تۈركىي تىل ئائىلىسىگە تەۋە مىللەتلەرنى بىلەمسىز؟
1. تۈركلەر: تۈركىيە، بۇلغارىيە، گىرمانىيە، ئېراق، سۈرىيە، سىپىرۇس، ئامېرىكا، روسىيە، كانادا ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىكى ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرگە كەڭ تارقالغان . جەمئىي نوپۇسى 60 مىليوندىن ئاشىدۇ .
2. ئۆزبېكلەر: ئۆزبېكىستان، قازاقستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، روسىيە، ئافغانىستان، جۇڭگو ۋە ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا كەڭ تارقالغان . جەمئىي نوپۇسى 33 مىليون ئەتراپىدا .
3. ئەزەرلەر: ئىران، ئەزەربەيجان، تۈركىيە، روسىيە، قازاقىستان، ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا . جەمئىي نوپۇسى 28 مىليون ئەتراپىدا .
4. ئۇيغۇرلار : جۇڭگو، قازاقسىتان، قىزغىزستان، ئۆزبېكستان، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋىستىرالىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىكى ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ خېلى كۆپ . جەمئىي نوپۇسى پەقەت دۆلىتىمىز ئىچىدىلا 10 مىليوندىن ئاشىدۇ، پۈتۈن دۇنيادا 12 مىليوندىن ئاشىدۇ .
5. قازاقلار: قازاقىستان، جۇڭگو، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر . جەمئىي نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدۇ .
6 . تاتارلار: روسىيە، جۇڭگو، تۈركىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار . جەمئىي نوپۇسى 8 مىليوندىن ئاشىدۇ .
7 . تۈرۈكمەنلەر : تۈرۈكمەنستان ، تۈركىيە . جەمئىي نوپۇسى 5 مىليون ئەتراپىدا .
8 . قىرغىزلار: قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە جۇڭگو . جەمئىي نوپۇسى 4 مىليون ئەتراپىدا .
9 . چۇۋاشلار: ئاساسەن روسىيەدە . جەمئىي نوپۇسى 2 مىليوندىن ئاشىدۇ .
10 . باشقىرتلار : ئاساسەن روسىيەدە. جەمئىي نوپۇسى 2 مىليوندىن ئاشىدۇ .
11 . ئاقشارلار: ئىران ۋە ئەزەربەيجان. نوپۇسى 1 مىليون ئەتراپىدا .
12 . كاشكايلار: ئاساسەن ئىراندا . نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ .
13. قارا قالپاقلار: ئۆزبىكىستان. نوپۇسى 360 مىڭ .
14 . ياقۇتلار : ئاساسەن روسىيىدە. نوپۇسى 320 مىڭ .
15 . قۇمىقلار : روسىيەدە. نوپۇسى 230 مىڭ .
16 . شاخۋىنلار: ئىراندا. نوپۇسى 220 مىڭ .
17 . گاگاۋۇزلار : مولداۋىيە، تۈركىيە، بۇلغارىيە. نوپۇسى 180مىڭ .
18 . تۇۋالار : ئاساسەن روسىيىدە، نوپۇسى 180مىڭ .
19 . قارا چايلار: ئاساسەن روسىيىدە. نوپۇسى 120 مىڭ .
20 . قارا پاپاقلار: دۆلەت تەۋەلىكى ئىران، تۈركىيە. نوپۇسى 80 مىڭ .
21 . خاكاسلار : ئاساسەن روسىيەدە. نوپۇسى 70 مىڭ .
22 . بالقارلار ------ ئاساسەن روسىيەدە، نوپۇسى 60 مىڭ .
23 . نوغايلار : ئاساسەن روسىيەدە، نوپۇسى 60 مىڭ .
24 . ئالتايلار: ئاساسەن روسىيەدە، نوپۇسى 60 مىڭ .
25 . سالارلار: ئاساسەن جۇڭگودا، نوپۇسى 56 مىڭ .
26 . قاجارلار : ئاساسەن ئىراندا، نوپۇسى 30 مىڭ .
27 . قاتاغلار: ئاساسەن ئىراندا، نوپۇسى 20 مىڭ .
28 . ئۇرانخايلار : موڭغۇلىيەدە، نوپۇسى 20 مىڭ .
29 . شورلار: ئاساسەن روسىيەدە، نوپۇسى 20 مىڭ .
30 . يۇغۇرلار : جۇڭگودا، نوپۇسى 7مىڭ .
31. دۈرغانلار: ئاساسەن روسىيەدە، نوپۇسى 5 مىڭ .
32 . خۇتتىنلار: ئاساسەن موڭغۇلىيەدە، نوپۇسى 3 مىڭ .
33. چاتانلار: ئاساسەن موڭغۇلىيەدە، نوپۇسى مىڭدىن ئاشىدۇ .
34 . توفالار: موڭغۇلىيەدە، نوپۇسى مىڭدىن ئاشىدۇ .
35 . قارايىملار: ئاساسەن روسىيەدە. نوپۇسى نەچچە يۈز..