ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  داڭلىق شەخىسلەر

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • ئاۋانگارىت پىدا
  • پىدائىيلىق خىزم
  • مەرىپەت بېغىدىك
  • مائارىپنى ئالاھ
  • مېھىر چېيىدىن ئا
  • ھاجى ئەخمەت كۆلت

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

داڭلىق شەخىسلەر

گىتلېرنىڭ ئون چوڭ خاتالىقى

ۋاقتى : 2014-03-20  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

W020140318610659565863.jpg

 

2013-يىلى گىتلېر تۇغۇلغانلىقىغا 124 يىل بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى ئۈچىنچى ئىمپېرىيەنى قۇرغۇچى، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ نىجاتكارى، دەپ قارىسا، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىدىغانلار ئۇنى ئالۋاستى، دەپ ئەيىبلەيدۇ.
تارىخنىڭ قانداق باھا بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تالانتىغا كۆز يۇمالمايدۇ، دەل مۇشۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تالانت ئۇنى ئاخىرى ھالاكەت يولىغا باشلىغان، ئۇ ھاياتىدا 10 چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن.
 

01.jpg

1.يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش. گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىسى ياشلىق مەزگىلىدىلا شەكىللەنگەن، ئەينى چاغدا گېرمانىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغان، يەھۇدىيلار خەلقئارا پۇل مۇئامىلىدە «ھايانكەشلىك» بىلەن شۇغۇللىنىپ، گېرمانىيەنىڭ مارك پېرېۋوت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن، ناتسىستلار پارتىيەسى كېيىن گىتلېر رەھبەرلىكىدە يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيەلەرنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن. گىتلېر شۇ سەۋەبلىك پۈتكۈل دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.
 

02.jpg

2.شتورموۋكىنچىلارنى ساقلاپ قېلىش. گىتلېر تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىلەن ناتسىستلار قوراللىق تەشكىلاتى شتورموۋكىنچىلارنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، گىتلېرنىڭ زۇڭلى بولۇشنى قوللاش » دېگەن مەزمۇندا كېلىشىم تۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن گىتلېر گېرىن، ھىملېرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن شتورموۋكىنچىلار كاتتىۋېشى رومانى گېرمانىيە ئوفىتسېرلار بىرلەشمىسىدىن چىقىرىۋەتكەن.1934-يىلى 30-ئىيۇن كېچىدە ئالاھىدە ساقچىلار بىلەن گېستاپوچىلار شتورموۋكىنچىلارنى باستۇرغان، رما بىلەن شتورموۋكىنچىلارنىڭ 150 كاتتىۋېشىنى ئېتىۋەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئېسئېسچىلار ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.
 

03.jpg

 

3.ئۇرۇش قوزغاشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ناتسىست گېرمانىيەسى 1939-يىلى 1-سېنتەبىر پولشاغا ئۇرۇش قوزغىغان، ئەينى چاغدا گېرمانىيە ئارمىيەسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ تەسىرىدىن تولۇق ئەسلىگە كېلەلمىگەن، يەنى دۇنيا ئۇرۇشغا تاقابىل تۇرغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس ئىدى.
4.ئىتتپاقدىشىنى خاتا تاللاش. گىتلېر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ ئالدىنقىلارنىڭ خاتالىقىدىن ساۋاق ئالماي، ئىتالىيە بىلەن ياپونىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئىشەنچسىز دۆلەتنى ئىتتىپاقداشلىققا تاللىغان، نەتىجىدە ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك گېرمانىيە مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلالمىغان.
 

04.jpg

 

5. دونكىرىكتا يولۋاسنى تاغقا قويۇپ بېرىش. گېرمانىيە ئارمىيەسى فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن قوغلاپ زەربە بېرىشنى توختىتىپ قويغان، بۇنىڭغا مۇنداق ئۈچ ئامىل سەۋەب بولغان ، بىرىنچىدىن ، گىتلېر گېرمانىيە ئارمىيەسى فرانسىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان، فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ بىرەر قېتىممۇ كەڭ دائىرلىك قايتۇرما ھۇجۇم قىلمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، دۈشمەننىڭ پىستىرمىسىدىن ئەمدىشە قىلغان. ئىككىنچىدىن ھاۋا ئارمىيەسىگە دونكىرىكتىكى دۈشمەننى يوقىتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، گىتلېرمۇ بۇنىڭغا قوشۇلغان، ئۈچىنچىدىن سىياسىي تىركىشىشتىن ئىبارەت.
6. بۈيۈك بېرىتانىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش. گېرمانىيە فرانسىيەنى تېزلىكتە بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىتلېر 1940-يىلى 10-ئىيۇل ئەنگلىيەنى بويسۇندۇرىدىغان «دېڭىز شىرى ھەرىكىتى»نى قوزغىغان. گېرمانىيە ئارمىيەسى بۇ ھەرىكەتتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن 2669 سوقۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سالغان. گېرمانىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ موداپىئە لىنىيىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن لوندونغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى بولغان، ئەمما بۇ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق سەۋەبلىك گېرمانىيە تېزلا مەغلۇپ بولغان.
 

 

 

05.jpg

 

7. «باباروسا »پىلانىنىڭ سەۋەنلىكى. گىتلېر ئەنگلىيەگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغاچقا، كۆزىنى شەرققە تىككەن. 1940-يىلى يازدا گېرمانىيە ئارمىيەسى شەرققە ئەسكەر يۆتكەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان«باباروسا پىلانى»نى تۈزگەن.
8. موسكۋا ئۇرۇشى تاكتىكىسىدىكى خاتالىق. ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ھەر قايسى ئۇرۇش سەپلىرىدە چېكىنىشنى ئاساس قىلغان. گىتلېر تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ غەلىبىدىن بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە، گېرمانىيە ئارمىيەسى ئالغا ئىلگىرىلەپ قىزىل مەيدانغا ئاز قالغاندا، گىتلېر گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەنى جەنۇبقا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇپ، ئارمىيەنىڭ ھۇجۇم نىشانىنى 180 گرادۇس بۇزۇۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ گىتلېرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى بويسۇندۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشقان.

9.ستالىنگراد ئۇرۇشىدىكى خاتا تاللاش. گېرمانىيە ئارمىيەسى موسكۋا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمدىن ۋاز كېچىپ، 1942-يىلى يازدا كاۋكاز ۋە ستالىنگرادنى ئىشغال قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەمىنات يولىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى پىلانلىغان ، بىراق تاللاشنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك پىلان ئوخشاشلا سۇغا چىلاشقان.
10.زىگفېر موداپىئە سېپىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى. زىگفېر موداپىئە سېپىنى ماكىنو موداپىئە سېپىگە سېلىشتۇرغاندا قۇرۇلمىسى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن سانى 118 مىڭ 60 قا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ماكىنو موداپىئە سېپىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. بۇ موداپىئە لىنىيەسىگە 9مىليون 310 مىڭ توننا بېتون، 350 مىڭ توننا پولات ئىشلىتىلگەن. گېرمانىيە ئۇرۇش ئاخىرلاشقىچىمۇ بۇ موداپىئە لىنىيەسىنى ياساپ بولالمىغاچقا، بۇ موداپىئە لىنىيەسىنىڭ گېرمانىيەگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا