http://v.qq.com/page/o/m/y/o01594on0my.html
ئانا تۇپراق تورى خەۋىرى:2015-يىلى 8-ئىيۇل شىنجاڭ ئابىدە يېمەك-ئىچمەك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايون خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى پىشنا يېزىسغا يېتىپ بېرىپ 30مىڭ يۈەن نەق پۇل شۇنداقلا 70مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇم بىلەن ئاپەتكە ئۇچۇرغان كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ھال سورىدى .
ئىگىلىنىشىچە 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7دىن7مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە 6.5بال يەر تەۋرەپ ،6 ئادەم قازا قىلغان ،214ئادەم يارىلانغان،بۇنىڭ ئىچىدە 17ئادەمنىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر .ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ،پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايون يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى.
ئاپەت رەھىمسىز،مېھرى-مۇھەببەت چەكسىز،ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان ساخاۋەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشى بىلەن ئاپەتكە ئۇچۇرغان قېرىنداشلىرىمىزنى يالغۇز قويمىدى .
بىزئانا تۇپراق تورىمىز نامىدىن ساخاۋەت ئىشلىرىنى يېقىندىن قوللاپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا سەپنىڭ ئالدىدا ئاتلانغان شىنجاڭ ئابىدە يېمەك-ئىچمەك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كېيىنكى يوللىرىغا زور ئوتۇق ۋە بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنڭ ئاپەتكە ئۇچۇرغان رايونغا شۇنداقلا ياردەمگە موھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.بۇ قېتىملىق زىيارەتكە ئانا تۇپراق تور بېكىتمىزنىڭ مۇخبىرلىرى نەخ مەيدانغا بېرىپ زىىيارەت فىلىمى ئىشلىگەن بولۇپ مۇشۇ نەچچە كۈنگىچە ئېلان قىلىنىدۇ .
گۇما ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، گۇما ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكى، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىنىڭ غەمخورلۇقى نەتىجىسىدە زەخىملەنگەن بىمارلار چېدىر ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بىخەتەر داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىندى.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەنبەسى تېيىز، ئاپەت ئېغىر بولۇپ، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى سەككىزىنچى دەرىجە، ئالتە دەرىجىدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن كۆلەم 14 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. يەر تەۋرىگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر سىرتتا بولغاچقا، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرىگەن ئورۇن گۇما ناھىيە ئىچى بىلەن پىشنا يېزىسىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، پىشنا يېزىسى، گۇما بازىرىدا ئاپەت ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.
گۇما ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، چېدىر، يوتقان-كۆرپە، يېمەكلىك، سۇ، قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بەردى، ئەتراپتىكى ناھىيە-شەھەرلەردىن كەلگەن پىدائىيلارمۇ تېزلىكتە ئاپەت رايونىغا كېلىپ، ئاپەت ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى.