تېڭشۈن پەن-تېخنىكا تورى 28-فېۋرال خەۋىرى: ئامازون نەچچە تۈرلۈك تىرانسپورت سىستېمىسى پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلدى، يېڭى سىستېمىدىكى مال يەتكۈزۈش ماشىنىسىدا تاۋارلارنى بىۋاسىتە بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ.
يېقىندا ئامازون ئىزچىل ھالدا يېڭى تىرانسپورت ئۇسۇلىنى تەجرىبە قىلىپ كەلدى، ئەمما ئامازون ھامان بىر كۈنى تاۋارلانى توشۇش مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ. ئامازون 3D بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ خېرىدارنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى يولدا تاۋارلارنى ياسىيالايدۇ. ئامازون يېڭى پاتېنتىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: مەزكۇر سىستېما «كۆچمە ياساش مەركىزى»دە تاۋارلارنى تەلەپ بويىچە ياساپ چىقىرىدۇ، كۆچمە ياساش مەركىزى بولسا 3D بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسى سەپلەنگەن يۈك ئاپتوموبىلىدىن ئىبارەت. توشۇش جەريانىدا يۈك ئاپتوموبىلى تېز سۈرئەتتە ياساپ چىقالايدۇ ۋە تاۋارلارنى تاپشۇرۇپ بېرەلەيدۇ.
ئامازوننىڭ پاتېنت ھۆججىتىدە دېيىلىشىچە، يېڭى سىستېما مال يەتكۈزۈپ بېرىش تەرتىپىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېزلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئامازوننىڭ مال ساقلاش ئىسكىلاتىنى كىچىكلىتىدىكەن. ئامازوننىڭ پاتېنت ھۆججىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: خېرىدارنىڭ مال زاكاز قىلىش ۋە مال يەتكۈزۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى خېرىدارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شىركەت كىرىمىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
«ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، ئامازون كۆچمە ياساش مەركىزى خېرىدارلارنى زاپچاس ياكى 3D تېخنىكىسىدا بېسىپ چىقىرىلغان تاۋارلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئامازون ئەزەلدىن كۆچمە ياساش مەركىزى پاتېنتىغا ئېرىشىپ باقمىغان، ئەمما بۇ ئامازوننىڭ تېز يەتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىشتىكى ئەڭ يېڭى پىلانى. 2014-يىلى يىل بېشىدا ئامازون «مۇددەتتىن بۇرۇن مال يەتكۈزۈش» پاتېنتىغا ئېرىشكەن، خېرىدارنىڭ ئىزدىشى ۋە سېتىۋېلىش ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئامازون خېرىدارلارنىڭ سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدىكەن ھەمدە مال توشۇش مەركىزىگە مۇددەتتىن بۇرۇن مال يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.
ئامازون بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭى نۇسخىدىكى قاتتىق دېتالدىن پايدىلىنىپ مال توشۇش ۋاقتىنى قىسقارتىشنى پىلانلىدى. 2013-يىلى ئامازون ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە بىر تۈرلۈك پىلان ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق بىر قىسىم تاۋارلارنى يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
تەرجىمىدە: لوقمان