روزى مۇھەممەدقۇربان
مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: ئۆزۈڭنى پەرق ئەت! ئەگەر ئۆزۈڭنى ئىزدىسەڭ ئاۋام ئىچىدىن ئىزدە. تامچە سۇ دېڭىز ئىچىدە خورىماس، كىشى ئەل ئارىسىدا يوقالماس. ئاۋام بىر ئېتىز، بىر باغ، بىر خەزىنە. شۇڭا ئاۋام ئىچىدىكى ئورنۇڭدىن مەمنۇن بول.
مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: ئۆزۈڭنى بىل! دېڭىز - ئوكيانلار گۈزەل دولقۇنلىرى بىلەن تۈرلۈك نېمەتلەرنى سەن ئۈچۈن ھازىرلىغان، ئاي ۋە يۇلتۇزلار سەن ئۈچۈن پەرۋانە، بۇلۇتلار سەن ئۈچۈن يامغۇر تۆكۈپ، چىمەنزارلارنى ۋە مېۋىلىك باغلارنى پەرۋىش قىلىدۇ، دەل - دەرەخلەرنى سەن ئۈچۈن ياشارتىدۇ.
مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: ئۆزۈڭگە ئىشەن! شۇندىلا ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ۋە سېنى ياخشى كۆرگەنلەر ئۈچۈن ياشىيالايسەن. شۇنداق بولغاندا ئاخىرىدا ئۇچراتقىنىڭ سۆيۈملۈك ئۆزۈڭدۈرسەن.