ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  داڭلىق شەخىسلەر

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • ئاۋانگارىت پىدا
  • پىدائىيلىق خىزم
  • مەرىپەت بېغىدىك
  • مائارىپنى ئالاھ
  • مېھىر چېيىدىن ئا
  • ھاجى ئەخمەت كۆلت

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

داڭلىق شەخىسلەر

ئەركىنجان تۇراخۇن

ۋاقتى : 2013-08-29  مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

ئەركىنجان تۇراخۇن ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

01.jpg

ئەركىنجان تۇراخۇن

  27-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 11-قۇرۇلتىيى يېپىلدى . يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىنجان تۇراخۇن ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى .

  ئەركىنجان تۇراخۇننىڭ تەرجىمىھالى:

  ئەركىنجان تۇراخۇن 1964 - يىلى 6 - ئايدا قەشقەردە تۇغۇلغان، 1985 - يىلى 1 - ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، 1985 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. چاڭجياڭ سودا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا - سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، سودا - سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى.

  1981-يىلى 9-ئايدىن 1985-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى پىلان-ئىستاتىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ پىلان - ئىستاتىستىكا كەسپىدە ئوقۇغان.

  1985 - يىلى 7 - ئايدىن 1986 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان.

  1986 - يىلى 5 - ئايدىن 1988 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1988 - يىلى 5 - ئايدىن 1990- يىلى 1 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قوشۇمچە شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1990 - يىلى 1 - ئايدىن 1992 - يىلى 7 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان (1990 - يىلى 12 - ئايدىن 1991 - يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيەسىدە سوتسىيالىستىك تەربىيەگە قاتناشقان).

  1992 - يىلى 7 - ئايدىن 1994 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان (1992 - يىلى 9 - ئايدىن 1992 - يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  1994 - يىلى 5 - ئايدىن 1999 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان (1993 - يىلى 7 - ئايدىن 1995 - يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كونىشەھەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىدا مۇئاۋىن شۇجىلىق ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان؛

  1997 - يىلى 4 - ئايدىن 1997 - يىلى 12 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «مەركەزلىك تۈزەش خىزمەت ئەترىتى» قاراقاش ناھىيەلىك خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان).

  1999 - يىلى 5 - ئايدىن 2003 - يىلى 7 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان (1998 - يىلى 9 - ئايدىن 2000 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي-ئىقتىساد كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛

  2002 - يىلى 12 - ئايدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلانغان).

  2003 - يىلى 7 - ئايدىن 2004 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان (2003 - يىلى 3 - ئايدىن 2004 - يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

  2004 - يىلى 5 - ئايدىن 2006- يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  2006 - يىلى 5 - ئايدىن 2008 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (2004-يىلى 5 - ئايدىن 2006 - يىلى 10 - ئايغىچە چاڭجياڭ سودا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا - سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 2006-يىلى 8-ئايدىن 2006-يىلى 9 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئامېرىكا ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاچقان 4-قارارلىق شەھەر پىلانلاش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2007 - يىلى 9 - ئايدىن 2007-يىلى 11-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى بىلىم ئاشۇرۇش 1 - سىنىپى 42 – قارارلىق كۇرسىدا ئوقۇغان).

  2008 - يىلى 5 - ئايدىن 2008 - يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  2008 - يىلى 6 - ئايدىن 2008 - يىلى 10 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

  2008-يىلى 10-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) .

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى .

  18-نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا