-
2009-05-10
ئاتاسى بارنى باي دەيمەن - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39203528.html
غەزەل
ئېگىز تاغلارغا تەلمۈردۈم ئاتام يادىمغا يەتكەندە ،
ئاتامنىڭ قەدرى زەپ ئۆتتى بېغىمدا شورا ئەتكەندە .
كوكات باسقاندا ئۆگزەمنى مېنى ئالەمچە غەم باستى ،
ئاتا ! دەپ يىغلىدىم كۈزدە ئۆيۈمدىن يامغۇر ئۆتكەندە .
ئاتاڭ كەلمەيدىغۇ ؟ دەيدۇ ئېتىزلار ھەم سوراپ مەندىن ،
سورايدۇ ئاي كېچە كۆكتە ، جاھان جىملىققا چۆككەندە ،
ئېتم ئۆلدى سۇنۇپ ھارۋام ، تاغلار ئۆشنەمدىدۇر ئەمدى ،
ئاتامنى ئىزدۈگۈم كەلدى ئېتىزدىن ئۆيگە كۆچكەندە .
جىمى ئەل چەش ئېتىپ قايتتى خامانلاردىن مەھەللەمگە ،
ئاتاممۇ كەلسىدى شۇنداق ئانام ئايۋاندا كۈتكەندە .
ئاتاسى بارنى باي دەيمەن ، ئاناسى بارنى ئاي دەيمەن ،
ئۆزۈمنى توختىتالمايمەن ئاتاسى يوقنى كۆرگەندە .
مۇھەمەدجان راشىدىن (1994 - يىل ، ئىيۇل )历史上的今天:
يەتتە قىزلىرىم (ئاۋازلىق ئەسەر) 2009-05-10ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ 2009-05-10
收藏到:Del.icio.us