يۇلتۇز ئەخمەت
تۇرمۇش كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بەزى ئاياللار يەنىلا ئائىلە زوراۋانلىقىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدىكى سوت مەھكىمىلىرى تاپشۇرۇۋالغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدا ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن.
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىكاھ قانۇنىدا ‹‹ئائىلە زوراۋانلىقى مەنئى قىلىنىدۇ›› دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. ئائىلە زوراۋانلىقى، بولۇپمۇ ئاياللارغا قارىتىلغان ئائىلە زوراۋانلىقى بۈگۈنكى دۇنيادا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلە. ب د ت 1992 – يىلى ماقۇللىغان ‹‹ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش خىتابنامىسى››دە ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئاياللارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە زىيان – زەخمەت يەتكۈزگەن، ئازاب سالغان ياكى زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈش، ئازاب سېلىش ئېھتىمالى بولغان زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى، جۈملىدىن مەيلى ئوپچە تۇرمۇش ياكى خۇسۇسىي تۇرمۇشتا بولسۇن، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن ئۇلارنى خالىغانچە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەبىر بېرىلگەن. 1995 – يىلى ئېچىلغان دۇنيا ئاياللار يىغىنىنىڭ ‹‹ھەرىكەت پىروگراممىسى››نىڭ 113 – ماددىسىدا: ‹‹ئائىلىدە ئاياللارغا قىلىنغان زوراۋانلىق جىسمانىي، روھىي ۋە جىنسىي جەھەتتىكى زوراۋانلىقنى، جۈملىدىن ئاياللارنى ئۇرۇش، قىز بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن خورلاش، قىز مېلىغا چېقىلىش، ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىپ، ئۇلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈش ۋە ئاياللارغا زىيانلىق بولغان باشقا ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەر››نى كۆرسىتىدۇ،›› دېيىلگەن. بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹نىكاھ قانۇنى››دا: ‹‹ئائىلە زوراۋانلىقى مەنئى قىلىنىدۇ›› دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. بۇنىڭ بىلەن ‹‹ئائىلە زوراۋانلىقى›› دېگەن سۆز دۆلىتىمىز قانۇنىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئائىلە زوراۋانلىقى ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن، ئائىلە ئەزالىرىنى ئۇرۇش، باغلاش، سولاپ قويۇش، زەخىملەندۈرۈش يولى بىلەن ۋە باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن جىسمانىي، روھىي، جىنسىي جەھەتتىن زەخىملەندۈرىدىغان ۋە نابۇت قىلىدىغان ھەرىكەتتۇر. ئۇ ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىش. بۇنداق قىلمىشنى يۈرگۈزگۈچىلەر چوقۇم قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
① ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىكاھ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئائىلە زوراۋانلىقى نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلەيدىغان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
② مەمۇرىي جاۋابكارلىق. ‹‹ئامانلىق ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامى››دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.
③ جىنايى جاۋابكارلىق. ئائىلە زوراۋانلىقى ئېغىرلىشىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، يەنى زوراۋانلىق جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش خاراكتېرىنى ئالغان ۋە قانۇن بويىچە جىنايى جازاغا تارتىلىشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاندا، ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئېغىر ئائىلە زوراۋانلىقى ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى خورلاش جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، ھاقارەتلەش جىنايىتى دېگەنگە ئوخشاش جىنايەت ناملىرىغا تاقىلىدۇ. بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىكاھ قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئائىلە زوراۋانلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆۋەندىكىدەك ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ:
① ئائىلە زوراۋانلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلسا، شەھەر، يېزا ۋە كەنتلەردىكى ئاھالە كومىتېتى ۋە شۇلارنىڭ خىزمەت ئورنى نەسىھەت قىلىشى، مۇرەسسە قىلىشى كېرەك.
② ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىنىۋاتقاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلسا، ج خ ئورگىنى چەكلىشى كېرەك.
③ ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىنغاندا ياكى ئائىلە ئەزاسى خورلانغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلسا، ج خ ئورگىنى زىيانكەشلىك قىلغۇچىغا ئامانلىق ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاشقا دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسەن مەمۇرىي جازا بېرىشى لازىم.
④ ئائىلە زوراۋانلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىشنى ئىككى تەرەپنىڭ بىر – بىرىدىن ھەقىقەتەن كۆڭلى قالغانلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدىن زىيانكەشلىك قىلغۇچىنى زىياننى تۆلەيدىغان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
⑤ ئائىلە زوراۋانلىقى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆزى ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە تەھقىقلىشى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئەيىبلىشى كېرەك.
ئائىلە زوراۋانلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جىنايى ئىشلار بويىچە ئەرز قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ زىيانكەشلىك قىلغۇچىنى جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە، مۇناسىپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم بۇيرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.