-
بلوگىمىزنىڭ كەڭ كۆرۈرمەنلىرىگە
تېما يوللانغان ۋاقىت: 2010-05-16 | بۇ تېما تەۋە بولغان سەھىپە: ئەسەرلىرىم |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، «ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى» نىڭ كۆرۈرمەنلىرى
ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ئىچىدە تور تور تىزگىنلەنگەندىن تارتىپ 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تور ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگىچە بولغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ، كەڭ تورداشلىرىمىز بىلەن گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە ئورتاقلىشالماي قالدۇق.
ئالدى بىلەن تورنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە كەڭ تورداشلار بىلەن بىرلىكتە خۇرسەن بولۇش بىلەن بىرلىكتە بلوگىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتۇق.
1.بلوگىمىزنىڭ يازما مەزمۇنى يەنىلا رەسساملىق،ھەيكەلتاراچلىق،بىناكارلىق،ھۈنەرسەنئەت،كومپيۇتېر گۈزەل سەنئىتى قاتارلىق تۈرلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا،كەسپى گۈزەل سەنئەت بىلملىرىنى ۋە چۈشەنچىلەرنى ئاساس قىلىپ يازما تەييارلىندۇ.
2. «كىلەر ھەپتىلىك يېڭى يازمىلار» سۈرەتلىك ئۇلىنىشى ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەرگىچە نورماللىشىپ،بلوگنىڭ ھەپتىلىك يازمىلرى ھەپتە بۇرۇن ئاشكارىلىندۇ.
3.شارائىت يار بەرسە «تىلۋېزىيە زىيارىتى» سەھىپسى يولغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان،بلوگقا كۈچ قوشۇشنى خالايدىغان (خالىس) باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلنىپ،بلوگنىڭ مەزمۇنىنى رەڭدارلاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
4.ئىچكىردىكى ياكى رايۇنىمىزدىكى گۈزەل سەنئەت ئەسلىھەلىرى،ماتېرىياللىرى شىركەتلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ تورداشلارنى گۈزەل سەنئەت ئەسلىھەلىرى،ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
收藏到:Del.icio.us
评论
چەۋاندازلار بلوگىمۇ دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلدى. ھەمكارلىقىمز راۋاجلانسۇن!
بلوگقا ياخشى تەكلىپ پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، مېنىڭ بلوگ ئۇسلۇبىنى تەھرىرلەش توغرىسىدىكى بىلىمىم تازا يىتەرسىز بولغاچقا ،بەزى يەرلىرىنى تەڭشەشتە راست بىر ئاز قىينىلىپ قالغان .
ئەگەر خالىسىڭىز بلوگنىڭ ئۇسلۇبىنى باشقا ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىپ باقساق؟
ئەتە كەچتە ۋاقتىڭىز بولسا QQدا بىر كۆرۈشسەك QQنۇمۇرۇم: 506206291
بۇ يازما ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : logs/65064908.html
200 خەتتىن ئىشىپ كەتتى دەپ خەت چىقىۋالدى...
بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەھەتتە كۆپرەك ئىزدىنىمەن.