ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: جوڭشىن تورىنىڭ 3- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن سەھەردە ئالما شىركىتى 2015- يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، رەسمىي تۈردە Apple Watch نى ئېلان قىلغان. Apple Watch ئۈچ نۇسخىدا بولۇپ، Apple Watch、Apple Watch Sport
ۋە Apple Watch Edition نۇسخىلىرى بار ئىكەن. Apple Watch
ئارقىلىق تېلېفون ئۇرغىلى، ئېلخەتكە جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئېلېكتىر ماگېنىتلىق توك قاچىلاشنى قوللايدىغان بولۇپ، باتارېيەسىنىڭ توكى بىر كۈن يېتىدىكەن.
Apple Watch نىڭ كۆپ خىل پاسوندىكى سائەت قېپى بار ئىكەن، مەسىلەن داتلاشماس پولات ياكى قېنىق قارا رەڭدىكى داتلاشماس پولات سائەت قېپى، كۈمۈش رەڭ ياكى قېنىق كۈلرەڭدىكى ئاليۇمىن ئوكسىدلىق مېتال سائەت قېپى، 18K لىق ئالتۇن ياكى ئەتىرگۈل رەڭلىك ئالتۇن بېرىلگەن سائەت قېپى قاتارلىقلار. سائەت يۈزىنىڭ خاسلىقىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى تەڭشىيەلەيدىغان بولۇپ، سائەت يۈزىگە ھاۋارايدىن مەلۇمات قاتارلىقلارنى قوشالايدىكەن. Apple Watch نىڭ ئىچىگە يەنە ياڭراتقۇ ۋە مىكروفون قوشۇلغان بولۇپ، قول سائىتى ئارقىلىق تېلېفون ئالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، Apple Watchيەنە كۆك چىش ۋە WiFi ئۇلىنىشىنى قوللايدۇ.
Apple Watch ئارقىلىق، ئىشلەتكۈچىلەر Apple Pay نى ئىشلىتىپ پۇل تۆلەلەيدۇ، passbook نى قوللايدۇ، ئاچقۇچنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، توردا ياتاق تىزىملىتىشقا بولۇپلا قالماي، يەنە يىراقتا تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچقىلى بولىدۇ. Digital Touch نى ئىشلىتىش ئارقىلىق باشقا Apple Watch قا ئۇلىنىش قىلغىلى، باشقا Apple Watch ئابۇنۇتلىرىغا Sketch、Tap ۋە ھەتتا سىزنىڭ يۈرەك سوقۇشىڭىزنى ئەۋەتكىلى بولىدۇ.
ساغلاملىق جەھەتتە، Apple Watch ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى ئۆلچەپ قالماي، يەنە ئەھۋالغا ئاساسەن تەكلىپ بېرەلەيدىكەن ۋە ئابۇنۇتلارنى ئازراق ئولتۇرۇپ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشقا، دائىم چېنىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدىكەن. Apple Watch ھەر ھەپتىدە ئالدىنقى ھەپتىلىك Activity سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، سىز ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت نىشانىنى بېكىتپ بېرىدىكەن. سىز مەلۇم بىر تۈردە چېنىقۋاتقاندا Workout app سىزگە كونكرېت بولغان سانلىق ئۆلچەشلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالما شىركىتى بۈگۈن يېڭىلىغىلى بولىدىغان iOS 8.2 سىستېمىسىدا Apple Watchيۇمشاق دېتال تور دۇكانلىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى، Apple Watch قا ماس كېلىدىغان APP لەرنى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
باھا جەھەتتە، Apple Watch Sport نۇسخىسىنىڭ 38 مىللىمىتىرلىق سائەت يۈزى نۇسخىسى 349 دوللارغا، 42 مىللىمىتىرلىق سائەت يۈزى نۇسخىسى 399 دوللارغا سېتلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. Apple Watch نىڭ 38 مىللىمىتىرلىق سائەت يۈزى نۇسىخىسىنى 549 دوللاردىن 1049 دوللارغىچە، 42 مىللىمىتىرلىق سائەت يۈزى نۇسخىسىنى 599 دوللاردىن 1099 دوللارغىچە ساتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا Apple Watch Edition نۇسخىسى مەخسۇس زاكاز قىلىپ ياسىلىدىغان نۇسخىسى بولۇپ، 18K لىق ئالتۇن ياكى ئەتىرگۈل رەڭلىك ئالتۇن بېرىلگەن نۇسخىسىنى 10 مىڭ دوللارغا سېتىلىدىكەن.
Apple Watch 4- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ زاكاز قىلىنىپ، 4- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىدۇ، Apple Watch دەسلەپكى قەدەمدە سېتلىدىغان دۆلەتللەر ئىچىدە جوڭگۇمۇ بار.