ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-11

    ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39211755.html

    ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىدا نۇرغۇن مەشھۇر قەھرىمان قىز-ئاياللار، شائىرەلەر، مائارىپچىلار ئۆتكەن. بىز ئۇلارنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز.
    1.جىۋا (324_؟)
         كۈسەنلىك، بۇددا دىنى بىلىملىرىدە كامالەتكە يەتكەن،تېببىي ئىلىمنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن ئايال.ئۇ مەشھۇر تەرجىمە ئۇستازى كوراجىۋانىڭ ئانىسى.
       ئۇ كۈسەن خانىنىڭ سىڭلىسى، ئەقىللىق ھەم گۈزەل مەلىكە ئىدى. ئۇ ھىندىستانلىق ۋەزىرنىڭ ئوغلى كومراتانغا ياتلىق بولغان. توي قىلىپ،2بالىلىق بولغاندىن كېيىن، راھىبە بولغان ھەم ئېرىدىن سانسكرىت تىلىنى ئۆگىنىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن بۇددىزىمغا بېرىلگەن. كېيىن 9ياشلىق ئوغلى كومراجىۋانى ئېلىپ، نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كۆچۈرۈپ ھىندىستانغا بېرىپ ئوقۇغان. ئۇ يەردە ھىنايانا مەزھىپى تەلىماتلىرىنى ئۆگەنگەن. جىۋا ئوغلى كوراجىۋانى ھىندىستاندا ئوقۇتۇپ، داڭلىق بۇددا دىنى ئالىمى ۋەتەرجىمە مۇتەخەسسىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئۆزىمۇ شۇ دەۋرلەردىكى ئىجتىمائىي توسالغۇلارغا قارىماي ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تىرىشچان، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماس روھىنى نامايان قىلغان. ئۇ يەنە تىبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ كېسەل كۆرۈش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ<<جىۋائىچكى بەش ئەزا توغرىسىدا>> ناملىق كىتاب يېزىپ، ئىچكى بەش ئەزانىڭ فۇنكىسسىيىسى، ھەرخىل كېسەللىكلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن.
    2.ئورخۇن خاتۇن
        ئۇ 7-ئەسىردىكى تۇغلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بوساتنىڭ ئانىسى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان ھەم ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىسىدا يازما خاتىرىلەر يوق. ئۇ ھەقىقەتەن داڭلىق سىياسىيون بۇلۇشقا مۇناسىپ،<<كونا تاڭنامە>>ۋە<<يېڭى تاڭنامە>> دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئورخۇن خاتۇن پەم-پاراسەتلىك، تەدبىرلىك ئايال بۇلۇپ، ئىچكى قىسىمدا يۈز بەرگەن ئەرز-دەۋالارنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى. ئوغلىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەتچىلىك قىلىپ ۋە بىۋاسىتە ئارىلىشىپ، سىياسىيونلارغا خاس ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانىدى. ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ ھاكىمىيەتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى بىلەن ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر رايونى گۈللەنگەنىدى.
        ئورخۇن خاتۇن ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېڭىدىن قۇرۇلغان تۇغلار ئۇيغۇر خانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە تۆھپە قۇشۇپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
    3.داڭلىق سەنئەتكار پېي مەلىكە(690-؟)
       ئۇ ئەسلى قەشقەرلىك سەنئەتكار بۇلۇپ، تارىخىي خاتىرىلەردە ئۇنىڭ ئەسلى ئىسىمى يېزىلمىغان. پەقەتلا،قەشقەرخان جەمەتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان پېي(裴) فامىلىسى تىلغا ئېلىنغان. ئۇ،قەشقەردە خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ھەم بۇددا دىنى ئىلىملىرى، سەنئەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، تالانتلىق سەنئەتكار بۇلۇپ يىتىشىپ چىققان. ئۇ 715-يىللىرى ئەتراپىدا چاڭئەنگە بېرىپ، شۇ يەردىكى ئوقۇتۇش مەركىزىدە سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە سەنئەت تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. غەربىي يۇرت سەنئىتىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تۇنۇتقان ھەم تارقاتقان. ئۇ نۇرغۇن ناخشا، مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن.
