ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

كالا سۈتى قانداق كىشىلەرگە ياقمايدۇ؟

ۋاقتى : 2015-03-12  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلىكۆرۈلىشى : قېتىم

 14.jpg

 كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ئاق قان›› دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئەمما ئۇ ھەممە كىشىنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ.
    1. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى بارلار
    يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈر بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەزىم قىلىش يوللىرىدا فېرروئۇس (تۆۋەن ۋالېنتلىق تۆمۈر) گە ئايلىنىشى كېرەك، ئەگەر كۆپ مىقداردا كالا سۈتى ئىچكەندە، بەدەندىكى فېرروئۇس (تۆۋەن ۋالېنتلىق تۆمۈر) كالا سۈتىدىكى كالتسىي تۇزلىرى ۋە فوسفور تۇزلىرى بىلەن بىرىكىپ، ئېرىمەس خىمىيەلىك ماددىلارغا ئايلىنىدۇ – دە، تۆمۈرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان تولۇقلاشقا پايدىسىز بولىدۇ.
    2. تەتۈر ئېقىملىق قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى ئاغرىقلىرى
    تەركىبىدە ماي بولغان كالا سۈتى قىزىلئۆڭگەچ ئاستىنقى قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ تارىيىشىغا تەسىر يەتكۈزگەچكە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ياكى ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنىڭ تەتۈر ئېقىمى كۈچىيىپ، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
    3. قورساق ئوپېراتسىيەسى ئاغرىقلىرى
    بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۈچىيىدە يەل بولغاچقا، كالا سۈتىدىكى ماي ۋە ئاقسىللار ئېچىغاندا، كۆپ مىقداردا گاز ھاسىل قىلىپ، ئۈچەيدىكى يەللەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ، بۇ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز.
    4. ھەزىم يولى جاراھىتى بارلار
    كالا سۈتى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ جاراھەت يۈزىنى غىدىقلىشىنى ئاجىزلاشتۇرسىمۇ، ئەمما ئاشقازان – ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەللىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
    5. لاكتوزا (سۈت قەنتى) كىسلاتاسى كەملەر
    كالا سۈتىدە لاكتوزا (سۈت قەنتى) كۆپ بولىدۇ، بىراق بەدەن ئۇنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلالمايدۇ، پەقەت ھەزىم قىلىش يولىدا لاكتوزا (سۈت قەنتى) كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىدە يېرىم لاكتوزا (سۈت قەنتى) ۋە گىلۇكوزىغا پارچىلانغاندىن كېيىنلا ئاندىن قوبۇل قىلالايدۇ، ئەگەر بەدەندە لاكتوزا (سۈت قەنتى) كىسلاتاسى كەمچىل كىشىلەر سۈت ئىچسە، قورساق ئاغرىيدۇ ياكى ئىچى سۈرىدۇ.
    6. ئۆت ياللۇغى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بارلار
    كالا سۈتىدىكى ماينىڭ ھەزىم قىلىنىشى ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ستېئاپسىننىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق بولىدۇ، شۇڭا كۆپ مىقداردا كالا سۈتى ئىستېمال قىلغاندا ئۆت ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يۈكى ئارتىپ، كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا