ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  نەسرىي ئەسەرلەر

بولۇشنىڭ ئالدى ــ كەينىدىكى يېزىلغان ــ يېزىلمىغان ئىشلار

ۋاقتى : 2010-08-31  مەنبەسى : ئابلا ئەھمىدى يازمىلىرىدىن  يوللىغۇچى : ياپراق02 كۆرۈلىشى : قېتىم

    «ھەزرىتى موللام -مەمەھمۇد كاشغەرى»
    ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يازما ئۇچۇرلار
                             
1. مەرھۇم قۇتلۇق ھاجىم شەۋقى بىلەن زامانداش، مويسىپىت قەلەمكەشلەرنىڭ ئاغزاكى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شەۋقى 1937-يىلى 10- ئايدا مەخپىي ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى (مەرھۇمنىڭ جەسىتى نېمە قىلىنغانلىقى نامەلۇم. شۇڭا قەبرىسى يوق)، ئۆزى مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى ئۆتەۋاتقان «كاشغەر شىنجاڭ گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قېلىپ، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ھاياتى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن (ئەپسۇسكى، شۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان گېزىتنى تېپىش مۇمكىن بولىمىدى). شەۋقى يەنە شۇ يىللاردا «كاشىغەر» ناملىق غەزەل ئېلان قىلىپ «مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسى قەشقەردە» ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن.
1957- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىينىڭ خادىمى ئىسمائىل جېلىل ئوپالدا ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يازغان خاتىرىسدە تۇنجى بولۇپ « ھەزرىتى موللام – مەھمۇد كاشغەرى بولۇشى مۇمكىن» لىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تاكى 1983- يىلغىچە ئۇنىڭ بۇ قىياسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلمىغان.
1980-يىلى، مەرھۇم پىشقەدەم شائىر، تارىخچى مۇھەممەتئىمىن قۇربانى(ئىشقى) ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى›› نىڭ3-سانىدا ئىلان قىلغان ‹‹قۇتلۇق شەۋقى›› ناملىق ماقالىسىغا قىستۇرما قىلىنغان، شەۋقىنىڭ 1930 -يىللىرى ئىلان قىلىنغان ‹‹كاشىغەر›› ناملىق شئېرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزدى ۋە ‹‹مەھمۇدىل كاشغەر كەبى ئەھلى شەرەپ-شانلار ياتۇر›› دىگەن مىسرا ئۈستىدە توختالغاندا، ‹‹باتۇر›› دىگەن رادىپنى ئاساس قىلىپ ‹‹مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسى قەشقەردە›› دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى- يۇ، ‹‹قايسى قەبرە شۇ›› ئىكەنلىكىنى بېكىتەلمىدى، ۋە بۇ قاراش ئىلمي تەتقىقات ساھەسىدىكلەرنىڭ دىققىتنى تارتمىدى.
1981-يىلى، مەرھۇم پروفىسور ئابلىمىت روزى ‹‹شىنجاڭ داشۆ ئىلمي ژورنىلى(ئىجتىمائى پەن قىسمى)›› نىڭ 1-سانىدا ‹‹ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ دىۋانۇ لۇغات تۈرك ناملىق كىتابى›› ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، ‹‹ھەزرىتى موللام مازىرى-مەھمۇد كاشغەرى ياكى ئۇنىڭ دادىسنىڭ قەبرىىسى بولۇشى مۇمكىن›› دىگەن قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1981-يىلى ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››نىڭ 1-تومى نەشىردىن چىقتى. ئوپال يېزىسنىڭ ‹‹ئازىق››كەنىتىدە ئولتۇرۇشلۇق پىشقەدەم مائارىپچى، ئىغىر كىسەل ياتقان قاسىم رەھىم ئۇنىڭ 86-بېتىدىكى ‹‹ئازىغ›› قا بېرىلگەن‹‹ھازىرقى ئاتۇش ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدە ‹‹ئازاق›› دەپ ئاتىلدىغان يېزا بار. مەھمۇد كاشغەرى بۇيېزىنى ‹بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى›دەپ شەرھىلگەن.›› دىگەن ئىزاھاتنى كۆرۇپلا قولىغا قەلم ئالدى-دە، ‹‹ئازىق مەھەللىسى توغرىسىدا›› ناملىق ماقالە يېزىپ، ناھىيلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى، ‹‹كونىشەھەر ئەدەبىياتى››نىڭ مەسئۇلى مەرھۇم ئىسمائىل ئىبراھىمغا تاپشۇردى. ماقالىدا ‹‹ئازىغ›› ئوپالدىكى ‹‹ئازىق (قۇمباغ، موللامبېغى)›› كەنتى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلشتۇرۇلگەندىن سىرت، ‹‹ھەزرىتى موللام - مەھمۇد كاشغەرى›› ئىكەنلىكمۇ سۆزلەنگەن ئىدى. ماقالىنى تەھرىر ھەيئەتلىرىدىن مەرھۇم شائىر ئەسقەر ھۈسەيىن، ئابدۇكېرىم ئەھمىدى، تۇرام ئىسلام قاتارلىقلار قايتا - قايتا ئوقۇپ،ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىدى. ھەممەيلەننىڭ ئۇنى شۇ پېتى ئېلان قىلۋەتكىسى بار ئىدى. كۈتۈلىمگەندە، ئەسقەر ھۈسەيىن بۇخارادا ‹‹مەھمۇد كاشىغەرنىڭ قەبرىسى›› دىىيىلدىغان بىر قەبرە بارلىقىنى ئاڭلىغانلىقنى ئېيتىپ، بۇئىشتا يەڭگلىك قىلماسلىقنى تەكتلىدى. دىمسمۇ، مەھمۇد كاشغەرى دۇنياۋى ئالىم، ئۇنىڭ قەبرىسنى بېكتىشمۇ دۇنياۋى مەسىلە بولۇپ، سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا، خەلقئارادىكى مەھمۇدكاشغەرى تەتقىقاتىغا ئەكىس تەسىر بىرەتتى.  مەدەنىيەت -  مائارىپ،  سەھىيە – ساقلىقنى  ساقلاشقا  مەسئۇل  ھاكىم  روزى  ئابدۇللا  ئەسقەر  ھۇسەيننىڭ   پىكرىنى  قوللىدى. چۈنكى، بۇ ئىشتا كىچىككىنة ناھىينىڭ ژورنىلى قاراملىق قىلسا بولمايتتى. ئاخىر ماقالىنىڭ ‹‹ھەزرىتى موللام - مەھمۇد كاشغەرى›› دىيلگەن  قىسمى  قىسقارتىۋېتىلىپ،  ژورنالنىڭ  شۇ  يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلندى. قاسىم رەھىم بۇئىشتىن قاتتىق نارازى بولدى...

                              داۋامى بار

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا