ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  دوستلار كۆۋرۈكى

sinak

ۋاقتى : 2014-02-25  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : كۆرۈلىشى : قېتىم

شىنجاڭ تېلىۋىزيىە ئىستانسىس بىلەن بېيجڭ چۇڭكۈن گۇرۇھى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان،8-مارت خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمىغا بېغىشلانغان ،ئانا ئارزوسى سەنئەت كېچىلىكى 2-ئاينىڭ25-كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك چوڭ تىياتىر خانىسىدا ئۆتكۈزىلدى،
كېچىلىككە500-دىن ئارتۇق ھەرساھە مېھمان قاتناشتى،
ئاق كۆڭۈل،مېھرىبان،تىرىشچان،ۋە ۋاپادار ئانىلارنىڭ مىننەتسىز ئەجىر-مېھنىتىگە تەشەككۈر بۇلدۇرۇش،چىن سۆيگۈ -مېھرى بىلەن تەدبىرلىك -پاراسەتلىك ئىجادكار ياراملىق پەرزەنتلەرنى يىېتۈشتۈرۋاتقان ئاتا-ئانىلارنى مەدھىيلەش ۋە ئائىلە ئىناقلىقىنى قەدىرلەش تەشاببۇس قىلىنغان بۇ كېچىلىكتە ئانا مېھرى،توغۇراق ئەتلەس قاتارلىق كوللېكتىپ ئۇسۇل.ئەزىز ئاياللار ئاتا-ئانا قاتارلىق ناخشىلار،مېھرى-مۇھاببەت سالامغا بېرىش قاتارلىق ئېتوتلار ئورۇندىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ بايرام كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى
مەخمۇت سۇلايمان مۆمۈنجان ئابلىكىم،سەنەبەر تۇرسۇن،نۇرنىسا ئابباس،مۇھاممەتتۇرسۇن بارات،ئاسىيگۈل ئېزىز،ھەمىراگۈل ئابدىقادىر،گۆھەر ھۇشۇر،فەرىزە لېتىپ قاتارلىق تۇنۇلغان ناخشىچىلار، ئادىل مىجىت خەيرىگۈل ھەسەن نازۇكئاي ،تەۋەككۇل ئەنىۋەر ئابلىز ،ئامىينە ئابلا، قۇندۇزئاي تاش ،ئەرافات دىلشات قاتارلىق ئاكتىيورلار ئورۇنلىغان ئېتوتلار تاماشىبىنلارنى ئۈزىگە مەھلىيا قىلدى.
بېيجڭ چۇڭكۈن گۇرۇھى مەدىنيەت تارقىتىش بۆلىمىنىڭ باش دېرىكتۇرى رىزۋانگۈل ئىبراھىم باش بۇلۇپ پىلانلىغان بۇسەنئەت كېچىلىكى تالانتلىق رېژسۇر كۈرەش رەجەپ قاتارلىق بىر تۇركۇم سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ،ئەتىراپلىق ئىنچىكە پىلانلىشى ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن روياپقا چىققان، بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ تەشكۈللىگۈچىسى ۋە رېژسۇر رىزۋانگۈل ئىبراھىم 1974-يىل22-دېكابىر قارمايدا تۇغۇلغان،1994-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.1995-يىل قىرغىز ئىستاندا ئويۇن قويۇپ مۇنەۋۋەر سەنئەتكار بۇلۇپ باھالانغان 1997-يىل قارماي شەھەرلىك ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىدە چوڭ تىپتىكى ئۇسۇللۇق تىياتىر-چۆلدىكى قىز نى ئورۇنلاشقا قاتنىشىپ،دۆلەتنىڭ بەش بىر قۇرلىشىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىكەن ،1998-يىل شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر سارىيىدا خىزمەتتە بولغان،2002-يىل بېيجىڭ جۈڭكۈن گوروھى تارمىقىدىكى پامىر-سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا تەيىللەنگەن،2005يىل مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرستېنىڭ ئىجادىيەت كەسپىدە ئوقۇپ ئاسپىرانت بولغان، 2005-يىلى جۇڭگو-ئافرىقا ئەللىرى مەدىنيەت ئالماشتۇرۇش سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ مىس مېدالغا ئېرىشكەن،2006-يىلى فىرانسىيە،ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن  ساياھەت بايرىمىدا ياخشى ئارتىس نامىغا ئېرىشكەن،2006-يىلى شىنخاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇسۇل مۇسابىقىسىدە بېيخىڭ جۈڭكۈن گوروھىغا ۋاكالىتەن ئۆزى تەشكىللەپ قاتناشتۇرغان توغىراق ناملىق كوللىكتىپ ئۇسۇل بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2007-يىلى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن ساياھەت بايرىمىدا كوللىكتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،2008-يىلى شىياڭگاڭ ساياھەت بايرىمىدا،ئۇ ئورۇنلىغان چۈش ناملىق يالغۇز كىشلىك ئۇسۇل مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،2011-يىلى قازاقىستان جۇمھۇريىتى ئىرادە ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ چوڭ تىپتىكى باھار پەيزى سەنئەت كېچىلىكىنىڭ باش  رېژسۇرلۇقنى قىىلپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن،2012-يىل يەنە شۇ ئۆمەكنىڭ تەكلىپى بىلەن چوڭ تىپتىكى مۇقام ئەجداتلىرى ناملىق سەنئەت كېچىكىنىڭ رېژسۇرلۇقنى قىىلپ، ئىسپانىيە خەلىقئارالىق ئۇسۇل فېستۋالدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن،

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا