تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: بۇ 2016-يىلى 8-ئىيۇل سۈرەتكە تارتىلغان تۇرپان يالقۇنتاغدىكى مۇرتۇق غول. ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدىن قارىغاندا، مۇرتۇق غول رەڭدار تاغ جىلغىسى ئىچىدە ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل كۆرۈنىدۇ. مۇرتۇق غول تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىگە 45 كىلومېتىر كېلىدىغان يالقۇنتاغ ئېتىكىدىن ئۆتىدۇ، تۇيۇق مىڭئۆيلىرى (بېزەكلىك مىڭئۆيى) مۇشۇ غول بويىدا . يالقۇنتاغ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئىسسىق جاي، گەرچە بۇ يەر گىياھ ئۈنمەس تاقىراڭ يەر بولسىمۇ، بىراق، جىلغىلاردا ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ. يەر پوستى ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈش يۈز بېرىپ دەريا سۈيى بۆلىنىپ شاپتۇللۇق، مۇرتۇق، تۇيۇق، لەمجىن، سۇبېشى غوللىرى ھاسىل بولغان.
ئەمگەكچان تۇرپان خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بۇ ئوت ماكانىدىكى تار جىلغىلار ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان باغۇ-بوستانلىققا ئايلانغان.