    4.سىلىغ تېگىن
         ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە  ئۆتكەن راھىبە، شائىرە. ئۇ6كوبلىت،27مىسرالىق بىر شېئىرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەنمۇ ياكى بىر پارچىلا شېئىر يازغانمۇ؟ بۇ ھازىرچە بىزگە نامەلۇم. بىراق ئۇنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ تارىخىي قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى دىنىي ئېتقاد،ئەدەبىيات، ئاياللارنىڭ دۇنيا قارىشى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم تەتقىقات ماتىرىيالى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    5.شىياۋ گۈەنيىن(1039-1075)
         شائىرە،سازەندە،ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەۋلادى. دادىسى شىياۋخۇي قىتان خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. شىياۋ گۈەنيىن قىتان خانى ياللۇغ خۇڭجىغا خانىش بولغان. ئەينى ۋاقىتتا قىتانلار خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان بولغاچقا، شىياۋ گۈەنيىنمۇ خەنزۇچە ئىسىم قوللانغان ھەم شېئىرلىرىنىمۇ خەنزۇچە يازغان. ئۇنىڭ <<يۈخۇالىندا پەرمان بىلەن يېزىلغان شېئىرلار>>، <<كۆڭۈل ئوردىسىغا قايتىش>>، <<نامدىن جۇدا بولۇش>>، <<ئۆتمۈشنى ئەسلەش>> قاتارلىق شېئىرلىرى بار.
    6.شىياۋسېسي(؟-1121)
        شىياۋ سېسىي شىياۋ گۈەنيىن بىلەن بىر جەمەتتىن بولۇپ، ئۇمۇ قىتان خانلىقىدا خانىش بولغان. قىتان خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ياشىغان . <<ھەجۋىيات>>، <<تارىخنى كۈيلەش>> تىن ئىبارەت 2 پارچە شېئىرى بار.
    7.ئاماننىساخان(1534-1567)
         ئاتاقلىق مۇقامشۇناس، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 2-خانى ئابدۇرېشىت خاننىڭ خانىشى. ئۇ مەھمۇت ئىسىملىك ئوتۇنچىنىڭ قىزى بولۇپ، دادىسى ئۇنى كىچىكىدىن ئەقىللىق ھەم بىلىملىك قىلىپ تەربىيىلىگەنىدى. ئۇ شائىر،سازەندە ھەم خەتتات ئىدى. 34يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان. ئاماننىساخان مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا<<دىۋان نەفىسە>>، <<ئەخلاقى جەمىلە>> (گۈزەل ئەخلاق)، <<شۇرۇھۇلقۇلۇب>> (قەلبلەر شەرھى) قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. ئۇ يەنە <<ئىشرەت ئەنگىز>> (شاتلىق قوزغىغۇچى) ناملىق مۇقامنىمۇ ئىجاد قىلغان. ئۇ ئوردىدا 12مۇقامنى رەتلەش،قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇيغۇر12مۇقامنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كېلىشىنى ئاماننىساخاننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
    8.زىبۇننىسا(1639-1709)
        شائىرە، دېھلىدا تۇغۇلغان. ئۇ ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بابۇر مىرزىنىڭ چەۋرىسى ئەبۇ زەپەر مۇھىددىن ئەۋرڭزىب ئالەمگىرنىڭ قىزى. ئۇ ئوردىدا مەشھۇر ئالىملاردىن ئەتراپلىق تەلىم ئېلىپ، شائىرە ھەم سازەندە بولۇپ يېتىشتى. ئۇ ئۆمۈر بويى توي قىلماي ئۆتكەن. ئۇ گەرچە ئوردا مەلىكىسى بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ قايغۇسىنى ۋە شاتلىقىنى كۈيلەيدىغان، ئەركىن مۇھەببەتنى، ئاياللار ئازادلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى <<زىبۇننىسا>> (گۈزەل،چىرايلىق) تەخەللۇسىدا،ئۆز دەۋرىنىڭ ئادىتى بۇيىچە ئەرەب،پارس تىللىرىدا يازغان. پارس تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم شېئىرلىرى 1940-يىلى تاجىكىستاندا <<مەجمۇئەيى شېئىرھا>> دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە تۈرك تىلىدا يېزىلغان بىر قانچە پارچە شېئىرىمۇ بار.
    9.چىن مودەن(1740-1760)
        قۇمۇلنىڭ باغداش يېزىسىدا تۇغۇلغان. دادىسى ۋاڭنىڭ چارۋىچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسىمى شەرۋانەم، ئوردىدىكىلەر ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى مودەنگۈلگە ئوخشىتىپ<<چىن مودەن>> دەپ ئاتاشقان. قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئوردىغا ئالدۇرماقچى بولغان. ئوردىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ سۆيگەن يىگىتى بىلەن قېچىپ كەتكەن، ئوردا لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ، ئېلىشىش جەريانىدا قىرىپ تاشلىغان. شۇنداق قىلىپ، چىن مودەن ئەركىن مۇھەببەت، ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىپ قۇربان بولغان.
    10. مايسىخان
        خەلق قوزغىلىڭىنىڭ باشچىسى، 1765-يىل2-ئاينىڭ14-كۈنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ زۇلمىغا قارشى ئۈچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى (جىگدە يېغىلىقى) پارتلىدى. قوزغىلاڭغا رەخمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن باشچىلىق قىلدى. مايسىخان شۇ ئىككەيلەننىڭ سىڭلىسى ئىدى.ئۇ،قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشتى. قوزغىلاڭ8-ئايدا پاجىئەلىك مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، چىڭ قوشۇنلىرى قوزغىلاڭچىلارنى دەھشەتلىك تۈردە قىرغان ھەم ئېلىغا سۈرگۈن قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مايسىخان چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ياۋۇزلىقىدىن قىلچە قورقۇپ قالماي، 100دىن ئارتۇق ئەر-ئايالنى تەشكىللەپ،تاغ-تۇرا،ئورمان،جاڭگاللاردا يوشۇرۇنۇپ پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى3ئاي داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرىدا مايسىخان باشلىق 7 ئايال قوزغىلاڭچى قورشاۋدا قېلىپ، دۈشمەنگە باش ئەگمەي، تاغدىن سەكرەپ قۇربان بولغان. قوزغىلاڭنىڭ داۋامى بولغان بۇ جەڭ <<مايسىخان جېڭى>> دەپ ئاتالغان. ئۈچتۇرپان خەلقى مايسىخان باشلىق 7 قەھرىمان قىزغا ئۇلار قۇربان بولغان ئاقتوقاي تاغ تىزمىسى باغرىدا ھەيۋەتلىك قەبرە ياساپ، ئۇنى <<يەتتە قىزلىرىم>> دەپ ئاتاپ، ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمان قىزلىرىنى ياد ئېتىپ كەلمەكتە.
    11.نۇزۇگۇم(1808-1827)
         نۇزۇگۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى ھەم ماھىر قوشاقچىسى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ، قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. موللا بىلال نازىمىنىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا،ئۇ ئوقۇغان، بىلىملىك قىز بولۇپ، بۇغداي ئۆڭلۈك،قارا كۆز،قاراقاشلىق،نازۇك بەدەن بولغاچقا، قەشقەر خەلقى ئۇنى نوزۇگۇم دەپ ئاتىغان.
          نۇزۇگۇم 1826-يىلدىكى مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئېلىدا مۇڭغۇل ئەمەلدار ئۇنى مەجبۇرلاپ خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغاندا،نۇزۇگۇم توي كېچىسى ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ، قېچىپ كەتكەن. قۇمۇشلۇقتا6ئاي يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. 3ئاي زىندانغا سولانغاندىن كېيىن، قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
           نۇزۇگۇم ئۆزىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى،قايغۇسى،مۇھەببەت-نەپرىتى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان. خەلق ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى تا بۈگۈنگىچە ئوقۇپ كەلمەكتە.
    12.مايىمخان(1812-1830)
         غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دادامتۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئەقىللىق، ناخشا خۇمار قوشاقچى قىز ئىدى.ئۇ،زالىملارنىڭ زۇلمىغا قارشى، ئەكسىيەتچىل ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇملىرىنى پاش قىلىدىغان نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان ھەم خەلق يىغىلغان سورۇنلاردا ناخشا قىلىپ ئېيتقان. خەلق مايىمخاننىڭ قوشاقلىرىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ يۈرگەن. زالىم يۈز بېشى ھامۇتبەگ بۇنى ئاڭلاپ، شەنگەنگە يەتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن مايمىخان يامۇلغا سولىنىپ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن ۋەھشىيلارچە قىيناپ سوراق قىلىنغان.ئەمما،مايمىخان پىسەنتمۇ قىلماي مۇستەبىت ھۆكۈمەت،زالىم ئەمەلدارلارغا قارشى قوشاقلارنى توختاتمىغان. ئۇ يامۇلغا سولىنىپ، بىر يىلدىن كېيىن 1830-يىلى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
    13.مېھرىبانۇ
    18-ئەسىرنىڭ يېرىمىدكى قۇمۇل ۋاڭى، ئۇ ئەسلى ئېلىلىق بولۇپ، قۇمۇل ۋاڭى بىشىرغا ياتلىق بولۇپ كەلگەن.1869-يىلى بىشىرۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن خوتۇنى مېھرىبانۇ قۇمۇلغا ۋاڭ بولغان.
          ئۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتاتتى. بەييەنخۇ يېغىلىقى يۈز بېرىپ، بىشىرۋاڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، مېھرىبانۇ بەييەنخۇ تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، كورلىدا بىر مەزگىل تۇرغان. بەييەنخۇ يېغىلىقى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مېھرىبانۇ قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپ، ئېرىنىڭ ئورنىغا ۋاڭ بولۇپ، يېغىلىقتا خاراپ بولغان قۇمۇل شەھىرىنى قايتا قۇرۇشقا كىرىشكەن. خەلققە پايدىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ قىسقا مەزگىل ئىچىدە خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىنى خېلى ياخشىلىغان. ئۇ يەنە ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەتلەپ، مەدرىس، كۈتۈپخانا قۇرۇلۇشى، مۇئەسسەسە ھەم ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.1882-يىلى ئۇ ۋاڭلىق ئورنىنى كۈيئوغلى شاھ مەخسۇتقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
    14.راھىلە
         شىنجاڭ يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى. ئۇ 1860-يىلى ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى مۇھەممەت سۇلتان خەلپىتىم ئوقۇمۇشلۇق ، بىلىملىك كىشى بولغاچقا، قىزىنى ياخشى تەربىيلىگەن. راھىلە دىنىي ھەم پەننىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىگەن. مەرىپەتپەرۋەر ئاكا-ئۇكا مۇسابايوپلار 1885-يىلى ئاتۇش ئېكساقتا قۇرغان يېڭى مەكتەپ <<ھۈسەينىيەمەكتىپى>> نىڭ قىزلار سىنىپىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. فېئودالىزم دەۋرىدە قىز ئاياللارنىڭ پەن بىلىملىرىنى ئىگىلىشى ھەم ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، راھىلە مائارىپ سېپىدە 32يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بىردىنبىر ئايال سەركەردىسىگە ئايلاندى ھەم ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.
    15.ئايخان ئانا
          ئۇ، مەرىپەتپەرۋەر ئانا، يېڭى زامان تارىخىمىزدىكى تۆھپىكار شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، 1888-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. غۇلجىدا پەننىي ۋە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1933-1934-يىللىرى دادىسى ۋە يولدىشىدىن قالغان مىراس تەئەللۇقاتىنى سەرپ قىلىپ، غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە يېتىم بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ سالدۇردى. بۇ مەكتەپ <<غۇلجا خەيرىيەت مەكتىپى>> دەپ ئاتالدى لېكىن جامائەتچىلىك بۇ مەكتەپكە كېيىن <<ئايخان ئانا مەكتىپى>> دەپ نام بەردى. ئوقۇغۇچى سانى بارا-بارا300گە يەتتى. بالىلارنىڭ پۈتۈن تەمىناتىنى ئايخان ئانا ئۈستىگە ئالدى. ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى كىيگۈزدى،بۇ مەكتەپ ھازىرغىچە 50يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئېگە بۇلۇپ قالدى.
          ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باتۇرلۇق، ئەرك سۆيەرلىك ۋە قەھرىمانلىقىنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان بۇ قىز ئاياللارنىڭ مەيلى ئەسەرلىرىدە بولسۇن ياكى ئىش پائالىيەتلىرىدە بولسۇن، ئومۇمەن، مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ۋە زالىم ئەمەلدارلارنىڭ زۇلۇمىدىن شىكايەت قىلىش، ئەركىن مۇھەببەتكە، ئىنسانىي ئەركىنلىككە ئىنتىلىش ۋە زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىش روھى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆز دەۋرلىرىدىكى ئىلغارلىققا، ئەركىن ئىدىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

      رەتلىگۈچى:ئاسىيە مۇھەممەد سالىھ<<شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىدىن>>


    كىلىش مەنبەسى: شەبنەم مۇنبىرى.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.