‹‹ ئۇغالنىسە نۇرمەمەت ››
مىنىڭ بەش ياش ۋاقىتلىرىمغۇ دەيمەن ، قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكى ئېنىق ئىسىمدە يوق، ئىسىمدە قېلىشچە ئاتا-ئانامنىڭ بىرەر قېتىم قاتتىقراق گەپ تالىشىپ قالغانلىغىنى بىلمەيمەن ، دادام ، ئانام ناھايتى ئىناق ئۈتەتتى ، بىر- بىرىنى ناھايتى ھۆرمەت قىلاتتى ، بۇلۇپمۇ دادام ناھايتى كۆيۈمچان ئىنسان ئىدى ، دادام ، ئانام تاماق ئىتىۋاتسا ئۇچاققا ئوت قالايىتتى ، ئانام سەي- پەي تەييارلاپ قۇيۇپ پىلتە قىلسا . دادام سەي قورۇيىتتى ، ئانام قازانغا خېمىرنى ئۇششاق ئۈزۈپ تاشلىسا . داداممۇ قازانغا ئۈزۈپ تاشلاييىتتى . ئاندىن تەييار بولغان تاماقنى ھەممىمىز خۇشال-خۇرام ئولتۇرۇپ يەيىتتۇق ، دادام ھەر كۈنى مەكتەپتىن ئۇدۇللا بازارغا بېرىپ . تۇخۇم ، لەمپۇڭ دىگەندەك پارچە – پۇچەك نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ بىزنى ناھايتى خۇش قىلىۋىتەتتى ، مەن دادامغا بەكلا ھەۋەس قىلاتتىم ، دادام ئانامغا بەكلا كۈينەتتى ،ئانام كىچىك ئۇكامنى تۇغقان ۋاقىتتا بازار- دىكى كاۋاپلارغا‹‹ ياغ ئارلاشتۇرىدۇ ›› دەپ . ھەركۈنى بازاردىن قارا گۆشتىن ئەكىلىپ . گۆشلىرىنى شىلىپ ئانامغا كاۋاپ قىلىپ بىرەتتى ، دادام ئەنە ئاشۇنداق كۆيۈمچان ئىنسان ئىدى ، ئائىلىمىزدىكى بەخىتنى كۆرۈپ قۇلۇم – قوشنىلار ھەۋەس قىلاتتى ، مەن مۇشۇنداق ئائىلىدە چوڭ بۇلىۋاتقىنىمدىن ئۈزۈمنى بەختلىك ھېس قىلاتتىم ، كىم بىلسۇن بۇ بەخت ئۇزاققا بارمىدى . بۇ ئىناق ئائىلىمىزگە كۆز تەگدى بولغاي ئۇزۇنغا بارمايلا دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتسىز ئائىلىگە ئايلىنىپ قالدى ، مىنىڭ يەتتە ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك . دادام ‹‹ مەكتەپتە نۆۋەتچى ›› دەپ ئۆيگە كەلمەيدىغان بۇلىۋالدى ئۆيگە كەلسە ئەدىيالنى بېشىغا يۆگەپ ياتاتتى ، تاماق يىگىلىمۇ ئۇنمايىتتى ، ھەتتا ئۆيدىن بىر تامچە سۇمۇ ئىچممەيىتتى ، ئۆيدە قانداق ئىش چىقىشتىن قەتىئىي نەزەر ‹‹ مەكتەپكە چىقىمەن ›› دەپ چىقىپ كىتەتتى ، باشقا ئاياللار ئانامغا ‹‹ ئىرىڭىز سىرىتتا باشقا بىرى بىلەن تېپىشىپ قاپتۇ ›› دېگەن گەپ – سۆز لەرنى قىلغاندا ئانام ‹‹ سىز خاتا كۆرۈپ قالغان ئوخشايسىز . مىنىڭ ئىرىم ھەرگىز ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ ›› دەپ ئىشەنمەي دادامنىڭ بۇ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ‹‹ خىزمەتتە ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغان ئوخشايدۇ ›› دەپ ئويلايىتتى ، ھەمدە دادامغا بۇرۇنقىدىن كۈينىشكە باشلىدى ، لېكىن ئانامنىڭ ئويلىغانلىرى پۈتۈنلەي خاتا ئىدى ، دادام راستىنلا باشقىلار ئېيىتقاندەك سىرىتتا باشقا بىر ئايال بىلەن تېپىشىپ قالغان ئىدى ، دادامنىڭ قاپىقىنىڭ تۈرۇلۇپ قېلىشى ، ئۆيگە كەلمەسلىگى ، ئۆيگە كەلسە ئەدىيالنى بېشىغا يۆگەپ يېتىشىغا . دەل شۇ ئۈچىنچى شەخىس سەۋەپچى بولغان ئىدى ، شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ ئائىلىدە كۈلكە ، بەخت يۇقالدى ، بىر كۈنى ئاخشىمى . دادام - ئاخىرى ئانامغا ئاجرىشىشنى ئوتتۇرغا قويدى ، ئانام- گەپ قىلمايلا ئۇخلاپ قالدى ، ئەتىسى ئاخشىمى دادام - ئانامغا يەنە ‹‹ ئاجىرشايلى ›› دېدى . ئانام گەپ قىلماي بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ‹‹ نىمىشقا ؟ ›› دەپ سوردى . ‹‹ نىمىشقا ئىكەنلىگىنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن . بىز چوقۇم ئاجىرشىمىز ›› دېدى ، ئانام -‹‹ مەن بۇرۇن بىر بالىمىز بار چېغىدا ئاجرىشايلى دىسەم . نىىمە دېگەن ئىسىڭىزدىمۇ ؟ سىز ئەينى – ۋاقىتتا : مەن يىتىمنىڭ دەردىنى بەك تارىتقان باللىرىمىزنىڭمۇ شۇنداق كۈنگە قېلىشىنى خالىمايمەن : دەپ ئاجرا-شقىلى ئۇنىمىغان . لېكىن ھازىر بالا بىر ئەمەس ئۈچ ، ئۇلار يىتىمنىڭ دەردىنى قانچىلىك تار تار ، مەن بالىلارنىڭ ھەرگىز سىزدەك كۈنگە قېلىشىنى خالىمايمەن ›› دەپ ئاجراشقىلى ئۇنۇمىدى ، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىسى - جىمىپلا قالدى ، مەن كىچىك ئۇكام بىلەن ئچكىردىكى ئۆيدە ياتقاچقا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ياتقان ئىدىم ، دادام- ئەتىسى ئاخشىمى ئانامغا يەنە ئاجىرىشىش تەلىپىنى قويدى . ئانام - ‹‹ بوپتۇ . ئاجراشساق ئاجرىشايلى لېكىن . بىر شەرتىم بار . ماڭا ئىچكىركى ئۆينىڭ ئىشكىنى ئارقىسىغا ئېلىپ بىرىڭلار . سىلەر ئۇ ئايالنى ئەكىلىپ ماۋۇ ئۆيدە ئولتۇرىيۋىرىڭلار . مەن بالىلارنى بېقىپ ئاۋۇ ئۆيدە ئولتۇراي ›› دېدى ، دادام - ‹‹ ياق . بولمايدۇ ›› دەپ پەقەت ئۇنىمىدى ، مەن ئۇ ۋاقىتتا تېخى كىچىك بولغاچقا ‹‹ ئانام نىمىشقا ئاجراشقىلى ئۇنمايدىغاندۇ ›› دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ئانام -بالىلارنىڭ دادىسىنى كۈرۈپ تۇرسا قانداق بۇلىدىغانلىغىنى بىلگەچكە شۇڭا ئاشۇنداق دېگەن ئىكەن ، مەن بۇنى تۆتىنچى يىللىققا چىققاندا چۈشۈنىشكە باشلىدىم ، مۇشۇنداق كۈنلەر بىر – ئككى ئاي داۋاملاشتى ، دادام - ھەر قېتىم ئۆيگە كەلسە ‹‹ ئاجىرشايلى ›› دەيىتتى ، ئانام - ‹‹ ئاجراشمايمەن ›› دەيىتتى ، ئانام – بالىلارنى يىتىم قىلمايمەن دەپ ئۇنداق ئويلىغان بىلەن . ئۇرۇق – تۇققانلار ئۇنداق ئويلىماييىتتى ، ئۇرۇق – تۇققانلار : دائىىم ئانامغا ‹‹ سىز ئانىڭىز نىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ . بىز قۇلۇم – قۇشانلارغا ‹ ئانىسىنى باققىلى چىقىپ كەتتى › دەپ قۇيايلى ›› دەپ ئانامنى قو-غلىغاندەك قىلدى ، ئانام بەك ئازاپلاندى بولغاي ئۆيگە كېلىپ خېلى ئۇزاق يىغلىدى ، كۆپ يىغلاپ بولغاندىن كېيىن . بىز ئۈچچەيلەننى يىتىلەپ چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە ئەكەتتى ، بىز ئۇ ئۆيگە چىقىپ . بىر- ئككى كۈن ئۈتە –ئۆتمەيلا ئۇرۇق – تۇققانلار - ‹‹ بالىلارنى ئايرىۋەتكەن بولساق ›› دەپ چىقىشقا باشلىدى ، ئانام يەنىلا - ‹‹ ئاجراشمايمەن ، بالىلارنى يىتىم قىلمايمەن ›› دەپ تۇراتتى ، بىر كۈنى دادام چىقىپ . مەشنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى ، كىچىك ئۇكام يۈگرەپ كېلىپ دادامنىڭ قۇچىقىغا چىقىشقا تەمشىلىۋېدى . دادام ئۇكامنى چۆرىگەن پېتى ئېتىۋەتتى ، ئانام - ‹‹ نىمانداق قىلىسىز ؟ ›› دېگەن ئىدى . دادام - ‹‹ مۇشۇ بالىلار بولمىغان بولسا ‹ سەن بىلەن ئاجراشمايمەن › دەپ تۇرۋالامتىڭ ›› دېدى ، ئانام - ‹‹ بالىلا-ردا نېمە گۇناھ ؟ ئۇ بالىلار ئۈزۈڭىزنىڭ بالىسىغۇ ؟ ئۇ بالىلار سىزنىڭ يۈرەك پارىڭىز ئەمەسمۇ؟ ئۇ بالىلارنى ئۇرۇشقا قانداق قۇلىڭىز باردى ؟ ›› - دېدى ، دادام – ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ‹‹ سەنلەرنى ئۆلتۈرۋەتمىسەم - ›› دەپ بىزلەرنى قوغلاشقا باشلىدى ، مەن ئوتتىرانچى ئۇكام بىلەن چىقىپ كەتتىم . كىچىك ئۇكام ئارانلا بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بولغاچقا …: دادام ئۇنى خېلى قاتتىق ئۇرۇپتۇ ، كىچىك ئۇكام شۇنىڭدىن باشلاپ يۈرەك كىسىلى بولۇپ قالدى ، دادام ئاشۇ ئاچچىقىدا موتوسىكلىتتىنى شۇنداق قاتتىق ھەيدەپ چىقىپ كەتتى ، ئەمما كىم بىلسۇن . ئۆيدىن يىراق بارمايلا موتوسىكلتتىن يېقىلدى ، مىنىڭ شۇ ئەسنادا يۈگرەپ بېرىپ دادامنى يۈلەپ تۇرغۇزغۇم ، كىيىم – كىچەكلىرىنى قېقىپ قويغۇم كەلدى ، لېكىن دادامنىڭ بايقى ھەركەتلىرىنى ئەسلەپ . تۇرغان يىرىمدە تۇرۇپلا قالدىم ، دادام تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ موتوسىكلىتقا قايتا مىنىپ كېتىپ قالدى ، شۇنىڭدىن باشلاپ دادام بۇ ئۆيگە ‹‹ ئاجرىشايلى ›› دەپ كەلمىدى ، بىراق دادام – سوتقا ئەرىز سۇنۇپ . ئانا-مغا نۇرغۇن يوق گەپلەرنى قارا چاپلاپ ئانامدىن ئاجراشماقچى بولدى ، ئەرىزنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى - ؛ ‹‹ ئايالىم دائىىم مەن بىلەن – مەكتەپتىن بالدۇر كەلمىدىڭ ، سىر- ىرىتتا ئاشنا ئوينىدىڭ دەپ ، ئۆيگە كەلسەم مەن بىلەن ئۇرۇشىدۇ ، ھەتتا ماڭا ئۆيدىن بىر يۇتۇم سۇمۇ بەرمەيدۇ ، مىنى دائىىم باشقىلاردىن كۈنلەيدۇ . ›› دەپ شىكايەت قىلغان ئىدى ، ئانام – بۇ ئاھانەتكە چىداپ تۇرالماي دادام بىلەن ئاجراشتى ، مەن ئۇ ۋاقىتتا كىچىك بولغاچقا ئۇ ئىشلار ماڭا تەسىر قىلمىدى ، بىر كۈنى مەن ئانامنىڭ ئاكىسىنىڭ قىزى بىلەن نەرسە تالىشىپ سۇقۇشۇپ قالدىم . مەن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ئىتىۋالدىم . ئۇئىشىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ‹‹ ماكىنىڭغا كىرىپ ئولتۇر يىتىم ئوغلاق ›› دەپ تىللاشقا باشلىدى ، ئىلگىرى شۇنداق قاتتىق ئۇرغاندا چىقمىغان ياش . مانا ئەمدىلىكتە كۆزۇمدىن مارجان تۈكۈلگەندەك تۈكۈلدى ، مەن تۇرغان يىرىمدە تۇرۇپلا قالدىم ، شۇنىڭدىن باشلاپ دادامنى كۆرگۈم كىلىدىغان بولۇپ قالدىم ، كىچىلىرى يوتقانغا بېشىمنى يۆگەپ يىغلايىتتم ، كۈندۈزلىرى بولسا ئادەم بارمايدىغان خىلۋەت جايلارغا بېرىپ يىغلايىتتىم ، ئۈچ يىل ۋاختىم دادامنى سېغىنىش ، دادامنىڭ يۇلىغا تەلمۇرۇش بىلەن ئۈتۈپ كەتتى ، مەن تۆتىنچى يىللىققا چىقتىم ، تۆتىنچى يىللىققا چىققاندىن بىرى دەرىستە چىكنىشكە باشلىدىم ، ئۈگۈنۈش باشلىقلىق ۋەزىپەمدىنمۇ قالدىم ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دەرىستە شۇنداق ياخشى ئىدىم ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭاتتىم ، بۇرۇن كىتاپنى قۇلۇمدىن چۇشرىمەيىتتىم ، ھازىر كىتاپنى قۇلۇمغا ئالغۇممۇ كەلمەيىتتى ، مەن بۇنىڭ ھەممىسىنى دادامدىن كۈرەتتىم ، چۈنكى مىنىڭ 4 – يىللىققا چىققاندىن باشلاپ . دادامنى تېخىمۇ بەك كۆرگۈم كىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم ، سىنىپتا ئولتۇرسام ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرسە . دادامنىڭ قۇلىدا دەرس تەييارلىقىنى كۈتۈرۈپ سىنىپقا كىرگەن سىماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بۇلاتتى ،‹‹ مۇشۇ سىنىپقا كىرگىنى دادام بولغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بۇلاتتى ھە -›› دىگەننى ئويلايىتتىم ، ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەۋاتسا - ‹‹ مۇشۇ دەرىسنى سۆزلەۋاتقىنى دادام بولغان بولسا دەرس خۇش ياققان بۇلاتتى ، ›› دىگەننى ئويلايتىم ،لېكىن بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى ، مەن دادامنى شۇنداق سېغناتتىم ، لېكىن ‹‹ دادامنى سېغىندىم ›› دەپ ئانامغا دىيەلمەيىتتىم ، چۈنكى دادام - ‹‹ ھەر ئايدا 300 يۈەن بەردىم ›› دەپلا كارى بولمايىتتى ، ئانامغا ‹‹ – دادامنى سېغىندىم ›› دىسەم . ئانام چوقۇم ئازاپلىناتتى ، شۇڭا ئانامغا :‹‹ - دادامنى سېغىندىم ›› دىيەلمەيىتتىم ، شۇنداق قىلىپ مەن ئانامغا ئىچ – سىرىمنى ئېيتالماي . دادامنى سېغىنسام خالىي جايلارغا بېرىپ يىغلاپ كۈننى ئۆتكۈزدىم ، شۇنداق قىلىپ بالىلار بايرىمى يىتىپ كەلدى ،مەن بايرامدا - ‹‹ ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار ›› دېگەن ناخشىنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم ، شۇڭا مەن بۇ پىكرىمنى ئەدەبىي – سەنئەتكە مەسئۇل ئۇقۇتقۇچىلارغا ئېيىتتىم ، ئۇقۇتقۇچىلار -‹‹ ئۇ ناخشىنى ئېيتىپ بېقىڭ ›› دېگەن ئىدى . مەن ئۇ ناخشىنىڭ بىر كۇپلىيتىنى ئېيتا – ئېيىتماي يىغلا-پ كەتتىم ، ئۇقۇتقۇچىلار بۇ ناخشىنى ئېيتىشىمغا قۇشۇلدى ، يەنە تېخى ماڭا ئىككى نومۇر ئۈگەتتى ، مەن بايرامدا -‹‹ ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار›› دېگەن ناخشىنى ئېيىتتىم ، مەن ئەسلى بۇ ناخشىنى ئېيىتسام - ‹‹ دادامنىڭ باغرى ئىرىپ قالار ›› مىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم ، لېكىن مەن خاتا ئويلىغان ئېكەن مەن . دادم مەن ئېيىتقان بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ خىزمەت داشلىرىدىن خىجىل بولغاندەك قىلدى ، لېكىن قىلچە ئازاپلانغاند-ەك قىلمايىتتى ، مىنىڭ ئېيىتقان بۇ ناخشامنى ئاڭلاپ باشقا ئوقۇتقۇچى – ئۇقۇغۇچىلار ئازاپلىنىپ يىغلاپ كەتتى ، لېكىن دادام بىلەن ئۆگەي ئانامنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياشمۇ كۆرگىلى بولمايىتتى ، بۇ ئىشلارنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرۈپ قانچىلىك ئازاپلانغانلىغىمنى ھېچ كىشى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ . دادام – ئانامنىڭ قېشىغا چىقىپ ‹‹ بۇ بالىغا بۇ ناخشىنى سىلەر ئۈگۈتۈپ سىلەر . بولمىسا بۇ بالا كىچىككىنە تۇر- ۇپ بۇنداق ناخشىنى ئېيتالامدۇ ؟ بۇ ئىش ئۇنىڭ خىيالىغا كىلەمدۇ؟ ›› دەپ ئانامغا ئاچچىقلاپتۇ ، دادامنىڭ دېگەن بۇ گەپلىرىگە . ئانامنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كېلىپ - ‹‹ ئەينى ۋاقىتتا سىز دادىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان ۋاختىڭىزدا قانچىلىك بار ئىدىڭىز ؟ ئىسىمدە قېلىشچە بۇ گەپلەرنى ماڭا دەپ بەرگەن ئىدىڭىز . سىز ئاران تۆت ياشتا ئىكەنسىز . ئەينى ۋاقىتتا سىز قانچىلىك ئازاپلانغان ؟ دادىڭىزنى سېغىنغانمۇ ؟ سىزغۇ سېغىنسىڭىز دادىڭىزنىڭ قەبرە بېشىغا بېرىپ يوقلاپ كۆڭلىڭىزنى قانائەتلەندۇرىسىز . لېكىن ھازىر بۇ باللارنىڭ دادىسى خاندەك ياشاۋاتسا ، سېغىنسا دادام قاياقتىن كىلەركىن ، نېمە ئالغاچ كىلەركىن دەپ ساقلاپ تۇرىدۇ ، سىزمۇ ئۆلۈپ قالغان بولسىڭىز . بالىلارمۇ قەبرە بېشىغا بېرىپ ئۈزىنى قانائەتلەندۈرگەن بۇلاتتى . ›› دەپتۇ ، دادام - بۇ گەپلەرنى بېشىنى كۈتۈرمەي ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ چىقىپ كىتىپتۇ ، بولغان بۇ ئىشلارنى كېيىن ئانامدىن ئۇقتۇم ، مەن بۇ ئىشلارنى ئۇقۇپ شۇنداق ئازاپلاندىم ، شۇ ۋاقىتتا مۇنۇلارنى ئويلىدىم - : مەن بۇ گەپلەرنى دادامنىڭ ئۈزۈدىن ئەمەس ئانامدىن ئاڭلىدىم . ئانام بولسا دادامنىڭ مۇز يېغىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ ئاڭلىدى . ‹‹ ئانام قانچىل -ك ئازاپلانغاندۇ؟ ›› دەپ ئويلاپ ئازاپلانغانلىغىمنى ئانامدىن يۇشۇردۇم ، ‹‹ ئانا ھېچقىسى يوق ، مەن پەقەت بۇ ناخشىنى مەكتەپ شان – شەرەپكە ئېرىشسۇن دەپ ئېيىتقان ئىدىم ، دادامنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس ›› دەپ تەسەللىي بەردىم ، مەن شۇنىڭدىن باشلاپ دادامغا قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم ، داداممۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلالمايىتتى ، دادامغا ھەممىدىن تەس تۇرغىنى - ‹‹مەن بىلەن كۈرىشكىلى كەلمىدىڭلار ›› دىيەلمەيىتتى ، ئەگەر شۇنداق دىسە مىنىڭ - ‹‹ ئەينى چاغدا بىزنى تاشلىۋېتىپ . بىزنى ‹ ئۆلتۈرۋېتىمەن › دەپ يۈرگەن چاغدا بىزنى سېغىنىدىغانلىقىڭىزنى ئويلىمىغانمىدىڭىز ؟ ›› دەيدىغانلىغىمنى بىلەتتى ، مانا بۇ ئىش دادامغا ئەڭ ئېغىر تۇراتتى ، شۇ تەرەققىدە 2 يىل ئۈتۈپ كەتتى ، شۇ يىلى مەن تۇلۇقسىز ئوتتىرا مەكتەپكە چىققان ئىدىم ، بىر كۈنى دادام – ئانامغا تېلېفون بىرىپ -‹‹ بالىلارنى ئانامنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزىڭلار ›› دەپتۇ ، ئانام – دادامنىڭ گەپلىرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدىلا بىزگە دېدى ، مەن شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم ، مەن دادامنىڭ قېشىغا كىرگۈچە -‹‹ دادامغا نېمە ئېيتىپ بىرەرمەن ، دادامغا نېمە دەرمەن دىگەننى ئويلىدىم ، بىز دادامنىڭ قېشىغا كىردۇق ، دادام بىز نى كۈرۈپ خۇشال بولۇپ كەتتى ، بىزمۇ شۇنداق خۇشال بولدۇق ، مەن دادامغا -‹‹ دادا ، قىلىدىغان بىرەر ئىش بارمۇ ؟›› دېگەن ئىدىم . دادام-‹‹ ئېتىزدىكى شاپتۇللارنى كىسىپ ئۆيگە ئەكىرسەك بۇلاتتى ›› دېدى ، بىز بىرلىكتە شاپتۇل كەسكىلى ماڭدۇق ، ئېتىزدىكى شاپتۇللار سۇپ- سېرىق پىشىپ كەتكەن ئىدى ، ‹‹ دادا . شاپتۇللار ناھايتى مەي باغلاپ پىشىپتۇ . شاپتۇل تۈگۈگەندىن كېيىن كەس- سەك قانداق دەيسىز؟ ›› دىسەم ، دادام – ناھايتى سىلىق- سىپايىلىق بىلەن ؛ ‹‹ قىزىم تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق شەيئىلەر . بىر تەرەپتىن بەزىلەرگە ھۇزۇر ئاتا قىلسا . يەنە بەزى شەيئىلەرگە زىييان يەتكۈزىدۇ ›› دېدى ، مەن دادامنىڭ بۇ گىپىگە قايىل بولماي تۇرالمايىتتىم ، دىمىسىمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ بىز ئۇ شاپتۇللارنى يەپ ھۇزۇرلانغان بىلەن باشقا زىرائەتلەر-گە زىيان يەتكۈزىدۇ ، دادام قۇلىغا ھەرىنى ئېلىپ شاپتۇللارنى كىسىشكە باشلىدى ، شاپتۇللار بىر تەرەپتىن يېقىلى-ۋاتاتتى ، شۇ تاپتا ئېغزىمغا سېرىق سۇ يىغىلىپ تۇراتتى ، شۇ دەقىقىدە بىر تۈپ شاپتۇل – يېنىدىكى بىر تۈپ شاپتۇلغا ئىلىنىپ قېلىپ يەرگە يېقىلماي قالدى ، يېقىلماي قالغان شۇ شاپتۇل دەرخىنىڭ ئۇچچىدا ناھايتى سايغىرىپ پىشقان بىر شاپتۇل كۈزۈمگە چېلىقىپ قالدى ، مەن - ‹‹ دادا – ئاۋۇ شاپتۇلغا قارىڭە نېمە دېگەن چىرايلىق ›› دەپ قۇلۇمنى سۇندۇم ، لېكىن قۇلۇم يىتىدىغاندەك قىلمايىتتى ، -مەن دادامغا - ‹‹ دادا - ئاۋۇ شاپتۇلنى ئېلىپ بىرىڭە ›› دىگەنتىم .
- دادام - ‹‹ ئالالمىداڭما ؟ شۇنداق پاكار تۇرسا .. ۋۇ –پاكىنەك قاچان يۇغان بۇلارسەن›› دېگەن ئىدى . – مەن تىزلا-‹‹ مەن چوڭ بۇلدۇم شۇ بۇيۇم پاكارراق ››
- ‹‹ سەي- كۆكتات يىمەي شۇنداق بۇيى ئۆسمەيدۇ . ››
- ‹‹ مەيلى ، سەينى ئېغزىمغا ئالساملا ياندۇرغۇم كېلىدۇ ››
- ‹‹ سەي يىيىشنى ئۆگەنمىسە قانداق بولىدۇ ؟››
بىر پەس مۇنازىردىن كېيىن . ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىزدا بولۇپ كەتتۇق ، مەن بولسام دادام – ئېلىپ بەرگەن شۇ شاپتۇلنى ھۇزۇرلىنىپ يەپ ئولتۇراتتىم ، بۇ شاپتۇل ماڭا دۇنيادىكى ئەڭ مەزىلىك تائامدەك بىلنىپ كەتتى ، نىمىشقا شۇنداق بۇلىدىغانلىغىنى ئۈزۈممۇ بىلمەيىتتىم ، ياكى‹‹ ئۇ راستىننلا دۇنيادىكى ئەڭ مىزىلىك تائاممىدۇ؟›› ياكى ‹‹ ئۇنى ماڭا دادام ئېلىپ بەرگەچكە شۇنداق تۇيۇلدىمۇ ؟ ›› بۇنىڭغا ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيىتتىم ، بۇ تۇيغۇ مەندىلا بولماستىن بەلكى . بارلىق دادىسىدىن ئايرىلىپ كېتىپ ،. دادىسىنىڭ قۇلىدىن ئېلىپ يىيىشكە مۇيە-سسەر بولغان بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ قۇلىدىن ئېلىپ يىگەن نەرسىسى ئۈزىگە شۇنداق مىزىلىك تۇيلىشى مۇمكىن ، بۇنىڭغا مەن ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن ،
باغدىكى شاپتۇللارنى كىسىپ ئۆيگە ئەكىرىپ بولدۇق ، مەن تاماق ئىتەي دەپ تەمشىلىۋېدىم - ‹‹ بولدى تاماق ئەتمەڭ . مەن بازارغا چىقىپ تاماق ئېلىپ كىرەي شۇنى يەيلى ›› دېدى ، - ‹‹ مەن بولىدۇ . شۇنداق قىلساقمۇ قىلايلى . بىر كۈن ئىش قىلىپ ھېرىپ كەتتۇق ›› دىدىم ، - دادام - ‹‹ سەن ۋېلىسپىتنى مىنىپ چىقىپ تاماق ئېلىپ كىرگىن . مەن بەك ھېرىپ كەتكەن ئوخشايمەن ›› دېگەن ئىدى . مەن دەرھاللا ۋېلىسپىتنى مىنىپ بازارغا ماڭدىم ، مەن بازاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەكىرگەن - ئىدىم . بۇ تاماقنى ھەممىمىز جەم بولۇپ ئولتۇرۇپ يىدۇق ، پەقەت بىىرلا ئادەم كەم ئىدى ، ئۇ بولسىمۇ – ئانام- شۇ كۈنى ئاناممۇ بولغان بولسا بەك ياخشى بولغان بۇلاتتى ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئانامنى ئەكەلسەك جىدەل - چىقىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى ، بىز تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن . دادام دەرس تەييارلاشقا كىرشىپ كەتتى ، بىز دادامنىڭ تېلفۇنىدا ناخشا ئاڭ-لىدۇق ، كەچ كىردى ، دادامنىڭ ئىش ھەركەتلىرىدىن ئۈيۈگە ماڭىدىغاندەك قىلمايىتتى ، - مەن دادامدىن -‹‹ دادا ئۆيىڭىزگە كەتمەمسىز ؟ ›› دەپ سورغىنىمدا . دادام – چوڭ ئانامغا قاراپ كۈلگەندىن كېيىن - ‹‹ ياق ، كەتمەيمەن ›› دېدى ، مەن تېىخى ‹‹ بىر كۈن ئانامغا ھەمراھ بۇلاي دەپ كەلگەن ئوخشايدۇ ›› دەپ ئويلاپتىمەن ، ئەتىسى ئەسىر ۋاختى بولدى . دادام - ‹‹مەن سىلەرنى ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ قۇياي ›› دەپ بىزنى ئېلىپ چىقىپ قۇيىشقا تەمشەلدى ، دادام – بىزنى ئېلىپ چىقىپ قۇيىشقا ماڭغاچ - ‹‹ پەيشەنبە كۈنى تەييار بولۇپ كىرىڭلار . سىلەرنى باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ ئېلىپ كىلەي ›› دېدى ، بىز ناھايتى خۇشال بولدۇق، -مەن دادامدىن -‹‹ دادا بىزلا بارامدۇق ؟ ›› دەپ سورغىنىمدا -‹‹ ياق ، بۇخەدىچە ئاچاڭلارنىڭ ، سۈدەم ئاچا- ڭلارنىڭ باللىرىنى ئېلىپ بارىمىز ›› دېدى ، مەن ئۇ ۋاقىتتا – تېخىمۇ خۇشال بولغان ئىدىم ، مەن تەقەززارلىق بىلەن كۈتكەن شۇ پەيشەنبە كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى ، بىز باغچىغا ئوينىغىلى ماڭدۇق ، - دادام - ‹‹ بىز بۈگۈن نېمە يەيمىز ، نېمە ئوينايمىز ، نېمە يەيمىز دىسەك يىگۈمىز بارنى يىگۈزۈپ ، كېيگۈمىز بارنى كېيگۈزۈپ ، ئوينىغۇمىز بارنى ئوينىتىپ كەلدى ، بۇگۈن مىنىڭ ئىسمىمنى ئۇققاندىن بۇيانقى – ئەڭ خۇشال ، ئازادە ئۆتكەن بىر كۈن بولدى ، بۇ كۈننى مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقارمايمەن ، ئۇ كۈنى باغچىدىن كېلىپ يەنە دادام خىيالى يۈرەتتى ، - مەن دادامدىن - ‹‹ دادا . ئۆيڭىزگە كەتمەمسىز ؟ ›› دەپ سوردۇم ، - دادام - ‹‹ ئۆيۈمگە كەتسەم خۇش بۇلامتىڭلار ؟ ›› دېگەن ئىدى . - ‹‹ ياق . سۇراپ باقتىم ›› دىدىم ،
- ‹‹ كەتمەيمەن ، كىتىدىغان ئىش بولسا ئاناڭلارنى ، سىلەرنى بىرگە ئېلىپ كىتىمەن ›› دېدى ، مەن دادامنىىڭ بۇ گىپىدىن بەك خۇشال بولغان ئىدىم ، - ۋاقىتلاردا – دادام – دائىىم مىنى مەكتەپكە – ئاپىرىپ – ئەكىلىپ ھارمىدى ، ھەر كۈنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ، ئېلىپ كىلەتتى ، مەن دادامدىن ناھايتى پەخىرلىنەتتىم ، ساۋاقداشلىرىممۇ ماڭا ھەۋەس قىلىشىدىغان بولدى ، مەن بۇ ھەۋەس قىلىشلاردىن قورقاتتىم ، چۈنكى بىزنىڭ بۇرۇنقى ئائىلە ناھايتى ئىناق ئۈتەتتى ، بۇ ئائىلىگە كىشىلەر ھەۋەس قىلاتتى ، لېكىن بۇ ئائىلە ئۇزۇنغا بارمايلا ۋەيران بولدى ، شۇڭا مەن بۇ ھەۋەس لەردىن قورقاتتىم ، مەن بۇ بەخىتنى – مەڭگۈ نىسىپ بولسىكەن ، مەندىن يىراقلاپ كەتمىسىكەن ، دىگەننى ئويلايىتتىم ، لېكىن ئويلىغانلىرىم پۈتۈنلەي خاتا چىقتى ، دادام – بىزنىڭ يېنىمىزغا قايتىپ كېلىپ . ئۇزۇن ئۆتمەيلا – دادا- نىڭ ئايالى تۇرۇپلا ئايلىنىپ كىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ ، – ئاتا – ئانىسى . – دادامغا ‹‹ بىز قىزىمىزنى ساق بەرگەن ، ئۇنى ساقايتىپ بەرسۇن ›› دەپ دادامغا ئېسلىۋاپتۇ ، دادام ئامالسىز ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا كەتتى ، ئارىدىن 7 ئاي ئۆتتى ، بىر كۈنى مەن مەكتەپتىن قايتىپ كىلۋېتىپ مەركىزى مەكتەپ ئالدىدا نۇرغۇن ماششىنا ، موتوسىكلىتلارنىڭ تۇرغانلىغىنى كۈرۈپ . دادامغا تېلېفون ئېلىپ . دادام بىلەن كۈرشۈپ كىتەي دەپ ئويلىدىم ، لېكىن مەن تېلېفون قېشىغا بېرىپ مۇنۇلارنى ئويلىدىم ، مەن بىر- ئىككى ھەپتە ئىلگىرى – دادام بىلەن كۆرشەي دەپ تېلېفون ئالسام . –دادام - ‹‹ مەن ھازىر بەك ئالدىراش ›› دەپ تېلفۇننى قۇيۋەتتى ، مەن ئۇ كۈنى ئۆيگە يىغلاپ كەلگەن ئىدىم شۇڭا – دادامغا تېلېفون ئالمىدىم ، نىمىشقىكىن – بىرەر ئىش يۈز بىرىدىغاندەك كۆڭلۈم بىر قىسما تۇراتتى ، مەن ئۆيگە كېلىپ ئانامنىڭ تېلفۇنىدا – دادامغا تېلېفون ئېلىپ كۈرشەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ . ئانامدىن قورۇقتۇم ، شۇڭا دادامغا تېلېفون بەرمىدىم ، ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا ئۆي ئالدىغا ناھايتى تىزلا بىر موتوسىكلىت كېلىپ توختىدى ، شۇ دەقىيقىدە – ئىشىك شۇنداق قاتتىق ئۇرۇلدى ، ئانام ئورنىدىن تىزلا تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتى ، ئىشىك ئېچىلىشى ھامان بىر ئايالنىڭ – تىتىرگەن ، قورۇققان قىياپەتتىكى ئاۋازى قۇلۇقۇمغا ئاڭلاندى ، ئۇ ئايال ئانامغا - ‹‹ ئۈچ بالىنى تەييارلاپ بەرگەن بولسىڭىز ›› دېدى، ئاناممۇ قورۇقتى بولغاي - ‹‹ نىمىشقا ؟›› دەپ سوردى ، - ‹‹ باللىرىڭىزنىڭ دادىسى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپتۇ يۈزۈنى كۈرىۋالسۇن›› دېدى ، - ئانام - ‹‹ ھازىر دوختۇرخاندىمۇ ؟ ئۆيدىمۇ ؟ ›› دەپ سورۋېدى . -‹‹ ئويگە ئەپ چىقىپ بولدى ›› دېدى ، مەن ئورنىمدىن چاپسان تۇرۇپ . كىيمىمنى چاپسان كىيىپ تەييار بولۇپ بولغۇچە – ئانام - ‹‹ قانداقراق ؟›› دەپ سورىدى ، - ‹‹ تۈگەپ كەتتى ›› دېدى ، مەن بۇنى ئاڭلاپ يېقىلىپ كەتكىلى تاسلا قالدىم ، مەن – ئۇكۇلىرىمنى ئېلىپ ئۇ ئايال بىلەن . – دادامنىڭ مىيتى قۇيۇلغان ئۆيگە كەلدۇق ، -- دادام -- ئايۋاننىڭ ئوتتۇرسىدا كارىۋات ئۈستىدە كۈزى يېرىم يۇمۇلغان ، ئازراق كۈلگەن قىياپەتتە ياتاتتى ، -- دادامنى -- ‹‹ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپتۇ ›› دېگەن بولسىمۇ . بۇنىڭدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى ، دادامنىڭ چىرايىدا بىرەر يەردە زىدە كۈرۈنمەيىتتى ، بۇ ئۆمرىمدىكى ئەڭ ئازاپلانغان ، يىتىمسىرگەن ۋاقىت بولدى ، دادام – مىيتىنى يۇغان كىشلەرنىڭ دىيشىچە -: - دادامنىڭ يۈركىنىڭ ئاغزىدا ئازراق كۆك بار ئىكەن – ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا زەخمە يوق ئىكەن دېدى ،
-- دادامنىڭ نامىزىنى چىقرىپ بولدۇق ، بىز ئۈچ بىر تۇغقان دادامنىڭ -بىر ئېغىز گىپىنى ئاڭلىيالماي . – دادام - بۇ دۇنيادىن خىۇشلاشتى ، بىز دادامنى قانغۇچە كۈرەلمەي ، دادا مىھرىگە قانالماي . دادام بىزنى تاشلاپ كەتتىممەن بۇنىڭ ھەممىسىنى – بىزنىڭ ئىناق ئائىلىنى ۋەيران قىلغان ، ئىنساپسىز ، تاش يۈرەك ، زەھەرخەندە ئايال-دىن كۈرەتتىم ،
مەن ئاخىردا دۇنيادىكى – بارلىق ئاتا – ئانىلارنىڭ ۋە پەرزەنىتلەرنىڭ بېشىغا بىزگە كەلگەن بۇ كۈنلەرنىڭ كەل-مەسلىكىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن ، شۇنداقلا دۇنيادىكى – مۇشۇنداق پۇلنى دەپ . ئىناق ئائىلىگە بۇزغۇنچى-لىك قىلۋاتقان نا ئىنساب ئاياللارنىڭ بۇ نىيتىدىن يېنىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن ،
‹‹ شىنجاڭ قارقاش ناھىيە ئاقساراي يېزا تۇلۇقسىز 3. يىللىق 10. سىنىپ ئۇقۇغۇچىسى ››
تېلېفون : 15001451103