ئانا تۇپراق تورى خەۋىرى : 9-ئىيۇل غۇلجا شەھەر ئانتالىيا چاي-تائاملىرى سارىيىدا تۈركىيە دېرموكىل مەھسۇلاتلىرىنى ئىلى ئوبلاستىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىتىش مۇراسىمى ۋە تور سودىسىدا ئەڭ ئىلغار تەشكىللەش تۈرى، يېڭىچە قىياپەتتە زور نەتىجە قازىنىپ كېلىۋاتقان خۇمار گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچ ئايلىق مۇساپىسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە خۇمار گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە مەسئۇلى زۇلخۇمار رىياسەتچىلىك قىلدى.
پائالىيەت جەريانىدا تۈركىيە دېرموكىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋاكالەتچىسى بولغان زۇلقار خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇشۈكۈر غوپۇر ئەپەندىممۇ تەبرىك سۆزى قىلدى ۋە ئىلى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.
پائالىيەتكە يىپەك يولى ساداسىنىڭ 1-قارارىدىكى نۇر سەھنىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى دىليار ۋاھاپ ئالاھىدە تەكلىپ سەنئەت نومۇرى كۆرسەتتى.
بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە ئىلى قاتما قۇم سەنئىتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە مىللىي كارخانىچىلارنىڭ ئۈلگىسى، باشلامچى ئۇستازى مىنەۋەر ساۋۇت خانىم، ئىزدەن كارخانا مەسلىھەتچىلىكىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەت سۇلايمان ئىزدەن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قارلەيلىسى پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى دىلرابا، ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى گۈلشەن مۇھەممەتتۇرسۇن قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.
پائالىيەتتە يەنە خۇمار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى سۆزلىدى ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.
پائالىيەت ئاخىرىدا شىنجاڭ زۇلقار خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، تۈركىيە دېرموكىل مەھسۇلاتلىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ تارقىتىش مەسئۇلى شۆھرەت خالزات خۇلاسە سۆزى قىلدى، ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر بىر ئەزىز مېھمانلارغا تۈركىيە گىرىم بۇيۇملىرىدىن سوۋغات بۇيۇمى تارقىتىلدى.
تۈركىيە دېرموكىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىلى ئوبلاستى توپ تارقىتىش ئورنى: غۇلجا شەھەر ئىلى دەريا يولى 22-نومۇر(شاپتۇللۇق مېھمانخانا قىيباش ئۇدۇلى)
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 18690811715، 18095935551