ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  مۇھەببەت ئۈنچىلىرى

ئېرىڭىزنىڭ «قىز دوست» تۇتالىغانلىقىدىن پەخىرلىنەمسىز

ۋاقتى : 2011-05-23  مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم


 

 

يېقىندا ئايالىمدىن بىر خىزمەتدىشىنىڭ ئېرىنىڭ قىز دوستلىرىنىڭ كۆپلىكى، كۈندە توردا يېڭى-يېڭى قىز دوستلارنى تاپىدىغانلىقى، قىز دوستلىرىنىڭ ئەرگە ناھايىتى ئامراقىلىقى، تېخى بىر نەچچىسىنىڭ ئۇنى يۇرتلىرىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
ئايالىمنىڭ خىزمەتدىشىنىڭ: «ئېرىمنىڭ قىز دوست تۇتالىغانلىقى ئېرىمنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېگەن گېپىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىز-ئاياللار ئارىسىدا تارقىلىپ، مودىغا ئايلانغان «ئۆزۈڭ ياخشى بولساڭ، ئاشناڭ بولمامتى» دېگەن گەپكە يېقىنراق كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلساق، «ئەرلەرنىڭ ياخشى-يامانلىقى ئاشنىسىنىڭ بار-يوقلۇقى، ئاز كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
گەرچە ئۇ ئايالىنىڭ ئاغزىدىن «ئاشنا» سۆزى چىقمىغان بولسىمۇ، توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىۋاتقان، بۈگۈنكىدەك مەدەنىيەت ئەخلاق يالىڭاچلىنىۋاتقان دەۋىردە ھېچكىممۇ «قىز دوست» نى «ئاشنا» لىققا تەرەققىي قىلمايدۇ، دەپ ئېيتالمايدۇ. جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئائىلىلەر 3-شەخسنىڭ ئارلىشىشى، بىر كۆرۈشكەندە دوست، ئىككى كۆرۈشكەندە ئاشنا ياكى توقالغا ئايلىنىش سەۋەبىدىن بۇزۇلۋاتىدۇ.
ئەگەر سىز جەلپكار، ئېرىڭىز چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگۈدەك ئايال بولسىڭىز، ئېرىڭىز قىز دوست تۇتۇشقىمۇ، قىز دوست ئىزدەشكىمۇ قىزىقمايدۇ. سىزدىن تەپ تارتماي، سىزنى قارىتىپ قويۇپ قىز دوست تېپىشقا ئۇرۇنغانىكەن، دېمەك، ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز پەقەت «خوتۇنلا» ئىكەنسىز، خالاس. شۇڭا «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەننى ئۇدۇم بىلىپ، «جەلپكار» ئېرىڭىزنىڭ «قىز دوست» تۇتالىغانلىقىدىن پەخىرلەنمەي، سىزگە بولغان ساداقىتىدىن، مېھىر-مۇھەببىتىدىن پەخىرلىنىڭ.


                                                                                                        ــــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا