ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-20

    ھايات ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ - [ھايات ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39662546.html

    كىشىلىك ھايات گويا ئەپسانىۋى ھىكايە.ئۇنىڭ ۋەقەلىرى ئەگرى- توقاي،تەپسىلاتى تولىمۇ مۇرەككەپ.ئاگاھ بولغىنكى سەن ئۇنى ھەر قانچە ئوقۇپمۇ ئوقۇپ بولالمايسەن.سەن بۇنىڭ بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرما!بولمىسا ھىكايەڭنى ئۈزۈپ قويىسەن.بىلىشىڭ كىرەككى، بۇ ھىكايىنىڭ ئاپتۇرىمۇ ،باش قەھرىمانىمۇ ئۆزۈڭ.ئوقۇرمەنلىرىم كۆپ بولسۇن دىسەڭ ،ئۆزۈڭمۇ ماھىر ئوقۇرمەن بول،ئۇنى قەتى داۋاملاشتۇر!ئۈمىتسىزلەنمە،<داغدام يول بولالمىساڭ ،چىغىر يول بولساڭمۇ مەيلى  

    ھايات مانا مۇشۇنداق سىرلىق بىر جەريان ئارقىلىق يىزىلىدىغان كىتاب.ئۇنى ئىسسىق قانلىرىڭ بىلەن يىزىپ چىق،سەبرى تاقەت بىلەن ئوقۇ،جاسارەتلىك بول.<قۇياشنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن قورۇقساڭ،يۇلتۇزلىرىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسەن>،زىغىرلىما، بىرلا قۇياش ھەممىلا جايغا ئۆز نۇرىنى چىچىۋاتمامدۇ؟!بەزىلەر ئالتۇن قەدەھ بىلەن ئىسىل شاراپلارنى ئىچكەن ۋاقىتتا،سىنىڭ باغرىڭنى تاش ۋە قارا تۇپراققا يىقىپ سۇ ئىچكىنىڭچىلىك لەززەت ئالغانمىدۇ؟گەپ بۇنىڭدا ئەمەس،مۇھىمى ئۆز قەدىر قىممىتڭنى قانداق ئۇلۇغلىشىڭدا!  

    ھايات شۇنداق بىر كومىدىيە.ئۇنىڭدا ھەر كىم ھەر خىل روللارنى ئالىدۇ.بەزىلەر ئۆزلىرنىڭ قانداق رول ئىلىۋاتقانلىغىنىمۇ بىلمەيدۇ.بۇنىسى ئەڭ ئىچىنىشلىق!لىكىن،ئاخىرقى ھىساپتا ھەممىسى پۈتكۈل بىر ئويۇننىڭ بىر ھالقىسى سۈپىتىدە ،ئۆزىگە خاس ئورۇندا بىر-بىرىگە قاراپ ئاقىدۇ،ھەرىكەت قىلىدۇ،شۇنداقتىمۇ ئۆز سىماسى ئارقىلىق پەرىقلىنىو تۇرۇدۇ،بەزىلەر مەھرۇم قالىدۇ،بەزىلەر ئىرىشىدۇ،بەزىلەر ھەددىدىن زىيادە ئىھتىياتچانلىقى تۈپەيلىدىن بىر قەدەممۇ ئىلگىرلىيەلمەيدۇ،بەزىلەر يۇمران چۆپلەردەك ئەۋرىشىملىشىپ ،باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەيدۇ.ئەمەلىيەتتە ،كىشىلىك ھاياتنىڭ بۇ سەھنىسىدە كۆرۈنۈشلەر ئالمىشىپ تۇرسىمۇ،ھىكايە قىلىنىۋاتقان ئاشۇ ئىشلار يەنىلا داۋاملىشىدۇ.سەن بۇ ھاياتىڭدا يەنىلا شۇ ئادەملەرنىڭ قانداق ياشاپ،قانداق ئۆلۈپ كىتىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرىسەن-دە ،ئاندىن سەنمۇ ئۆزۈڭگە خاس ياشاش ۋە ئۆلۈش شەكلىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا يا مۇنداق يا ئۇنداق قىياپات بىلەن ئورۇن ئالىسەن.ماكان ۋە زاماننىڭ بۇ ئاچىلىدا ،ھايات بىلەن ئۆلۈم ساڭا تەڭ قىممەتلىك سۈرەت بىلەن مۇقىملاشقاندا،يا ئۆزۈڭنى بىردىنلا تاشلىۋىتىسەن ،يا بىردىنلا نۇرلىنىپ كىتىسەن-دە ،ئۆزۈڭنى ئۆز قەدىر-قىممىتىڭ بىلەن كۆرۈپ يەتكەندەك بولىسەن.  

    ھايات شۇنداق بىر قەدەھ شەربەت،سەن ئۇنى ئىچىسەن،ئاندىن باشقىلارغا ئىچكۈزىسەن،باشقىلار ساڭا يەنە ئىچكۈزىدۇ

    قورقما،سەمىمى بول،ئۆزۈڭنى ئالدىما،ئۆزۈڭنى قەدىرلەيمەن دىسەڭ باشقىلارنىمۇ قەدىرلەشنى بىل.<قول قولنى يۇيسا،قول كىلىپ يۈزنى يۇيار>.قارا ھەممىلا ئادەم ئۆز ھاياتىنىڭ شىرىن مىۋىسى ئەمەسمۇ!

     

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.