گەرچە ئەرلەر ئومومىي جەھەتتىن ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ دېيىلسىمۇ ئەمما،كىرئالغۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن. يەنى تەكشۈرۈشتە تۆتتىن بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ كىرئالغۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ تەكشۈرۈشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ Amicaئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بەكلا ئۆزگىچە دېيىشكىمۇ بولمايدىكەن، ئەمما بۇنىڭدا ئاياللار ئاساسەن ئاشخانا ۋە قول يۇيۇش ئۆيىدىكى ھەرخىل ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ياخشى بىلسىمۇ،ئەمما كۆچمە ئەسلىھەلەرنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ دېيىلگەن. ئەرلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئەرلەر ئەگەر ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسە، ئادەتتە دوستلىرى بىلەن بىللە مۇلاھىزە قىلىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىدىكەن،ئەمما ئاياللار بۇنداق ۋاقىتتا ۋاز كېچىشنى تاللايدىكەن، بەزىلەر ئوغۇل دوستىنى ياكى مەخسۇس رىمونتچى خادىملارنى ئىزدەپ ھەل قىلىدىكەن. تەكشۈرۈشتە مۇنداق قىزىقارلىق ئىشلارمۇ بايقالغان:
ئالتىدىن بىرقىسىم كىشى ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم ياردەمگە مۇھتاج بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ياقتۇرمايدىغان ياكى تازا بىلىپ كەتمەيدىغان نەرسىلىرى قەتئىي ئوخشىمايدىكەن.