ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  مۇھەببەت ئۈنچىلىرى

بىر قىزنىڭ يىگىتىگە ئېتقانلىرى...

ۋاقتى : 2010-03-23  مەنبەسى : شەھلا خاتىرسىدىن  يوللىغۇچى : شەھلا كۆرۈلىشى : قېتىم

مەن ئېچىندىم،
خار بولغان مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئېچىندىم.
مەن ئېچىنىۋاتىمەن،
يەردە قويغان ۋەدىللىرىڭ ئۈچۈن ئېچىنىۋاتىمەن.
گۈللەر توزىدى،خازاڭلار ئاچچىق،ئىزغىرىن شامالدا ئۇچماقتا،ئەتراپ نىمە دىگەن غېرىپ ھە!
سەن كەتتىڭ،ئايرىلىش ئالدىدا ئارقاڭغا قارىماستىن،ماڭا بىر ئېغىز "خوش" مۇ  دىمەستىن جىمجىتلا كەتتىڭ.
ئەمما مەن سەندىن قىلچىمۇ رەنجىمىدىم،چۈنكى سەن ئارقاڭغا قارىغان بولساڭ كىتەلمەي قالاتتىڭ، بىلىمەن سەن ھەرگىز چىدىمايسەن.
مەن ئارقاڭدىن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپلا قالدىم،سىنى چاقىرغان يىغا ئارلاش ئاۋازىم جىمجىت تەبىئەت قوينىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كەتتى...
مەن بۇنىڭ ئويغانسىلا ھىچقانداق ئاسارىتى قالمايدىغان قابائەتلىك بىر چۈش بۇلىشىنى نەقەدەر ئۈمۈت قىلاتتىم__ھە!
لىكىن بۇ بىر رىئانلىق،كىشى قەلبىنى چەكسىز لەرزىگە سېلىپ قىينايدىغان رىئانلىق ئىدى...
كېچە،ئەللەر تاتلىق ئۇيقۇدا،پەقەت مەنلا بىر بۇلۇڭدا، قەلبىمنى تۈگىمەس ئازاپقا سېلىۋاتقان شۇ تاتلىق گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدا خامۇش ئولتۇرماقتىمەن.
ئۈستەلدىكى لوڭقىدىكى ئەتتىرگۈللەر بىزنىڭ پاك مۇھەببىتىمىزنىڭ شاھىدى ئىدى،ئۇ گۈللەر تېخى سولاشقىنى يوق.چۈنكى مەن ھەركۈنى ئۇنى كۈز يېشىم بىلەن سۇغۇرۇپ تۇردۇم.
بۇ شەھەردە ئىككىمىزنى باغلاپ تۇرغان نۇرغۇن تاتلىق گۈزەل ئەسلىمىلەر بار ئىدى.سىنىڭ بۇلارنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كىتىىشكە كۆڭلۈڭ قانداق ئۇنىغاندۇ ھە؟
چىن ئاشىقلارنىڭ يۈرىگى تۇتاش بولىدۇ.ئۇلار شۇ يول ئارقىلىق بىر-بىرىگە بولغان سۆيگۈ تىۋىشىنىڭ ئەڭ زىل تارىللىرىنى ئاڭلىيالايدۇ،بىر بىرىگە بولغان پاك مۇھەببەتنى ھېس قىلالايدۇ.بىلىپ تۇرىۋاتىمەن،سەن ئۆزەڭنىڭ مىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرۇپ ئۆزەڭنى ئۆزۈڭ قىيناۋاتىسەن.ئىچىڭدە قان يىغلاپ تۈگىشىپ كىتىپ بارساڭمۇ،  قەتئىي تېشىڭغا چىقارمايۋاتىسەن.توۋا،ئوغۇللار بەزىدە قىزلاردىنمۇ ئاجىز بولىدىكەن،بۇلۇپمۇ ھېسىيات جەھەتتە.
يېشىمنى سۈرتىۋەتتىم،مەن ئاخىرى سىنى ئۇنتۇش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.
ئەمدى مىنىڭ بۇنداق ياشاۋەرگىم يوق،بەخىت قۇشۇمنى قايتا ئىزلىمەكچىمەن.
ئاخىردا ساڭا شۇنىمۇ دەپ قوياي،
ئەگەر بىر كۈنلەردە بۇ شەھەرگە قايتىپ كەلسەڭ،مىنى ھەرگىز ئىزدىمىگىن.
مەندىن ئاغرىنمىغىن،يۈرۈگىمگە قايتا ئوت ياقىمەن دەپ ئاۋارىمۇ بولمىغىن.
كۈيۈپ كۈي بولغان نەرسىگە قانداقمۇ ئوت تۇتاشسۇن؟
خەيىر...

                      {شەھلا خاتىرسىدىن}

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا