<<  تاج ماھال مەقبەرىسى | باش بەت | «ئاۋاتار» نىڭ مودىل قۇرغۇچىسى - Adrian Chan  >>
  • Ps نىڭ ھۆججەت فورماتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە(2)

    تېما يوللانغان ۋاقىت: 2010-06-03 | بۇ تېما تەۋە بولغان سەھىپە: كومپيۇتېر گۈزەل سەنئىتى | خەتكۈچ: ps

     

     

    PNG فورماتى (*.PNG)

    Netscape شىركىتى تەققىي قىلدۇرۇپ ئوتتۇرغا چىقارغان ھۆججەت فورماتى،توردا يوللاش،ئۇزۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ،ئۇ تولۇق رەڭ تەسۋىرىنى قوللايدىغان بولۇپ،Alpha رەڭ تىزىملىكىدە ساقلاش ۋە ئارقا كۆرنىشنى سۈزۈك ساقلاشقا بولۇپلا قالماستىن يەنە بۇزۇۋېتىلمىگەن شەكىلدە پرېسلاش ئېلىپ بارغاچقا ،بۇزۇلغان سۈرەت ھۆججىتىنىڭ سۈپىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ. PNG فورماتىدىكى ئەڭ مۇھىمى شۇكى سۈرەتنىڭ Gamma قىمىمتىنى خاتىرلەپ ماڭىدىغان بولۇپ، سۈرەتنى ئوخشىمىغان سۇپىدا ئىشلەتكەندە ئوخشاش رەڭدە ئىپادىلنىشقا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

    PNG فورماتىدا ساقلىغاندا «نۆۋەتلەشتۈرۈش» ئىقتىدارىنى تاللىغىلى بولىدۇ.

    TIF فورماتى(*.TIF)

    TIF فورماتى- ئەڭ كەڭ قوللىنىدىغان ھۆججەت فورماتى بولۇپ،نۇرغۇنلىغان ئوخشىمغان كومپيۇتېر سۇپىلىرىدا ۋە قوللىنىشچان پروگراممىلار ئارىسىدا سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بەت ياساش،بېسىش ئىشلىرىغا باپ كېلدۇ.

    Photoshop تا TIF فورماتىدا ساقلىغاندا ،ساقلاشنى ئالدىن كۆرۈش كۆرنىشىدە PCياكىMac شەكىلدە ساقلاشنى تاللىغىلى بولىدۇ،شۇنداقلاLZW  شەكىلدە پرېسلاشقا ۋە ئارقا كۆرنىشنى سۈرزۈك شەكىلدە ساقلاشقىمۇ بولىدۇ.

    LZW  شەكلى بولسا بىرخىل يۇقىرى سۈپەتتىكى بۇزۇۋېتىلمىگەن پرېسلاش شەكلى،سۈرەتلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ،لىكىن ھۆججەتنى ساقلىغاندا ۋە ئاچقاندا  نىسبەتەن كۆپرەك  ۋاقىت كېتىدۇ.

    EPS فورماتى(*.EPS)

    بۇ بىر خىل ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن كەڭرى بولغان PostScript شەكلى، ئاساسلىقى رەسىم سىزىش،بەت تىزىش ۋە بېسىشتىن ئىلگىرىكى مەشغۇلاتلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

     (PostScript-ــ بىرخىل پروگرامما تۈزۈش تىلى بولۇپ،سۈرەت ۋە يېزىق رەتلەش،بېسىشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ،ھازىرقى تىلىمىز بويىچە ئىيتقاندا ئۇ بىر خىل بەت تەسۋىرلەش تىلى،1985 –يىلى Adobe شىركىتى ئوتتۇرغا چىقارغان)

    PDF فورماتى(*.PDF)

    PDF (Portable Document Format)  Adobe  شىركىتى تەرەققىي قىلدۇرغان مەخسۇس مەشغۇلات لىنيەسىدىكى مەتبۇئات ئىشلىرىغا بەلگىلەنگەن ھۆججەت شەكلى. ئۇنىڭ ئاساسى   PostScript Level 2 تىلى،شۇنداق بولغاچقا يېزىق،ۋېكتورلۇق شەكىل،بىتلىق تەسۋىر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن يەنە ئۇلتىرا ئۇلىنىشنى قوللايدۇ،پەقەت Adobe Reader ئارقىلىقلا PDF ھۆججەتلىرىنى ئاچقىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ.(ئۇنىڭدىن باشقا دېتاللارمۇ بار ،ئەلۋەتتە)

    بەت تىزىش ۋە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرى بولمىسىمۇ،ھۆججەت مەزمۇنىنى كۆرگىلى، بەت ئورۇنلاشتۇرلىشى ،بېسىپ چىقىرىش قاتارلىقلارنى ئو خشاشلا قىلغىلى بولىدۇ. ھۆججەتلىرىئۇلتىرا ئۇلىنىشنى قوللايدىغانلىقى ئۈچۈن توردىن چۈشۈرگەن ھۆججەتلەر كۆپىنچە بۇ خىل ھۆججەت فورماتىنى قوللىنىدۇ.

     

    Ps نىڭ ھۆججەت فورماتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە(1)


    随机文章:

    Ps نىڭ ھۆججەت فورماتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە(1) 2010-05-29
    3D MAX نىڭ ھاسىللاش سۈرئىتىنى تېزلىتىش (سۈرەتلىك دەرس) 2010-06-13
    Maya 2008 نىڭ قوزغۇلۇش كۆرنىشىنى ئۆزگەرتىش 2010-06-04
    «ئاۋاتار» نىڭ مودىل قۇرغۇچىسى - Adrian Chan 2010-06-04
    COOL 3D بىلەن تونۇشۇش(1) 2010-05-30

    收藏到:Del.icio.us




    Atash ۋاقتى 01:04:15 | تەھرىرلەش | تېمىنى داۋاملاشتۇرۇش | يوللاش | 分享 0
    ئادرىسى:

يېڭى يازمىلار

  • 3DS MAX نىڭ ماركىسىدىكى مەنانى بىلەمسىز؟
  • «مۇقام بايرىمى» قۇتبەلگىسىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى- مۇختەر جۈمە
  • گۈزەل سەنئەت مائارىپىدىكى تۆھپىكار «باغۋەن»
  • «يوليار»غا لايىھە
  • «مارس دەۋرى» كومپيۇتېر گرافىكى ئەسەرلىرىدىن زوقلىنىش(3)
  • ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى توغرىسىدا چۈشەنچە(1)
  • ئېففېل تۆمۈر مۇنارى
  • ماي بوياق رەسىم سىزىش تېخنىكىلىرى(2)
  • «روشەن قەلەم ئىزى،بوشلۇق تۇيغۇسى».ئۇستازىم ـ قەيسەر«گەن جۆ»
  • «مارس دەۋرى» كومپيۇتېر گرافىكى ئەسەرلىرىدىن زوقلىنىش(2)
全部日志>>

يېڭى ئىنكاسلار

  • چوغلان:لاھىيە رەسىم بولسا مەن ياسىش...
  • چوغلان:بلوگىڭلارنىڭ تېخىمۇ روناق تې...
  • چوغلان:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.مۇشۇنداق ...
  • Xadlik:رەسىمنى Bmp شەكلىدە ساقلىسىم...
  • Xadlik:يۇقىردىكى يوللىغان ئىنكاسىم ...
  • Xadlik:بەلكىم مەندىن باشقا بلوگ ئوق...
  • Xadlik:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، نادىر ي...
  • Tura:ماۋۇ يازمىڭىز بولىدىكەن ، ...
  • 21:بەك ياخشى ئىشلەپسىز ئاتەش . ...
  • huxnut:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئاتەش م...

دوستانە ئۇلىنىش

  • mutaj.biz
  • يوليار
  • ulinix.com
  • tutax
  • seburi
  • blogzar
  • bilimliklar
  • شادلىق بلوگى
  • تارىم بلوگى
  • زىيارەت سانى:
Copyright © 2002-2010 BlogBus.com, All Rights Reserved. 博客大巴 版权所有
ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم بلوگى| بلوگ يازغۇچى ۋە ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرگۈچى :ئاتەش لايىھىلەش ئىشخانىسى