ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  مۇھەببەت ئۈنچىلىرى

مۇھەببىتىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلالامسىز؟

ۋاقتى : 2010-04-30  مەنبەسى : پاكزات  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

مۇھەببىتىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلالامسىز؟

مۇھەببىتىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلالامسىز؟ مۇھەببەت راستىنلا بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمىزغا ئەرزىمدۇ؟ مەن بۇرۇن ئىزچىل ھالدا، مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلانغانتىم. مەن ئۆزۈمنى قۇربان قىلىشنى خالىمايمەن. بەلكىم، بەك شەخسىيەتچىدۇرمەن. مەن ئەتىراپىمدىكى بارلىق نەرسىلەرگە قىيالمايمەن. مەن تېخى ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى تۇرمۇشىنى باشلىمىدىم. قىممەتلىك ھاياتىمدىن ۋاز كېچەلمەيمەن. ئۆز مۇھەببىتىم ئۈچۈن، ئاتا-ئانامنى بىر چەتكە قايرىپ قويالمايمەن. ئۇلار ماڭا مۇھەببەت ئاتا قىلدى. مەيلى خۇشاللىق ئىچىدە يايراي، مەيلى كۆز يېشى قىلاي، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ رەڭدار تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمى. مەن ئەركە ئەمەس، ئەمما مەن ئۆزىنى سۆيىدىغان، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان بىر قىز. مۇھەببەتكە تولغان بۇ دۇنيادا، پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئازابى ھېچنېمە ئەمەس. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ھىكايىسى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. پەقەت دېيىشنى خالىمايدۇ، خالاس.
ئەمما، بىر دوستۇم بىر قېتىم ماڭا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مېنىڭ ناھايىتى ئاچچىقىم كەلدى. ئەگەر مۇھەببەت بىر ئادەمنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، بۇ دۇنيادىن ئايرىلىش نېيىتىگە كەلتۈرگەن بولسا، ھەمدە شۇ ئادەم بۇ دۇنيانىڭ باشقا گۈزەللىكلىرىنى كۆرەلمىسە، مېنىڭچە، بۇ خىل مۇھەببەت ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟ تېخىمۇ خۇشال بولۇش ئۈچۈن، بىزگە تەئەللۇق بولغان مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟ ئۇنداق ئەمەسمۇ - يا! ...
ئېرىشەلمىگەنلىكىمىزدىن ئۇنى ناھايىتى قالتىس دەپ ئويلىساق بۇ توغرا بولارمۇ؟ بۇ ھەقىقى مۇھەببەتمىدۇ؟ ... مەن ئۇنىڭ ئازابىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىقىنى چۈشەنسەممۇ، لېكىن بۇ ئازاپنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىر يىل ... ئىككى يىل ... ئۈچ يىل ... ياكى مەڭگۈ؟ مېنىڭ كۆرگىنىم ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ كەتكەن ھالىتى. مەن دوستۇمغا راستىنلا ئىچ ئاغىرىتتىم. مۇھەببەت ئۈچۈن كېم ئازابلانمىغان دەيسىز؟ ... ئەمما، ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىسە، باشقىلارنى قانداقمۇ سۆيەلىسۇن؟
ھاياتلىق ۋە مۇھەببەت مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەس تېما. تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە بولغان بۇ جەريان ھاياتلىق دېيىلىدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىز قىسقا ياكى ئۇزۇن بولسۇن، خۇشاللىق ۋە ئازاپلارغا تولغان بولسۇن، ھەممىسى گويا ئېچىلىپ توزىغان گۈلدەك، ئېقىپ تۈگىگەن سۇدەكلا ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن، بىز چوقۇم بۇ دۇنيادا ياشىيالىغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز، ھاياتنىڭ نىمەتلىرىدىن زوق ئېلىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كېرەك. ھاياتىمىزدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە ئازاپلارغا دۈچ كىلىمىز. لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەن ھاياتىمىزنى مەنىلىك بولمىدى دەپ قارىساق قانداق بولىدۇ؟ ھاياتلىق گۈزەل ھەم ھەممىمىزدە يۈكسەك مۇھەببەت بار. بىز قانداق بېغىشلاشنى، قانداق بەھرىمەن بولۇشنى ئۆگىنىۋالساق، ھاياتىمىز ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك گۈزەل ھەم مەنىلىك بولۇشى تەبىئىي.
بىزگە ياشاش يولى بىرىلدى. بىز خۇشاللىق بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش نىشانىنى توغرا تاللىۋىلىشىمىز، ئاللا بىزگە ئاتا قىلغان نىمەتلەردىن زوق ئېلىشنى بىلىشىمىز كېرەك. گۈللەرنىڭ خۇشبۇي پۇراقلىرى بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئەتتىگەنكى قۇياش نۇرى يولىمىزنى يورۇتىدۇ. ھايات نەقەدەر گۈزەل ...

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا