مەن تەبىئەتنىڭ سۆزى، تەبىئەت مېنى سۆزلەيدۇ، قايتۇرۋېلىپ يۈرىكىدە ساقلايدۇ.
مەن ئاسماندىن تۇپراق ئۈستىگە يېپىپ چۈشكەن ىۇلۇتمەن.
مەن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن جېنىمنىڭ بارىچە تىك تۇرۇشقا تىرىشىمەن. مېنىڭ تەبىئەت ئۈچۈن تېرىشقىنىمنى ھىس قىلغان رەڭگارەڭ گۈللەر ماڭا قېسىلىپ تەبىئەت ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشىدۇ. ئىنسانلار مېنى قەدىرلەيدۇ،ئاسرايدۇ. شاماللار مېنى توختاۋسىز تەۋرىتىدۇ، مەن شامالنىڭ تەۋرىتىشىدىن توختىماي ناخشا ئېيتىمەن. شاخلىرىم تەڭكەش بولۇپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. رەڭگاراڭ گۈللەر ماڭا توختىماي ماڭا تەزىم قىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەن تولىمۇ ھاياجانلىنىمەن ھەم مەمنۇنلۇق ھىس قىلىمەن.
بەلكىم مىنىڭ تولغۇنىشلىرىم ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغماس ئەمما مەن ئامالسىزمەن. مېنىڭ ئاۋازلىرىم بەلكىم ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا ياقماس ئەمما مېنىڭ تەۋرىنىشلىرىم تۈپەيلى شىرداشلىرىمدۇر. مىنىڭ يۈزلىرىم سېلىق ئەمەس ئەمما ئۇمېنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ ھەم بىردىبىر قۇرۇلمامدۇر.
ھەر بىر نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى ئەمەس، بەلكى ماھىيىتىدىن قاراش كېرەك ئەلۋەتتە. مېنىڭ توختىماي ئىرغاڭلاشلىرىم كىشىلەرنىڭ ماڭا بولغان مەيۈسلىنىش ۋە زىرىكىش تۇيغۇسىدىن ئازابلانغانلىقىمدۇر خالاس.