ئەگەردە بىراۋ مەندىن: «دۇنيادا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر كىم؟» دەپ سورىسا، «ئاتا-ئانا» دەپ جاۋاب بېرىمەن، مەنلا ئەمەس، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇنداق جاۋاب بىرىدۇ.چۈنكى ئۇلار بىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغۇچى، بىزنىڭ بۈگۈنىمىزنى ياراتقۇچى، ئۇلارسىز سىز نەدە؟ مەن نەدە؟ ئۇلار بىزگە ھەممىنى بەردى، ئۇلار مۇھىمى بىزگە قانداق ياشاشنى ئۆگەتتى ھەم ئۆگىتىۋاتىدۇ. مانا يىللار ئىزناسى ئاتا-ئانىلىرىمىزغا چىرايلىق قورۇقلارنى، قاردەك ئاپئاق چاچلارنى سوۋغا قىلىپ، ئۇلار ياشانغان دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. ئادەمنىڭ ياشانغان مەزگىلى ھاياتلىق تەجىرىبىلىرى تازا موللاشقان، خاراكتېرى پىشقان، ئوي-پىكىرى چوڭقۇرلاشقان، كەڭ قورساق، ئەپۇچان، جەمئىيەت، ئائىلە، مىللەت، ھەتتا دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدىغان مەزگىلىدۇر. كىشى دەل مۇشۇ مەزگىلگە قەدەم قويغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئاجىزلاپ بارىدىغان بولغاچقا، جەمئىيەتنىڭ، پەرزەنتلەرنىڭ تېخىمۇ ئېتىبارغا ئېلىشىغا مۇھتاج بۇلىدۇ. ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، دۆلىتىمىز ياكى ئاپتونوم رايونىمىز بولسۇن، ئاللىبۇرۇن ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇپ بولدى، ياشانغانلارغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىش بىر تەخىرسىز مەسىلە. ھازىر جەمئىيەت نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، بەزى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ‹‹ئاتا-ئانىلىرىمىز›› تېمىسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولماقتا. جەمئىيەتتىمۇ ياشانغانلار ئۈچۈن تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر كۆپەيمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىسمەن كىشىلەردە ياشانغانلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، مەنسىتمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولماقتا. ياشانغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا ئىنكاسى ئاستاراق بولىدۇ. ئىش بېجىرىشتە قىينىلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئەتراپتىكىلەر، بولۇپمۇ ياشلارئۇلارغا كۆپرەك كۈيۈنىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.بىر ئادەم پېنسىيەگە چىقسا ياكى ياشانغان دەۋرىگە قەدەم قويسا جەمئىيەتتىكى ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشەلمەي ئەكسىچە چەتكە قېقىلسا، بىھۇدە كەمسىتىلسە بۇ چەكتىن ئاشقان ئادالەتسىزلىك بولماي نېمە؟ ئۇنداقلار ئۆزىگە قانداق يۈز كېلەلەيدۇ؟
مەن يېقىندا، مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلاپ بەكلا ئەپسۇسلاندىم. مەلۇم بىر ياشانغان كىشى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزىدىكى بار ئىقتىدارنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ماقالە-ئەسەر يېزىپ مەلۇم يەرلىك گېزىتخانىغا ئاپارسا، باشقۇرغۇچى گېزىت بېتىنىڭ بەك قىسلىقىنى، شۇڭا پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئەسەرلىرى بىردەك بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ ياشانغان كىشىنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرۈپتۇ. مەلۇم ئورۇننىڭ بىر ئىختىيارىي مۇخبىرى تۆھپىسى گەۋدىلىك، پېنسىيەگە چىققان بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ يېزىپ مەلۇم يەرلىك گېزىتكە تاپشۇرسا، گېزىتخانىدىكى ئالاقىدار كىشى بۇ ماقالىنىڭ ئۇ كىشى پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن يېزىلمىغانلىقىنى، پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلارنى تونۇشتۇرۇشقا ئامالسىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بۇ ماقالىنى قوبۇل قىلماپتۇ. دوستلار، جەمئىيەتتە يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان، ياشانغانلار كەمسىتىلگەن بىنورمال ئەھۋاللارنى كىم يەنە يوق دەپ ئېيتالايدۇ؟ شۇ نەرسە ئايدىڭكى، جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر كىشى ئەگەر نېسىپ بولسا ئۇمۇ ياشانغان دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ، بۇ بىر مۇقەرەرلىك ، ياش چېغىدا ياشانغانلارنى مەنسىتمىگەنلەر ئۆزلىرى ياشانغاندا مۇشۇ خىل ئەھۋالغا يولۇقسا، ئۇلارنىڭ كۆڭلى قانچىلىك ئازار يەر؟ شۇڭا ھەركىم «بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم« دېگەن ھېكمەتنى ئەستىن چىقارماسلىقى زۆرۈردۇر. ھازىر بەزى پەرزەنتلەر باھانا-سەۋەب كۆرسىتىپ ئاتا-ئانىمىزغا قاراش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئوبدان ئادا قىلالمايۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بۇ جەھەتتە بالىلىرىمىزغا ياخشى ئۈلگە بولالمىدۇق، بىز پەرزەنتلەرنى ئۆزىمىزگە ئوخشاش تەربىيەلەشتىن يىراقلاپ مېڭىۋاتىمىز ، بىر قىسىملىرىمىزدا «مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا» دېگەندەك ئىشلار بەكلا ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
بىز بىباھا گۆھىرىمىز بولغان ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ مېھرىمىزگە قانسا، ئۇلارنىڭ روھىنىڭ تېتىكلىشىپ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچ ۋە قىزغىنلىقىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. ئەمەلىيەتتە بىز پەرزەنتلەرنىڭ ئالدىراشچىلىقنى باھانا قىلىپ ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ يېنىغا بارماسلىقىمىزغا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىمىزگە تۇتامغا چىققۇدەك باھانە- سەۋەبىمىز يوق. نۆۋەتتە، بىز تېز تەرەققىيات دەۋرىدە ياشاۋاتساقمۇ بىزگە بىر نەرسە ئورتاق، ئۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاتاـئانىلىرىمىزغا بولغان مېھرى ـ مۇھەببەت. ئىلگىرىمۇ سەككىز سائەت خىزمەت قىلاتتۇق، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.
باشقا تىجارەت، ئىش-پائالىيەتلەرمۇ مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە قىلىنىدۇ، بەختىمىزگە ھازىر شەنبە ـ يەكشەنبە كۈنلىرى دەم ئالىمىز، باشقا ئارام كۈنلىرىمىزمۇ خېلى بار.بىز پەقەت قۇرۇق باھانە ئىزدىمىسەكلا، ئۆزىمىزدە ئاتا ـ ئانىللىرىمىزغا قارىغۇدەك، ئۇلار بىلەن ھال-مۇڭ بولغۇدەك يېتەرلىك ۋاقتىمىز بار. ئەگەر ئاتا ـ ئانىلىرىمىز كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇلارغا نەچچە ھەسسە مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزمەك بەكمۇ زۆرۈردۇر. ياشانغانلار ھازىر تېز قېرىپ كېتىپ بارماقتا. بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم ياشانغانلىرىمىزدىكى كېسەللىك، ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالماسلىق ئەھۋاللىرى ئۇلارنى بەكلا بىچارە ھالەتكە چۈشۈرمەكتە.بىر قىسىم ئاتا ـ ئانىلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىمۇ بىزنىڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە مۇھتاج بولماقتا. مەملىكەتتىكى 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئىچكى نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى تەكشۈرىدۇ. جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ پەرزەنتلەرنىڭ ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە نىسبەتەن چۈشەنچە ئېنىق بولمىغاچقا، نۇرغۇن ياشانغانلىرىمىز جەمئىيەتتىكىلەردىن نومۇس قىلىپ بۇ كېسەلنى تەكشۈرتمەيدۇ ياكى تەكشۈرتۈشنى خالىمايدۇ. نۆۋەتتە، بۇ كېسەلنى ئالاقىدار ئورۇنلار ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تۈرىگە كىرگۈزۈشى تەخىرسىز بىر مەسىلىگە ئايلاندى. ھازىر نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ‹‹ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى« دېگەن نامنى»ياشانغانلاردىكى ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلىك كېسىلى›› دېگەنگە ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلماقتا، بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلارغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.
قىسقىسى، ياشانغانلار ئەڭ سۆيۈملۈك ھەم ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلىرىمىزدۇر. ئۇلار ياش، قىران ۋاقىتلىرىدا بىزگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ قاتارغا قوشتى، ئەمدى بىز ئۇلارغا ئەجىر-مېھنەت سىڭدۈرىدىغان، مېھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى.
كېلىڭلار دوستلار، ھەممىمىزنىڭ قىممەتلىك بىباھا بايلىقى ھېسابلىنىدىغان ياشانغانلىرىمىزغا مېھىر بېرەيلى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەرگىز يالغۇز ھېس قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر نېسىپ بولسۇن! (تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم)