سۇمۇرغ پەن - تېخنىكىسى خەۋىرى ، ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى
ئارخېئولوگلار ئەڭ قەدىمكى ئىنسان مېڭىسىنى بايقىغان بولۇپ ، لاينىڭ قوغدىشى ئاستىدا تەخمىنەن 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ساقلانغان ئىكەن . بۇ ئارخېئولوگىيە ساھەسى ئۈچۈن زور بايقاش ھېسابلىنىدۇ .
ئالىملارنىڭ بايقىشىچە ، باش سۆڭەككە ھېچقانداق قۇرۇتۇش ياكى چىرىشتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىلمىغان ئىكەن . بۇ x نۇرى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىقىلغان مېڭە توقۇلمىلىرى .
قېزىۋېلىنغان ۋاقتىدا ، سۆڭەكنىڭ يۈز قىسمى پەسكە قارىتىلىپ لاي ئازگىلىغا كۆمۈلگەن بولۇپ ، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىنىڭ ھېچقانداق قالدۇقلىرى بايقالمىغان .
دەسلىپىدە ئارخېئولوگلار بۇ باش سۆڭىكىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە يېرى يوق دەپ قارىغان ، ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق سېرىق بۇلۇتسىمان ماددىلارنى بايقاپ ، بۇنىڭ ئىنسان مېڭىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان .
بىرادفورد ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورىنىڭ ئېيتىشىچە ، چوڭ مېڭىدە سۇ بىرىكمە ماددىلىرى بايقالغان بولۇپ ، ھەتتا باشقا ھېچقانداق چىرىشتىن ساقلاش ئىزنالىرى بايقالمىغان ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى باش كېسىۋېلىنغان ھامان دەرھاللا لايغا كۆمىۋىتىلگەن .
ئارخېئولوگلار يوكتۇستا بۇ ئېڭەك ۋە ئىككى تال ئومۇرتقا سۆڭىكى بار باش سۆڭەكنى بايقىغان .