قىرغىز» فامىلىسى قىرغىز مىللىتىنىڭ نامىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كەلگەن. «ئاقتاتار» فامىلىسى قەدىمكى قەبىلە تاتار(鞑靼) نامىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ قارىلىدۇ.
    4)لەقەم ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. «پاتاڭ» سۆزىنىڭ مەنىسى «كۆزى يوغان» بولۇپ، يەرلىك يۇغۇرلارنىڭ دېيىشىچە، چىڭخەيدىن يۇغۇرلار رايونىغا كېلىپ قالغان بىر كىچىك سودا-سېتىقچى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزى ناھايىتى يوغان ئىكەن. يۇغۇرلار ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۇنىڭغا «پالتاڭ» (يوغان كۆز) دەپ لەقەم قويۇپتۇ. كېيىن بۇ كىشى يۇغۇرلار رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ يۇغۇر قىزى بىلەن تويلىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ جەمەتى ئاۋۇپ پالتاڭلار جەمەتىنى شەكىللەندۈرگەنىكەن.
    5)خەنزۇلارنىڭ فامىلىسى ۋە ئىسمىنى فامىلە ۋە ئىسىم ئورنىدا قوللىنىش. بەش دەۋر ۋە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخنامىلەردە خاتىرىلىنىشىچە، يۇغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئەۋلادلىرىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى بولغان. مەسىلەن،李阿山,杨福安,安千 قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئەمما، كۆپچىلىك يۇغۇرلار يەنىلا ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە ئىسىم قويغان. ئازادلىقتىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يۇغۇرلار ئۆز يېزىقىنىڭ بولمىغانلىقى ۋە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ فامىلىسىنى قەبىلە ۋە ئۇرۇق-جەمەت ئاساسىدا تۇراقلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تاللىۋېلىنغان خەنزۇچە خېتى ئاساسىدا قېلىپلاشتۇرغان (يۇقىرىدا بىز تىزىپ كۆرسەتكىنىمىزدەك). مەسىلەن، 贺继新(قۇلاڭگۇت فامىلىسىدىكى继新 دېگەن مەنىدە)،钟福组 (چوڭۇل فامىلىسىدىكى 福组دېگەن مەنىدە)،郭梅兰 (قوڭرات فامىلىسىدىكى梅兰 دېگەن مەنىدە)... دەپ قېلىپلاشتۇرغان بولۇپ، نوپۇستا ۋە يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلىگەندە شۇنداق قوللىنىدۇ.
    يۇغۇرلار ئۆز ئىچىدە بولسا، يەنىلا ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە ئىسىم قويىدۇ، ئادىتى بويىچە ئاتايدۇ ۋە شۇنداق قوللىنىدۇ.sen ni semek er? (سېنىڭ ئۇرۇق-جەمەتىڭ نېمە‹قايسى›؟) sen ni at der?(سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟) دەپ سورىغاندىن كېيىن دەسلەپ ئۆز ئۇرۇقىنى، ئاندىن ئىسمىنى ئاتايدۇ.
    غەربىي يۇغۇرلار ئىسمىدىن تۆۋەندىكى بىر قانچىنى كۆرسىتىمىز:

    يېتىم  yaker雅柯尔
    ياغتاش  yagjis雅荷洁斯
    ئارسلان arslan 哈尔斯兰
    يولۋاس bars 巴尔斯
    ئۈنچە، مارجان  marJan玛尔简
    تۆمۈر demer 铁穆尔
    ئالتۇن  altan阿勒坦
    ئايتاش ayjis 阿依吉斯
    ھازىرقى يۇغۇرلار ئىچىدە يەنە 屈,凯,李,强,张,蔺فامىلىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بىراق بۇلار ئەسلىدە يۇغۇرنىڭ فامىلىسى ئەمەس، بەلكى يۇغۇر قىزلىرى خەنزۇ يىگىتلىرى بىلە توي قىلغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇغۇر قەبىلىلىرى ئىچىگە كۆچۈپ كىرىپ قەبىلە تۈزۈمى، ئۆرپ-ئادىتىگە بويسۇنۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خەنزۇلار بار بولۇپ، گەرچە ئۇلار يۇغۇرلارغا سىڭىشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز فامىلىسىنى ساقلاپ قالغان.
    يۇقىرىقى كۆز قاراشلار شۇ رايوننى تەكشۈرۈش جەريانىدا يۇغۇر كىشىلىرى (غەربىي يۇغۇرلار كۆپچىلىك ساننى ئىگىلەيدۇ) بىلەن سۆھبەتلىشىش ئاساسىدا يىغىلغان ئاغزاكى، يازما ۋە تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ماقالە يۇغۇرلارنىڭ فامىلىسى توغرىسىدىكى دەسلەپكى تەتقىقات بولغاچقا، تەتقىقاتچىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

    پايدىلانمىلار:
    (1)لىن گەن، گاۋزىخۇ:« قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى»(ئۇيغۇرچە)، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000.
    (2) 贺青松主编:《肃南纵横》,甘肃文化出版社,1994年出版。
    (3) 田自成,多红斌编著:《裕固族风情》, 甘肃文化出版社,1994年出版。
    (4) گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان دالا تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛ گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسى ليەنخۇا رايونى مەدەنىيەت پونكىتىدىن خې جىشىن ئەپەندى (يۇغۇر)، سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسى مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئەن شيۇيىڭ (مارجان) خانىم(يۇغۇر) قاتارلىق يولداشلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى.
    (5) شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى با جەنلۇڭ ئەپەندى (يۇغۇر) تەمىنلىگەن ئاغزاكى ۋە يازما مەلۇماتلار.

     

    «تىل ۋە تەرجىمە» 2003-يىللىق 3-سان.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.