ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-09

    ئۇيغۇر ۋە «ئۇيغۇرشۇناس»لىق - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39119604.html

    «ئۇيغۇر» نامى بىلەن ئاتىلىش ئادەتتە بىز قەۋملىرى ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىسىم قاتارىدا قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ،«ئۇيغۇر»ئاتالغۇسىنىڭ تارىخى ھەم دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى بىلىش ئادەتتە تەشۋىق قىلىنمىغاچقا ،بۇ پەقەت تارقىسىمدىكى «تارىخشۇناس»،«ئارخىولوگىيەشۇناس»،«تىلشۇناس»...ۋاھاكازالار ئارىسىدا تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.
    لېكىن،ھەم:
    ئۇنداقتا مۇشۇ شىنجاڭنىڭ ئاھالىسىنىڭ كۆپ پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان،تىل-يېزىق،ئۆرپ-ئادەت،ئېتىقات-دۇنياچىلىق،ئەدەپ-ئەخلاق،...قاتارلىق بىرقاتار ئىنسان توپلىرىغا ئورتاق بولغان مەدىنىيەت ئورتاقلىق ھادىسىدە،ئۆزلىرىنى« قېرىنداش»لىق دەرىجىسىگە كۆتەرگەن،ھەربىر ئۆزىنى «ئۇيغۇر»ئاتىغان كىشى مەۋجۇت ئىكەن،بىز جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى،بۇ «ئۇيغۇر»مەدىنىيەت توپى، بىزنى،ئادەتتىكى يۇقۇرىدىن تۆۋەنگىچە داۋاملاشقان «ئۇيغۇر» ئاۋاملىرىمىزنى كۆرسىتىدۇ.ھەتتا ئەڭ بولمىغاندا،شىنجاڭدىكى «ئۇيغۇرى»پىسخولوگىيەسى،«ئۇيغۇر»مىللەت ئارزۇ-ئارمانلىرى بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    «
    ئۇيغۇر»ئېتنوسىنى تەتقىق ئوبىكتى قىلغان ،ئېتنوسنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئۇسۇلىدا خىلمۇ-خىل ،رەڭگا-رەڭ،كىشىنى قايمۇقتۇرۇشقا ئېلىپ بارماقچى بولغان نەيرەڭۋاز-كۆرەلمەسلەر،سىياسەتۋاز تارىخچىلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا،تارىختا،ھەمدە ھازىر دا كۆپ قىسىم ئىلىمدارلىرى ئاراسىدا ئورتاقلىق ئىزدەۋاتقان،لېكىن يۇقۇرىدىكى ئىنسانى مەھكۈملۈكتىن بولۇنغان «بىرتەرەپلىمىلىك»تىن ،ئۇيغۇر مىللىتىمىز تارىخىنى «ئەپسانە،رىۋايەت،چۆچەك»دەرىجىسىگە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.ئەمما مەزكۇر مىللەت نامى «ئۇيغۇر»،خۇددى ھاۋا،سۇ،تۇپراق،...لارنىڭ كونكىرت مەۋجۇت بولۇپ كۆزگە كۆرىنىۋاتقىنىدەك،دۇنياۋى مەۋجۇدىيەت مەۋقەسىدە ئۆز ئاۋاملىرىغا بەزىدە سۆيۈنۈش،بەزىدە خۇرسىنىش نەزىرىدە بىز«ئۇيغۇر»گە 24سائەت،12ئاي،360كۈن ھەمدەمدە بولىۋاتىدۇ.

    دۇنيادا بىزنى كىم چۈشىنىدۇ؟بىز مىللەت شۇ دەرىجىدە،باشقىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يەكۇنلىشىگە قېلىپ قالغان مىللەتمۇ؟دۇنياۋى ئاق-كۆڭۈللىگىمىز بىزنى شۇ شارائىتقا ئېلىپ كەلدىمۇ؟

    ئىنسانىيەتنىڭ پەرىشتىدىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى،پۈتۈن ئىنسانى بىز كۆرەلمەس كېلىمىز،قىتىغىرلىق ۋۇجۇدۇمىزغا ئورناشقان،جاھاندا «ئەڭ» دەرىجىدە تىلغا ئېلىنمىغان ،لېكىن«ئەڭ»دەرىجىدە توختىماي تەتقىق قىلىنىۋاتقان،دۇنياۋى ئۈچ مەدىنىيەت(ھىندى-ئارىيان،خەن،رىم) ئۆرنەكلىرىنى ئۆزىگە ئەخلاق ئۆلچىمى قىلغان، تارىخى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر»لىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرلا ئەمەس،ئۆزىمىزمۇ قوبۇل قىلالمىغىدەك دەرىجىگە يەتتۇق.

    سەۋەپ!!!:ئۆزىمىزگە ئىشەنچنىڭ كامچىللىغى،مۇشۇ ئاددى دۇنيا ئىچىدە ياشاۋاتقان قىسمەن«ئۇيغۇر»كىشىلەر توپىنىڭ ئۆز ئىشەنچلىرىنى يوقۇتۇشى...بۇ ئەھۋال دۇنيا «ئۇيغۇرشۇناس»لىرىنىڭ كېيىنكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ماتىرىيال_تەجرىبە بولۇشى مۈمكىن.

    ئەمما خۇددى سەۋەپنىڭ ئاددى بولغىنىغا ئوخشاش،نەتىجىنىمۇ ئاددىغىنە ئۆزگەرتالايمىز،

    مىللى ئپتىخارلىق،مىللى ئۆزلۈك...مىللى ئىشەنچ!

    چۈنكى «ئۇيغۇر»نامى سىز ۋە بىزنىڭ جەۋھەرلىك ھاياتىمىزدا مەزمۇت تۇرالايدۇ!!

    چۈنكى بىز شۇلار ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا «ئۇسۇلچى»مىللەت ئەمەس!!!

    چۈنكى،بىزمۇ ئىنسانى ئادەم !!!!...

    http://bbs.anatil.com/read.php?tid-11399.html


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.