ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

بەك ئاز ئوزۇقلانسىمۇ جىگەرنى ياغ قاپلايدۇ

ۋاقتى : 2015-03-12  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلىكۆرۈلىشى : قېتىم

  13.jpg

 جىگەرنى ياغ قاپلاش توغرىسىدا گەپ بولغاندا، نۇرغۇن كىشى ئۇنى مايلىق نەرسىلەرنى كۆپ يېيىشكە باغلاپ قويىدۇ. شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جوڭدا دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىدىكى مۇدىر ۋىراچ لۇ فېڭلىننىڭ كۆرسىتىشىچە، جىگەرنى ياغ قاپلاش بىلەن ئېغىرلىق ئوڭ تاناسىپ بولۇپ، جىگەرنى ياغ قاپلاش سېمىزلەردە كۆپرەك كۆرۈلسىمۇ، بىراق جىگەرنى ياغ قاپلاشنىڭ سەۋەبى بۇلا بولماستىن، ئىسپىرت، دورا، قەنت كېسىلى، بولۇپمۇ بەك ئاز ئوزۇقلىنىشمۇ مۇھىم سەۋەب ئىكەن.
    لۇ فېڭلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جىگەرنى ياغ قاپلاش سېمىزلىكتىن بولىدىغان ياغ قاپلاش، ئىسپىرتتىن بولىدىغان ياغ قاپلاش، تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاشتىن ھەم بەك ئاز ئوزۇقلىنىشتىن بولىدىغان ياغ قاپلاشلارغا بۆلۈنىدىكەن.
    بەك ئاز ئوزۇقلىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان جىگەرنى ياغ قاپلاشنىڭ سەۋەبى ئۈچ تۈرلۈك بولىدىكەن: بىرىنچىدىن، تاماقنى بەك ئاز يېگەندە ئورگانىزملار يېتەرلىك گىلۇكوزا ۋە تۈرلۈك ياغلارنى كۆيدۈرگەندە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئوكسىدلانغان پېرمېنتلارغا ئېرىشەلمەيدىكەن، نەتىجىدە، ئورگانىزملار بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ياغلارنى يۆتكەشكە ۋە ئاقسىللارنى گىلۇكوزىغا ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن. بۇ ياغ ۋە ئاقسىللار جىگەر ئارقىلىق ئايلانغانلىقتىن، زور مىقداردىكى ياغلار جىگەرگە يىغىلىۋالىدىكەن. ئىككىنچىدىن، ئوزۇقلۇقنىڭ بەك ئاز بولۇشى ئاقسىلنىڭ ھاسىل بولۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، جىگەرنىڭ ياغ ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەچكە، ياغلار جىگەردە توپلىنىپ، ياغ قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۈچىنچىدىن، يېگەن يېمەكلىكلەر بەك ئاز بولسا، قەنت، ياغ، ئاقسىل، مىنېرال ماددا ۋە تالالارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يېتەرسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزملاردا كومپېنساتسىيەلىك كەملىك كېلىپ چىقىپ، قەنت ۋە ئاقسىل قاتارلىقلار ياغقا ئايلىنىپ، بۇ ياغلار جىگەرگە توپلىنىپ قالىدىكەن.
    سېمىزلىكتىن يىراق تۇرۇش ئەلۋەتتە مۇھىم، بىراق جىگەرگە زىيان سېلىشنى بەدەل قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا ھەر قانداق كىشى يېمەك – ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، ئورگانىزملارنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. ئورۇقلاش مەقسىتىدە قىسقا مۇددەتلىك يېمەك-ئىچمەكنى قاتتىق چەكلەشتەك خام-خىيال ئارقىلىق نىشانغا يېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا