ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدە يامغۇر ئارلاش قار يېغىپ، بۈگۈن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

ۋاقتى : 2016-10-14  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: بۇ ئىككى كۈندە ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى شەرقىي جەنۇب شامىلى ۋە غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىدە ئىزچىل ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس بولدى.
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 13-ئۆكتەبىر كېچىدە ئۈرۈمچى شەھەر رايونى ۋە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونىدا بەش بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىپ، چوڭ كۆلدىن ئۇلانبايغىچە، قىلبىتاغدىن «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر گۇرۇھىغىچە 9-بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. شۇنىڭغا ئەگىشىپ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كەڭ كۆلەمدە ئۈرۈمچىگە تەسىر كۆرسىتىپ، 14-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە ئۈرۈمچى شەھەر رايونى، مىچۇەن-كۆكتاغ رايونىدا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ، يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگىرىدىكەن. بۇنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا℃10~℃8 قىچە تۆۋەنلەپ، شەھەر رايونىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃0 بولىدىكەن. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا