ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  مۇھەببەت ئۈنچىلىرى

ئايالىڭىزنى رام قىلاي دېسىڭىز

ۋاقتى : 2011-05-04  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : كۆرۈلىشى : قېتىم


 

1. كەڭ قۇرساق بولۇڭ، ئايالىڭىزنىڭ ئۇششاق سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۋېتىڭ، چىن مۇھەببەتنى ئۈن-تىنسىز ھالدا ھەربىر ھالقىلارغىچە سىڭدۈرۈڭ.
2. ئايالىڭىزغا پات-پات كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ، مەسىلەن، خاتىرە كۈنلەردە بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىپ، كارتىغا «سۆيۈملىكىڭىزدىن» دېگەندەك گەپلەرنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
3. ئاياللار كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. ئايالىڭىز ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلسە، «تاماق ئەتمەمسەن؟!»، «ئۆي تازلىمامسەن؟!» دېمەستىن، «ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ» دەپ كۆيىنىپ قويسىڭىز، ئايالىڭىز چوقۇم ناھايىتى تەسىرلىنىدۇ ۋە سىزنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان، سۆيىدىغان بولىدۇ.
4. ماقۇل بولغان ئىشىڭىزنى چوقۇم ئورۇنلاپ بېرىڭ، ئاياللار ئىشەنچىلىك يۆلەنچۈككە موھتاج. ئەگەر ئايالىڭىزنىڭ گېپىنى يىرىپ، ھە دىسىلا قاقشاپ تۇرىۋالسىڭىز، ئۇ قانداقمۇ يۈرەك سۆزىنى سىزگە بىمالال دېيەلىسۇن؟
5. تېلۋىزور ياكى كومپىيوتىرغا بەك بېرىلىپ كەتمەڭ. سىز تېلۋىزور ياكى كومپىيوتېرغا بېرىلگەن ۋاقتىڭىزدا ئايالىڭىز بىر چەتتە يالغۇزسىراپ قالىدۇ.
6. ئاياللارنىڭ ئايدا بىر نەچچە كۈن كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالمايدىغان، سەۋەبسىز خۇشال ياكى خاپا بولىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. بۇ چاغدا ھەرگىز كارىڭىز يوق ياكى زېرىككەندەك بولماڭ.
7. ھەرگىزمۇ «بۇرۇنقى ئەرلەر نەچچە خوتۇن ئالىدۇ، نېمانداق بەختلىك» دېگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ. گەرچە چاقچاق ئورنىدا دېسىڭىزمۇ، سىزنى بىردىنبىر دەپ بىلىدىغان ئايالىڭىزغا ئېغىر كېلىدۇ. ئاياللار بەك سەزگۈر، بۇ گېپىڭىز ئۇنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن.
8. ئايالىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ، ئۇ كۆڭلىڭىزدە ئۆزىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ كۆيۈمچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
9. ئايالىڭىزنى رەنجىتىپ قويسىڭىز، «ئابرۇي» ۋە «غۇرۇر» لىرىڭىزنى قايرىپ قويۇپ، چىن دىلىڭىزدىن كەچۈرۈم سوراڭ، كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىڭ. ئاندا-ساندا خاتالىقىڭىزنى كەچۈرىدۇ، لېكىن بىر ئىشتا داۋاملىق خاتالاشسىڭىز چىدىمايدۇ.
10. ئايالىڭىزنى ھەرگىز ئالدىماڭ، راستچىل بولۇڭ. مەيلى باياشات ياكى نامرات، مەيلى سالامەت ياكى ئاغرىق بولسۇن، ھەرگىز ئايرىلمايدىغانلىقڭىزنى ئېيتىڭ.

                                                                                    _____ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا