شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى:
مۇخبىر لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى 1 مىليون 504 مىڭ 890 ئادەم/قېتىم ئارتۇق ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق نىشان–ۋەزىپىنىڭ %68.45 ىنى ئورۇندىغان.
يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يەرلىكنىڭ يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹مەۋقەنى تۆتكە قويۇش›› (كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا، شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا بولۇشقا، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ھەل قىلىشقا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇش)تا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چارە – تەدبىر ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە، شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون 180 مىڭ 660 ئادەم/قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايون ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش بولۇپ، جەمئىي 269 مىڭ 300 ئادەم/قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىچكىرىگە ئاپىرىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك، سودا قىلغانلار 18 مىڭ 300 ئادەم/قېتىمغا يەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شېن پىڭجياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى ۋە يولى ئىكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز‹‹ ھەمراھ زاۋۇت›› ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ئەندىزىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، نەتىجىدە شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن روشەن ئاشتى. شېن پىڭجياڭ: ئەمەلىيەت ‹‹ھەمراھ زاۋۇت›› ئەندىزىسىنىڭ دېھقانلارنىڭ ناھايىتى ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، دېدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەمگەك – مۇلازىمەت ھەمكارلىقىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەمگەك – مۇلازىمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇش ۋە تەشكىللىك يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە يولغا قويدى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى قىسمەن ناھىيە (شەھەر)لەر بىلەن شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى كارخانا، تۈەن – مەيدانلارنى دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەمگەك – مۇلازىمەت ھەمكارلىقى رامكا كېلىشىمىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.
ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىچكىرىگە تەشكىللىك ئاپىرىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى نۇقتىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئارىسىدا ئۆلكە دەرىجىلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋە ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىچكىرىگە تەشكىللىك ئاپىرىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى تەدرىجىي ئاچتى، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئىچكىرى جايلار بىلەن ئەمگەك – مۇلازىمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، مۇئەييەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىمۇ ئارقا–ئارقىدىن چىقىرىلدى. بۇ يىل 5–ئايدا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى ئورنىدا مۇكاپاتلاش مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى ئېلان قىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىدىن ئىچكىرىدىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىدىن ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. يېقىندا ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى ئارخىپ–كارتا تۇرغۇزۇلغان ئەمگەك يېشىدىكى، ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئائىلىسى نامرات ئەمگەكچىلەرنى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئاز دېگەندە ھەر بىر ئائىلىدە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ سىياسەت ۋە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپە بويىچە، 2016–يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى 2 مىليون 200 مىڭ ئادەم/قېتىم ئارتۇق ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملايدىكەن.