• تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى - [بىناكارلىق]

    2009-07-01

    تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ 7-نەۋرىسى(مىلادى1330-1363-يىل)،شۇنداقلا بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغان موڭغۇل خاقانى،ئۇنىڭ مازىرى قورغاس ناھىيسىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىدىن 45 كىلومېتىريىراقلىققا جايلاشقان.

    ئۇⅩⅣئەسىردە ياسالغان بولۇپ،شىنجاڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئىسلام دىنىي بىناكارلىق شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.مازارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ،مازار گەۋدىسى خىشتىن قوپۇرلۇپ ئۆينىڭ ئۈستى گۈمبەز شەكلىدە يېپىلغان،ئېگىزلىكى 14مېتىر بولۇپ،ئىچىدىكى پەلەمپەي بىلەن مازارنىڭ ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ.ئۇدۇلدىكى ئىشىك ئەگمە شەكىلدە بولۇپ،تاملىرىغا ئاق،كۆك ۋە سۆسۈن رەڭدىكىكاھىشلارنى چاپلاپ،قانۇنىيەتلىك گىئومېتىرىك نەقىش چۈشۈرۈلگەن،يان تەرەپكە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ خانىشىنىڭ قەبرىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەمنۇنىيەت ھىس قىلغان بولسىڭىز ،بىر نەچچە سىكۇنت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئېلاننى بىر چىكىپ قويۇڭ.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    خەتكۈچ:

    评论

  • ماۋۇ يازمىڭىز بولىدىكەن ، تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ مازىرى توغرىسىدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق . مازار رەسىمىنى كۆرۈپ بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم . رەھمەت سىزگە .
    Atash回复Tura说:
    تۇرا ئەپەندى،بلوگىمىزغا پات-پات كىرىپ تەكلىپ پىكىر بىرەرسىز.
    بلوگىمىزنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان سۆزى:
    «بىز ئەڭ ياخشىسى ئەمەس،بىراق ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمىز»
    2009-07-02 21:27:18
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.