ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  مۇھەببەت ئۈنچىلىرى

مەن ئۇنى كەچۈرەيمۇ

ۋاقتى : 2010-04-11  مەنبەسى : مىنىڭى تۇرمۇشۇمدىن  يوللىغۇچى : غەمكېن/باي كۆرۈلىشى : قېتىم

مەن ئۇنى كەچۈرەيمۇ

مېنىڭ مەھەللەمدە بىغۇبار بىر قىز بار ئىدى ،خۇددى ئۇقىزنى ئاللا تائالا ماڭا ياراتقاندەك مىنى ئۇنۇڭ ئۈچۈن ياراتقاندەك ئۇقىزنى كۆرشىم بىلەنلا ئۆزۈمنىڭ نىمە بولغىنىنى بىلمەيتىم ، چۈنكى مەن ئۇنى يۈرۈكۈمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن سۆيەتتىم ، بىر كۈنلىرى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بولغان مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم . بىركۈنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۈش نىيتىگە كەلدىم ، ھەم شۇنداق بىر كۈنلەرى ئۇنىڭ بىلەن خەلىق باغچىسىدا كۆرۈشمەكچە بولدۇم ،مەن ئۇنى ساقلىدىم ئۇ كۈنى يامغۇر ياققانىدى بىر نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئۇ كەلدى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق قىز غىن پاراڭلاشتىم، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە ئىسمىمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا (گۈزەل) ئىدى .پىشانىمىزگە شۇنداق پۈتۈلگەنمۇ ئىكىمىز ئايرىلالمىغىدەك دەرىجىدە يىقىن بولۇپ كەتكەن ئىدۇق ، بۇ شىرىن كۈنلەر ھاياتىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك كۈنلەر ئىكەنلىكى ئىنىق ئىدى ، چۈنكى ئىكىمىز بىر_بىرىمىزنى شۇنچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرشەتتۇقكى بىر_بىرىمىز دىن ئايرىلساق ئۆلۈماىن باشقا يول قالمىغاندەك ھەم ئايرىلىپ كىتىشكىمۇ يۈرەك چىدىمايتى مانا بۇ بىر ھەقىقى ساپ مۇھەببەت ،مەن ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئۇقىز بىلەن بىرگە ياشاشتىن باشقا ھىچ نەرسە يوقتەك تۇيىلاتتى ، ئۇقىز ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئىدى . نىمە بولدى بىلمىدىم شۇنداق شىرىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇقىز بىلەن ئارلىقىم بارا _بارا يىراقلاشتى  ، مەن ئۇ قىزنى ياخشى كۆرگەندىن تارتىپ بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىرىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ئايرىلىپ تۇرغان كۈنلەردە خۇندى روھى چىكەتكەن تەندەك ھىچ ئىشنى سەزمەيتىم مىنىڭ ئۇنى بولۇپمۇ ئاشۇ گۈزەل جامالىنى ،تاتلىق سۆزلىرىنى  ماڭا بولغان مۇھەببەت سۆيگۈ بەختىمىزنى ئوچۇق ئاشكارە ئاشكارلاپ تۇردىغان بىر جۈپ قاپقارا كۆزلىرنى ئاشۇ قىزنىڭ پۈتۈن جىسمى ياكى ساھىسىنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن مىنىڭ مۇشۇ ئازاپلانغان كۆڭلۈمگە داۋاسى بولۇپ بىر كۆرنىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم مەن ئۇقىز ئۈچۈن جىنىمنى پىدا قىلىشقا ،بارلىقىمنى ئۇقىزغا ئاتىغان تۇرۇقلۇق ئۇقىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردىم . مەن ئۆزۈمنى كەچۈرمەيمەن .مەن بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام باشتىلا ئۇنى چىڭىراق باشقۇرسام بولاپتڭكەن .

سىلەردىن سوراپ باقاي !

مەن ھەيرانمەن مەن گۇناكارمۇ ؟بىرسىنى ياخشى كۆرۈش گۇناھمۇ ؟

ھەركىشىنىڭ تاللاش ھوقوقى بارغۇ ، نىمە ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە ئىرىشمەك شۇنچە تەسمىدۇ ؟

مەن يەنە ئاشۇ قىز ئۈچۈن ئازاپلىنىپ يۇرۇشكە ئەرزىمدۇ؟

مەن ئۇنى شۇنىداق ياخشى كۆرۈپ يۈرسەم ئۇباشقا بىرسىنى تىپىۋىلىپ مىنى ئازاپلاپ يۈرسە ، مىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈشۈمگە ئەرزىمدۇ ؟

سىلەردىن ياردەم سورايمەن ماڭا يول كۆرسەتسەڭلا ؟   

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا