ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

لى كېچياڭ ئەنگلىيە يېڭى باش ۋەزىرى تېرېسا مېيغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

ۋاقتى : 2016-07-14  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

66.jpg

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14-ئىيۇل تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 13-ئىيۇل ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋەزىرى تېرېسا مېيغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
   لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ئەۋزەل تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ ئالاقىسى كۆپىيىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى كۈنسايىن قويۇقلاشتى. جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىش»تەك ئىلگىرىلەش روھىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشنى خالايدۇ.
   لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ باش ۋەزىر تېرېسا مېينىڭ بۇ يىل 9-ئايدا 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجوۋ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ قولايلىق ۋاقىتتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەنگلىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىق، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى بىرلىكتە پىلانلاشنى خالايدۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا