• ئېففېل تۆمۈر مۇنارى - [بىناكارلىق]

    2010-06-16

    ئېففېل تۆمۈر مۇنارى (فىرانسوز تىلىدا:  La tour Eiffel) ــ 1889-يىلى فىرانسىينىڭ «مارس»مەيدانغا ياسالغان تەشمە قۇرۇلمىلىق تۆمۈر مۇنار،ئېگزلىكى 300مېتىر،ئانتېننانىڭ ئېگىزلىكى24مېتىر،ئومۇمي ئېگزلىكى 324مېتىر. ئېففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ نامى ئۇنى لايىھىلگەن كۆۋرۈك ئىنژېنېرى سىتاپ.ئېففېلنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

    مۇنار يېڭىچە ئالاھىدىلىك بىلەن ياسالغان بولۇپ،دۇنيا بىناكارلىق تارىخىدىكى تېخنىكىسى مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي،فىرانسىينىڭ ۋە پارىژنىڭ مۇھىم بىر ساياھەت نۇقتىسى ھەم ئالاھىدە بەلگىسى.

    قۇرۇلۇش نۇقتىسى: فىرانسىيە پارىژ «مارس»مەيدانى.

    قۇرۇلۇش باشلانغان ۋاقىت: 1887-يىلى1-ئاينىڭ 27-كۈنى.

    قۇرۇلۇش پۈتكەن ۋاقىت: 1889-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى.

    قۇرۇلۇشنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى: 10مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.

    ئېگىزلىكى: 324.79 مېتىر.

    قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى: تەخمىنەن10100 توننا.

    قۇرۇلۇشنىڭ قەۋەت سانى: 4قەۋەت.

    قۇرۇلما شەكلى: پولات راملىق(جازىلىق)تەشمە قۇرۇلما.

    پۈتۈش باھاسى: 7مىليون457مىڭ فرانك.

    مەبلەغ سالغان ئورۇن: فىرانسىيە ھۆكۈمىتى.

    لايىھىلگۈچى: سىتاپ.ئېففېل.

    ئىشلىتىلىشى:تاماقخانا،تاماشا قىلىش.

    ئىنگىلىزچە نامى:  Eiffel Tower

    فىرانسوزچە نامى:  La tour Eiffel

    باشقىچە ئاتىلىشى: پارىژ تۆمۈر مۇنارى

    تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بۇ يەردىن كۆرۈۋىلىڭ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.