ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

جۇڭخۇا دىيابېت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر دوختۇر ھەقسىز لېكسىيە سۆزلىدى

ۋاقتى : 2016-03-14  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

بۇ قېتىملىق لېكسىيەنىڭ تولۇق نۇسخىسى ئانا تۇپراق تورىمىز تەرىپىدىن  تولۇق سۈرەتكە ئېلىنىپ تورىغا يوللاندى.

2016-يىلى 12-مارت قارلۇق شىركىتى يىغىن زالىدا كۈندىيار شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «ديابېت ۋە ساملاملىق توغرىسىدىكى ھەقسىز لېكسىيە پائالىيىتى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق لېكسىيە پائالىيىتى ساغلاملىق ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى قېرىنداشلار شۇنداقلا دىيابېت كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەقسىز لېكسىيە بولۇپ، بۇ قېتىملىق لېكسىيەنى 19 يىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە دىيابېت كېسىلىنىڭ شىپاسىنى تاپقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، بېيجىڭدىكى دىيابېت كېسىلى مۇتەخەسسىسى، «جۇڭگو دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش قۇرۇلۇشى» نىڭ باش مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئەنۋەر مۇئەللىم سۆزلىدى. لېكسىيەدە دىيابېت كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ئىككىلەمچى دىيابېت ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەر تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، دىيابېت كېسىلىدىن ساقلىنىش ۋە ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇللىرى سۆزلەندى.

بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە ئالايىتەن خوتەن، قەشقەر، چۆچەك، جىمسار قاتارلىق يۇرتلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز قەدەم تەشرىپ قىلغان بولۇپ، يىغىن زالى ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ قىممەتلىك لېكسىيىسى ئارقىلىق ئۆز ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئىستىگەن كىشىلەر بىلەن لىق تولدى.

بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى پاتىمە ھەسەن ئۆگەن خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئارقىدىن ئەنۋەر مۇئەللىم لېكسىيەسىنى باشلىدى.يىغىن ئاخىرىدا يەنە ھەر بىر ناھىيەدىن بەش نەپەر بىمارنى ئىزچىل تۈردە ھەقسىز داۋالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇڭگو ساغلاملىق مۇنبىرىنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى، بېيجىڭ يۈشيەنتاڭ ساغلاملىق بىئو تېخنىكا شىركىتىنىڭ لىدىرى، جۇڭگو دىيابېت قۇرۇلۇشى بەل ئۇستىخان ئومۇرتقا قۇرۇلۇشى، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قۇرۇلۇشى، ئاياللار كېسەللىكلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى تاۋ جيا خانىم ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ جۇڭخۇا دىيابېت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تاۋجيا خانىم يەنە سۆزدە ئەنۋەر دوختۇرنىڭ بېيجىڭدا كىلىنكىلىق 106 بىمارنى داۋالاش نەتىجىسىدە بۇنىڭ ئىچىدىكى 104 بىماردا ياخشىلىنىش بولۇپ، ياخشىلىنىش نىسبىتى %96 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن خوتەن، چۆچەك قاتارلىق يىراق جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار دىيابېت ۋە ساغلاملىق توغرىسىدىكى سوئاللىرىنى سوراش ئارقىلىق قانائەت قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشتى، ئۇندىن سىرت «شىپايى كارامەت» دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنكى ئۈنۈمىنىڭ زورلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەنۋەر دوختۇرغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئەنۋەر دوختۇر بىلەن ھەمكارلاشقان سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى تەتقىقاتچىسى، ئىچىملىك سۇ مۇتەخەسسىسى تاڭ گېڭخوۋ ئەپەندى سۆز قىلدى.

شىنجاڭ قارلۇق مېدىئا پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نەجمىدىن ئەپەندى بۇ قېتىملىق لېكسىيەدىن ئالغان تەسىراتى ۋە ساغلاملىققا ئائىت قىسقىچە سۆز قىلدى.

ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئۇستازى يەنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى غەيرەتجان ئوسمان ئەپەندى سۆز قىلدى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى پىروفېسسورى ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئاخىرىدا لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار داۋاملىق تۈردە ديابېت ۋە ساغلاملىق توغرىسىدىكى سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئەنۋەر مۇئەللىم تەپسىلىي، ئىخچام چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

بۇ شىركەتنىڭ تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى ئىككىلەمچى دىيابېت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن. تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئىككىلەمچى دىيابېتنىڭ داۋالاش خارەكتېرلىك دورىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، «دىيابېت كېسىلى ساقايمايدۇ» دېگەن ئۇقۇمغا خاتىمە بەردى.
كۈندىيار شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ساغلاملىق ئىشتىراكچىلىرىغا «دىيابېت ۋە ساغلاملىق» توغرىسىدا ئاممىباب زۆرۈر چۈشەنچىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان دىيابېت بىمارلىرىغا تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى يېڭىلىقلارنى يەتكۈزۈش، دىيابېت كېسىلىنىڭ ۋەھىمىسىدە ياشاۋاتقان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئاساسىي مەقسەت قىلىندى.
بىز ئاخىرىدا خەلقىمىز، جۈملىدىن مەملىكىتىمىزدىكى، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادىكى دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسەل ئازابىغا شىپا تېپىش ئۈچۈن 19 يىل ئەجىر ۋە مېھنەت قىلغان، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممەيلەننىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ساغلاملىقىمىزغىلا كۆڭۈل بۆلۈشتىن سىرت يەنە ئەتراپىمىزدىكى يېقىنلىرىمىز، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوس-يارەنلىرىمىزنىڭمۇ ساغلاملىق ئېڭىنى تىكلىشىگە دەۋەت قىلىپ، ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ساغلاملىق ھەممىدىن ئەلا.

ئەنۋەر مۇئەللىم 19 يىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە دىيابېت كېسىلىنىڭ شىپاسىنى تاپقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، بېيجىڭدىكى دىيابېت كېسىلى مۇتەخەسسىسى، «جۇڭگو دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش قۇرۇلۇشى» نىڭ باش مەسئۇلى بولۇش سالاھىيىتىدە، 19 يىللىق ئەجىر مېۋىسى، يەنى دىيابېت كېسىلىنىڭ دورىسى «شىپايى كارامەت» نى تەتقىق قىلىپ، دىيارىمىزلا ئەمەس، پۈتكۈل جۇڭگوغا سۇندى، دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىقتىساد شارائىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، باھاسى مۇۋاپىق ھالدا ئىچكىرىدىكى باھاسىدىن چۈشۈرۈلۈپ، بىر يۈرۈش «شىپايى كارامەت» 480 يۈەنگە بېكىتىلدى، توردا، ئۈندىداردا ياكى تېلېفوندا سېتىۋالغۇچىلار ئادرېسىنى قالدۇرسىلا ھەر قايسى جايلارغا يەتكۈزىلىدۇ.

شىنجاڭ كۈندىيار شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇللا ئەپەندىم
 ئالاقىلىشىش نومۇرى :
ئابدۇللا-18999989767

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا