ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  مۇھەببەت ئۈنچىلىرى

دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى

ۋاقتى : 2013-04-24  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : قارگۈلى كۆرۈلىشى : قېتىم

مەن ئۇ قىز بىلەن تونۇشقىلى خېلى بولغاچقا، بىز بەزىدە دوستلار ئارا يىغىلىشلاردا ياكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى شەھەر مەركىزىدىكى مەيدان، باغچىلاردا ئۇچرىشىپ قالساق تەبىئىي يوسۇندا قىزغىن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشاتتۇق، بەزىدە يىغىلىشلاردىن قايتىدىغان چاغدا بىللە بولۇپ قالاتتۇق، بۇنداق چاغدا بىز يول بويى پىيادە ماڭغاچ خىزمەت، تۇرمۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلىشەتتۇق. ئۇ ھەمىشە مېنى ماختاپ ‹‹سىز بەك ئۆتكۈر، شۇڭا نۇرغۇن ئىشتا سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئېلىشنى خالايمەن›› دەيتتى. مەنمۇ ئۇنى ماختاپ ‹‹سىز بەك ئاق كۆڭۈل، ئوچۇق – يورۇق ھەم تىرىشچان قىز، شۇڭا كەلگۈسىدە چوقۇم بەختلىك ياشايسىز›› دەيتتىم ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ. ئۇ بۇنداق چاغلاردا خۇش بولۇپ، باشقىچىلا جانلىنىپ كېتەتتى.

  كۈنلەر مۇشۇ تەرىزدە داۋاملىشىپ، بىز بەزىدە ئۆزئارا تېلېفوندا ئەھۋال سورىشىپ، تۇرمۇشتا ئۆزىمىز يولۇققان مەسىلىلەرنى ئۆزئارا پىكىرلەشسەك، بەزىدە ئۇچرىشىپ بىللە غىزالىنىپ، شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىلىرىنى بىللە تاماشا قىلغاچ تۇرمۇش، جەمئىيەت ھەققىدە ئىلمىي مۇلاھىزىلەرنى قىلىشاتتۇق. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ جەمئىيەت، تۇرمۇش ھەققىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرى مېنى ھەمىشە قايىل قىلاتتى، شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك مەسىلە توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىش، پىكىرلىشىشنى ياخشى كۆرەتتىم.

  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دوستلىرىمىز ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەتتىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئۇلارغا ‹‹ئادەم دېگەننىڭمۇ يات جىنىستىكى دوستلىرىنىڭ بولۇشى نورمال ئىشقۇ، سىلەر ھېچبولمىغاندا مېنىڭ دوستلۇقنى قانداق تەرىزدە داۋاملاشتۇرۇشنى بىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنىشىڭلار كېرەكقۇ!›› دېدىم توغرا چۈشەندۈرۈشكە كۈچەپ. بۇنداق چاغدا ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر پاتمان ‹‹نەزەرىيە›› لىرىنى سۆزلەپ مېنىڭ دېگەنلىرىمنى رەت قىلاتتى. بۇنداق گەپ – سۆزلەر بولۇۋەرگەچ، باشقىلارنىڭمۇ ئوتتۇرىمىزدىكى دوستلارچە مۇناسىۋەتنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىممۇ قانداق، بارا – بارا ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت، ئۇچرىشىشلارنى تۈرلۈك باھانە – سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىشقا باشلىدىم. ئۇمۇ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئۇچرىشىشلارنى رەت قىلىپ ئېيتقان باھانە – سەۋەبلىرىمنى ئۆز لايىقىدا چۈشىنىپ ئۆتۈۋەرگەندەك قىلاتتى. ئەمما، مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ گېپى بىلەن ئەڭ نورمال ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان پاك دوستلۇقىمنى بارا – بارا يوقىتىپ قويۇۋاتقاندەك، ئۆزۈمنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىمدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا ئىدىم.

  شۇنداق، يات جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى ئايرىماق ھەقىقەتەن تەس. ئۇ ئادەمنى ئاسانلا قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە سەمىمىيلىك، چۈشىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەت مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىردىنبىر پەرقى شۇكى، مۇھەببەت قارشى تەرەپنى ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ھېسسىياتقا ئىگە بولغان بولىدۇ، دوستلۇق جىنس تاللىمايدۇ، ئۇ ئۆز سىردىشى ئۈچۈن ھەممىنى بېغىشلاشنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ. مېنىڭچە، دوستلۇقتىن مۇھەببەتكىچە خېلى ئۇزاق ۋاقىت ھەم جەريان كېتىدۇ. شۇڭا بىز تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزدە دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى ئېنىق ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا ھېسسىيات جەھەتتىكى ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلىنالايمىز. دوستلىرىم، ئاڭلاپ قويۇڭلار، دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى بار!

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا