ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  قانۇن ۋە دېلو

قارا نىيەتلەر يۈز نىقابىدىن پايدىلىنىپ دېلو سادىر قىلماقتا

ۋاقتى : 2013-12-09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

W020131203322558201445.jpg W020131203322558201445.jpg

بىر دانە يۈز نىقاب ئارقىلىق بىردەمدىلا يۈزىڭىزنى ئالماشتۇرالايسىز. يېقىندىن بۇيان، مەملىكىتىمىز ساقچىلىرى پاش قىلغان نۇرغۇن دېلودىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۈز نىقابلار ھازىر دائىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن پايدىلىنىلىپ، دېلو پاش قىلىشقا دەخلى يەتكۈزىدىغان بىر ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالماقتا.

 

W020131203322558447305.jpg 

 

يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى بېڭبو شەھەرلىك ساقچى تەرەپ بىر ئوغرىلىق شايكىسىنى پاش قىلىپ، ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى. ساقچى تەرەپ ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلىدا ئوغرىلىق دېلوسى سادىر قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان يۈز نىقابى، يالغان چاچ قاتارلىق بۇيۇملارنى تېپىپ چىقتى. تەكشۈرۈلۈشچە، بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارى يۈز نىقابتىن پايدىلىنىپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي، سۇجۇ، بېڭبو قاتارلىق جايلىرىدا 20 نەچچە قېتىم دېلو سادىر قىلغان. 

 

ئىگىلىنىشچە، ئەترەڭ سىلىتسىي يېلىمىدىن ياسالغان بۇ يۈز نىقابنىڭ بەش ئەزاسى «بېجىرىم» بولۇپ، ئادەم تۇتقاندا تېرىدەكلا بىلىنىدىكەن، بۇنى يۈزگە قاپلاپ قويسىلا 20 ياشلىق يىگىتلەر 40 ياشلىق قىران كىشىلەرگە ئايلىنالايدىكەن، پۈتۈن جەريانغا نەچچە 10 سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدىكەن. 

 

دېلو بېجىرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ليۇ فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارى ئىلگىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئوغرىلاپ 13 يىل كېسىلگەن بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان رازۋېدكىغا قارشى تۇرۇش تەجرىبىسى بار ئىكەن، بۇنداق قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ دېلو سادىر قىلمىقى ئاسان ئىكەن. ئۇلار يۈز نىقاب ۋە يالغان چاچ كېيىۋالغاندىن كېيىن، كامېراغا چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، ساقچى تەرەپ ئۇلارنىڭ توغرا چىراي ئالاھىدىلىكىگە ئېرىشەلمەيدىكەن. 

 

بۇ يىل، جايلاردا كۆپ قېتىم «چىراي ئۆزگەرتىپ» ئوغرىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش دېلولىرى يۈز بەردى. مەسىلەن، بۇ يىل 2- ئايدا، گۇاڭجۇنىڭ لېۋەن دېگەن يېرىدە بىر ئەر خەقنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، قىممىتى بىر مىليون يۈەنگە يېتىدىغان بېزەك بۇيۇمىنى ئوغرىلاپ، ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يۈز نىقاب كىيىپ قېچىپ كەتتى. ساقچىلار يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىز قوغلىغاندىن كېيىن ئۇنى ئاران تۇتالىدى. 

 

تېخى يېقىندىلا، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ساقچىلار بىر تۈركۈم يۈز نىقابتىن پايدىلىنىپ مەخسۇس بانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكۈنىسىدىن پۇل ئوغرىلايدىغان جىنايى ئۇنسۇرلارنى تۇتتى. ليۇ فامىلىلىكنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇلار دېلو سادىر قىلغاندا ئىشلەتكەن يۈز نىقابنى توردىن سېتىۋالغان بولۇپ، باھاسى 800 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا