
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 16-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇگاندادىكى بىر نەپەر 18 ياشلىق ھامىلىدار قىزچاق ئالدىنقى كۈنى قولىغا پىچاق كۆتۈرگەن ھالدا ئۆزىگە ئۇزۇن يىل باسقۇنچىلىق قىلىپ كەلگەن دادىسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولۇپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشتى، مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل باش سوتچى ئاخىرى ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇنى پەقەت ئالتە سائەت قاماقتا تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان ۋە شۇنداقلا بۇ قىزچاقنى «قىز-ئاياللارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلارغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئۈلگە» دەپ جاكارلىغان، ئۇگاندا پارلامېنتىنىڭ مەلۇم بىر ئەزاسى مۇنداق دېدى:«بىز سوت مەھكىمىسىنىڭ ناھايىتى توغرا ھۆكۈم چىقارغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق.»
ئۇگاندا دۆلەت قارمىقىدىكى «يېڭى قاراش گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىزچاق» 13 يېشىدىن باشلاپ ئۆز دادىسىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بەش يىلدىن بۇيان قانچە قېتىم ئۆزىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ساناپمۇ بېرەلمەيدىكەن. يېقىندا بۇ قىز ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىز مەزگىل بولسىمۇ دادىسىنىڭ ھايۋان كەبى قىلىقلىرىدىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئويلىغان، بىراق ئويلىمىغان يەردىن دادىسى نومۇسسىزلارچە ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىپ مۇنداق دېگەن، سەن خۇددى ئىككى ئاچاڭغا ئوخشاش بۇندىن كېيىنمۇ مېنىڭ ھاجىتىمدىن چىقىسەن ۋە شۇنداقلا ماڭا بالا تۇغۇپ بېرىسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆلگۈر دادىسىدىن بىر ئۆمۈر قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بۇ قىز ئاخىرى ئاچچىقىغا پايلىماي 58 ياشلىق ھايۋان دادىسىنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرىۋەتكەن