ئاياللار ئەتىيازدا ئاسان تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ، بۇ تالغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسانلا تال، ئاشقازان ئىقتىدارى ئاجىزلاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئاياللار بۇنداق ۋاقىتتا چىلاننى كۆپرەك يەپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ بېرىشى كېرەك. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار ئاياللار كۈندە 10 تال چىلان بىلەن 30 گىرام باش پىياز، 20 گىرام كەرەپشە يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە؛ ئۇيقۇسى ناچار ئاياللار كۈندە 20 تال چىلان، يەتتە تال سۇڭپىياز يىلتىزىنى قاينىتىپ، ئىچىپ بەرسە؛ ھەيزى نورمال بولمىغان ئاياللار 20 تال چىلان، 20 تال گۈلبوغۇن، 10 گىرام قارا شېكەرنى قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.