ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

«قىزىل كاستىيۇم »ئېگىلىك تىكلەش كۇلۇبىدا 2-قارارلىق ھەقسىز خەنزۇتىلى دەرس كۇرسانتلارنىڭ تەسىراتلىرىن

ۋاقتى : 2016-10-14  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

2016-يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى«قىزىل كاستىيۇم »ئېگىلىك تىكلەش كۇلۇبىدا 2-قارارلىق ھەقسىز خەنزۇتىلى دەرس كۇرسانتلارنىڭ تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىنغا ياش يېتىلىۋاتقان رىياسەتچى رازىيە ئابلىز رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومتېتى تەشۋېقات بۆلۇمىنىڭ باشلىقى شۆھرەت شەۋكەت،مېھرىبان ئانىلار ۋەكىلى سائادەت  ئاپپاي، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى رابىگۈل مۇئەللىم، مېھرىبان ساقچىلارخەير—ساخاۋەت ئەترىتىدىن مۆمىنىجان ،شىنجاڭ قەمبەرغان خەلقئارا  سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەرجان ئەپەندىم .شىنجاڭ خاس تېۋىپ بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىمجان .شىنجاڭ سىما مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رازىيە ئابلىز  قاتارلىقلار قاتناشتى .

ھەقسىز خەنزۇتىلى كۇرسى تەسىس قىلىپ پەرزەنتلەرگە شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ خەير-ساخاۋەت قوللىرىنى ئايىماي سۇنىۋاتقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانىمىز  ئەمەتجان «قىزىل كاستۇم»ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى كەلگۈسى پەرزەنتلىرىگە ئاتىغانلىقىدىن  ھەممەيلەننىڭ ئەمەتجان قايىللىقى تېخىمۇ ئاشتى ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتتى .  ئۇستاز رابىگۈل مۇئەللىم ئەمەتجانغا ئېسىل شېئىرنى تەقدىم قىلدى .
يىغىندا ئەمەتجان« قىزىل كاستىيۇم »ئوقۇتقۇچىلارنى 1000يۈەندىن  2000يۈەنگىچە نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىرسىگە بىردىن سومكا مۇكاپات  تارقىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈردى پائالىيەت ئوتتۇرىدا ھەممە بىردەك ئەمەتجان «قىزىل كاستىيۇم »نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى ۋە مەزكۇر كۇرۇسنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرىيە ياسىن  ئەمەتجان «قىزىل كاستىيۇم »غا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇنىڭ قىلغان ئەجرىگە تېخىمۇ تىرىشىپ  جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۇردى .يېتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى ھەسەنجان ئابدۇرۇف يۇسۇف ئۆز ئىجادىي ناخشىلىرى بىلەن پائالىيەتنى تېخىمۇ يۇقىرى كەيپىياتقا كۆتۈرۋەتتى .

مېرىبان ساقچىلار خەير-ساخاۋەت ئەترىتىدىن مۆمىنجان قانۇن ساۋات بويىچە مول مەزمۇنلۇق بىلىملەرنى  سۆزلەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولدى .پائالىيەت داۋامىدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومتىتى تەشۋېقات بۆلۇمىنىڭ باشلىقى شۆھرەت شەۋكەت ئاكا ئەمەتجان «قىزىل كاستىيۇم »نىڭ تۇغۇلغان  كۇنىنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى ۋە كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى بىلدۇرۇپ ئەمەتجاننى تېخىمۇ تىرىشىشقا ئۇندىدى ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنى ئەمەتجاندىن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدى .پائالىيەت ئاخىرىدا ئەمەتجان «قىزىل «كاستىيۇم »نىڭ ئايالى رەيھانگۈل غۇپۇر گۈلدەستىلىرى ئارقىلىق ئەمەتجاننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىدا ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى .ئەڭ ئاخىرىدا پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەر بۇ ئىككى ياشنىڭ تېخىمۇ ئىجىل ئىناق ئۆتىشىنى كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەم ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلىدى ۋە ھەممەيلەن بىرلىكتە ساما ئۇسۇلىغا جۆر بۇلۇپ پائالىيەت ناھايىتى يۇقىرى كەيپىيات بىلەن ئاخىرلاشتى .

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا