-
2009-05-08
ئاتا-ئانىغا بولغان مۇھەببەت ھەققىدە ھىكمەتلەر!!!!! - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39070775.html
بىز ھەممە ئىنسانلارنى ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق. - قۇرئان كەرىمدىن.
ئاتا-ئانىغا بولغان مۇھەببەت بارچە ياخشى پەزىلەتلەرنىڭ ئاساسى!! -قەدىمكى رىملىق ناتىق تىتسىرۇن.
نىمىلەرنى ئالتۇن قىممىتى بىلەن ئۆلچەپ بولمايدۇ؟!!!ئاتا-ئانا دۇئاسىنى،ئاتا-ئانا مىھرىنى،ئاتا-ئانا يۈزىدىكى نۇرنى.بىر ساندۇق ئالتۇنى بار ئادەم بۇلاردىن بىبەھىر بولسا بۇ دۇنياسىمۇ،ئۇ دۇنياسىمۇ كۆيگەن،دەۋىرىڭ. -تاھىر مالىك(ئۆزبىكىستان)
ئانىلار ئايىغى ئاستىدىدۇر،
رەۋزەئى جەننەتۇ جاھان باغى.
رەۋزە باغى ۋىسسالى ئىزدىسەڭ،
بول ئانىنىڭ ئاياغىنىڭ تۇپراغى. -ئەلىشىر نەۋائىي.
ئەقىللىق پەرزەنت ھىچقاچان ئانا مىھرىنى ئەستىن چىقارمايدۇ.كىچىككىنە بىر ئىشقا كىرىشكەندىمۇ،ئانىسىنى بۇنىڭدىن ۋاقىپلاندۇرۇپ،ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ.ئانىسىنىڭ ئىيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سىلىپ،مەسلىھەتىگە ئەمەل قىلىدۇ. -مۇستاپا ھامىيپاشا.
نىجات ئىشىكىنىڭ ئاچقۇچى ۋەسائادەت گۇلزارىنىڭ مەيىن شامىلى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقى تۈپەيلى ھاسىل بولىدۇ. -بەرخۇدار ئىبىن مەخمۇد.
ئاتاڭ ياكى بوۋاڭنىڭ نەسلۇ-نەسەبى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئۆز ئەمگىكىڭ ۋە ھۈنىرىڭ بىلەن كىرىل!!!!! -مۇستاپا ھامىيپاشا.
ئاتا-ئانا دەرەخنىڭ غولىغا ئوخشىسا،پەرزەنت دەرەخنىڭ شىخىغا ئوخشايدۇ.شاخ غولنىڭ قەدرىنى بىلمىسە،شاخنىڭمۇ قەدرى بولمايدۇ. -مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى.
ئاتا-ئاناڭنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلا،ئۇنى قايتۇرما.مال-دۇنيا ۋە بەخىتكە ئىرىشكەن تەقدىردىمۇ تەكەببۇرلىشىپ قۇترىما!!! -مەھمۇت قەشقەرى.
ئاتا-ئاناڭنىڭ ھەققىنى ھۆرمەت قىل.ئاتا-ئانا خۇرسەنلىكى كىشى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا چوڭ دۆلەتتۇر. -مۇھەممەت ھۈسەيىن.
ئاتا-ئاناڭنىڭ خىزمىتى قانچكى ياخشى قىلساڭ شۇنچىلىك رازىلىقىنى،دۇئاسىنى ئالىسەن.ئاتا-ئانىنىڭ دۇئاسى ئىجابەتتۇر. -قابۇس.
مەنبەسى------؛روزىمۇھەممەت مۇتەللىپنىڭ«مۇھەببەت»ناملىق كىتابى.
http://www.anatil.com
收藏到:Del.icio.us