ئالىمجان شۈكۈر
خورلاش جىنايىتى دېگىنىمىز، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنى دائىم ئۇرۇش، تىللاش، باغلاپ قويۇش، ئەركىنلىكىنى چەكلەش، غۇرۇرىغا تېگىش، ئاچ – يالىڭاچ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازابلاپ ھەم قىيناپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولۇشتەك قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
خورلاش جىنايىتىنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى پەرقلەندۈرۈش لازىم:
1. خورلاش جىنايىتى شەكىللىنىشتە ئائىلە ئەزالىرىنى خورلاش قىلمىشى قەبىھ بولۇشى، خورلاش قىلمىشى دائىملىق ۋە ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئۇرۇش، تىللاش، ئاچ قويۇش، ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق قىلمىشلار خورلاش جىنايىتىگە توشمايدۇ. بۇنداق قىلمىشلار ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىسىلا، تەنقىد – تەربىيە بېرىش ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.
2. خورلاش جىنايىتى بىلەن باشقا جىنايەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. خورلاش جىنايىتى پەقەت ئائىلە ئەزالىرى ياكى مەلۇم ئۇرۇق – تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى يۆلەك بولۇش مەجبۇرىيىتى بارلاردىن قىلمىش سادىر قىلغاندا شەكىللىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ياكى ئۇرۇق – تۇغقانلاردىن باشقىلار يەنى ئۇستاز شاگىرتىنى، يەسلى خادىملىرى نارەسىدە بالىلارنى خورلىغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى كونكرېت قىلمىشىغا قارىتا جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار ماددا بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك .
خورلاش قىلمىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر زەخىملىنىش، ئۆلۈش ئاقىۋىتى ئادەتتە خورلاش قىلمىشىنىڭ كىچىكلىكتىن چوڭىيىشى، تاسادىپىيلىقتىن ئادەتلىنىش، ئىزچىل داۋاملىشىش شۇنىڭدەك تەدرىجىي ئېغىر زەخىملىنىش، ئۆلۈشىنى ياكى ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. بىرلا قېتىملىق زورلۇق قىلمىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئېغىر زەخىملەندۈرگەن ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى ياكى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.