ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

جۇڭگو ـ تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھەت ئۆمىكى يولغا چىقتى

ۋاقتى : 2016-10-14  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

جۇڭگو-تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان ئاپتوموبىل ساياھەت ئۆمىكى ئەزالىرى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن تاشقورغاندىكى يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشتى.
    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: «پامىر ئېگىزلىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، بۇلۇتتىكى دۆلەتنى تەكشۈرۈش» جۇڭگو-تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھەت ئۆمىكى قاراسۇ چېگرا ئېغىزى تاموژنىسىدىن يولغا چىقتى، بۇ 2016-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھەت لىنىيەسى، جۇڭگو-قازاقىستان-موڭغۇليەنىڭ ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش، چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھىتى ۋە « تەڭرىتاغ كارىدورىنى ئايلىنىپ، دۇنيا مىراسلىرىنى تەكشۈرۈش» جۇڭگو-قازاقىستان-قىرغىزىستان چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھىتىدىكى كېيىنكى 3–لىنىيە ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھىتى بىرلەشمىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.
    شىنجاڭ ئاپتوموبىل ساياھىتى بىرلەشمىسىنىڭ لىنىيە پىلانى بويىچە، بۇ قېتىمقى جۇڭگوـ تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھىتى تۇنجى ئۆمىكى 10 - ئۆكتەبىر قەشقەر شەھىرىدە يىغىلىپ، 11-ئۆكتەبىر تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن، 12 -ئۆكتەبىر جۇڭگو ـ تاجىكىستان چىگراسىدىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق قاراسۇ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئارقىدىن ساياھەت ئۆمىكى شۈەنزاڭنىڭ شەرققە قايتىش لىنىيەسدىكى بىربۆلەك يول، يەنى ۋاخان كارىدورىدىن تاجىكىستانغا كىرىدىكەن. پۈتۈن ساياھەت ۋە مۇساپە پىلانى 10 كۈن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاجىكىستاندىن تارىخىي مەشھۇر شەھەر خوجەند نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدىكەن.

جۇڭگو ـ تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھىتى تۇنجى ئۆمىكى قەشقەردىن يولغا چىقپ ئاقكۆلدىن ئۆتتى.
    شىنجاڭ ئاپتوموبىل ساياھەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: چۈنكى پاسپورت مەسىلىسى تۈپەيلى، تۇنجى ساياھەت ئۆمىكدىكى 23 ئادەم ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ساياھەتنى تاماملايدۇ. تۇنجى ساياھەت ئۆمىكى ئەزالىرى تاجىكىستاندىكى 7 كۈن ۋاقىت ئىچىدە« سىرلىق رايون»غا كىرىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ مۇرگاپ، برۇنكۇ قاتارلىق جايلارداغا كىرىدىكەن، پامىرنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا كارل ماركس چوققىسىنى، پامىر تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ۋاخان جىلغىسى قاتارلىقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، دېڭىز يۈزىدىن 3000مىتىر ئېگىزلىكتىكى يولنى ھېس قىلىشىپ، يېڭى كىلاسسىزىم ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنى، تاجىكىستاندىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بولغان پېشمىل شەھرىنى ھەمدە «تاجىك دېڭىزى»دەپ نام ئالغان قاراقۇم سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىپ، تەۋەككۈلچى ساياھەتچىلەر «يىپەك يولى چوققىسى»دا تەكشۈرۈشتە بولىدىكەن.
     تاجىكىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، چېگرا ئىچىدىكى تاغلىق ۋە ئېگىزلىك % 90 نى ئىگىلەيدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە، تەخمىنەن يېرىمى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ، « بۇلۇت ئىچى دۆلىتى »،« ئېگىز تاغ دۆلىتى » دېگەن نامى بار. 2014 ـ يىلى جۇڭگو-تاجىكىستان ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى خىتابنامىسى »دا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پەن-تېخنىكا، تەلىم-تەربىيە، مەنىۋىي-مەدەنيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، پەن - تەتقىقات ئاپپاراتى، ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئەلئارا دوستانىلىكنى تەشكىللەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرى ۋە ياشلار تەشكىلاتىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز - ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

جۇڭگو ـ تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھىتى تۇنجى ساياھەت ئۆمىكى ئەزاسى ئاقكۆلدىن ئۆتكەندە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
    «پامىر ئېگىزلىكىدىن ھالقىپ، بۇلۇت ئىچى دۆلىتىنى تەكشۈرۈش » جۇڭگو-تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل تۇنجى ساياھىتى جۇڭگو ـ تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان ساياھەت بايلىقىنى، يايدىلىنىشقا بولىدىغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭگو-تاجىكىستان ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت سودا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ جۇڭگو ـ تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان ساياھىتىدىكى قىيىن نۇقتا ۋە مەسىلىلەرنى بايقاپ، ھۆكۈمەت قاتلىمىدىكى ئالاقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات مەنپەئەتىدىكى ساياھەت پىلانى، ساياھەت سىياسىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
    بۇ قېتىمقى جۇڭگو – تاجىكىستان چېگرا ھالقىغان شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھىتىگە تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرلىرى تۇنجى قېتىم پۈتۈن مۇساپىلىك ئەگىشىپ يول بويى زىيارەت قىلىپ، خەۋەر بەردى، ۋاقىپ بولغايسىلەر.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا