سۇمۇرغ تورىنىڭ 8-مارت خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تەخمىنەن يەر شارىنىڭ ئۈچ ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان «Gliese 581d» ئىنسانلارنىڭ قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا بايقىغان تۇنجى ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان بەلباغقا جايلاشقان پىلانېتا بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى» دەپ ئاتالغان. ئۇ يەر شارىدىن 22 نۇر يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، پايانسىز ئالەم بوشلۇقىدا يەنىلا «قوشنا» بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، ئىلگىرى ئالىملار بۇ پلانېتانى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىغان.
«Gliese 581d» يۇلتۇزى «Gliese 581» نى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان بولۇپ، «Gliese 581» نىڭ ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان بەلبېغىغا جايلاشقان، بۇ پىلانېتا ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا كۆچمەن بولۇشىدىكى يوشۇرۇن تاللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيە كۈۋىن مارىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور ئانگىلادا ئەسچېرنىڭ ئېيتىشىچە « Gliese 581d نىڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە بولماسلىقى چوڭ ئىشلارغا چېتىلىدىكەن، چۈنكى بۇ تۇنجى قېتىم يەنە بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان بەلبېغىدا يەر شارىغا ئوخشايدىغان پلانېتانى بايقاش ئىكەن».
Gliese 581d نىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى ئىلگىرى خېلى تالاش تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاسترونومىيە ئالىملىرى 2010-يىلىلا Gliese 581d دىن تارقالغان سىگنالنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالىملىرى 2014-يىلىدىكى ئانالىزىدا بۇ سىگناللارنى يەر شارىدىن 22 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى باشقا يۇلتۇزلار چىقارغان «شاۋقۇن» دەپ قاراپ، «Gliese 581d» ۋە «Gliese 581» نى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلغان.
ئەمما ئەنگلىيەلىك ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى «Gliese 581d» نىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەنگلىيە كۈۋىن مارىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خېرتفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى ئالىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پېنسىلۋانىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالىملىرى چوڭ پلانېتىلارنى تەتقىق قىلغادا كىچىك سەييارىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇلنى ئىشلەتكەن بولۇپ، مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن «Gliese 581d» نى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تېخىمۇ توغرا تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئەنگلىيەلىك ئالىملار «Gliese 581d» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەرجىمىدە: ھاجىم