ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  دوستلار كۆۋرۈكى

بالىنىڭ پەرىشتىسى

ۋاقتى : 2012-05-07  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بالىنىڭ پەرىشتىسى


  بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىر بالا بار ئىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ خۇدادىن سوراپتۇ:

-ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ، ئەتە سەن مېنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكۈدەكسەن . لېكىن ، مەن تېخى كىچىك ۋە

تايانچىسىز تۇرسام ، ئۇ يەردە قانداق ياشايمەن ؟

-نۇرغۇن پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدىن مەن ساڭا بىر پەرىشتىنى تاللىدىم . ئۇ سېنى كۈتىۋالىدۇ ۋە سېنىڭ

ھالىڭدىن خەۋەر ئالىدۇ ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ خۇدا .

-بىراق ، بۇ يەردە –جەننەتتە مەن ناخشا ئېيتىش ، كۈلۈمسىرەشتىن باشقا ئىش قىلمايمەن ، خۇشال

بولۇشۇم ئۈچۈن شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە .

خۇدا مۇنداق دەپتۇ :

- سېنىڭ پەرىشتەڭ ساڭا ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ ، ھەر كۈنى ساڭا قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن

 سەن پەرىشتەڭنىڭ مۇھەببىتىنى ھېس قىلىسەن ۋە خۇشال ياشايسەن .

بالا مۇنداق دەپتۇ :

-كىشىلەرنىڭ سۆزلەۋاتقان تىلىنى بىلمىسەم ماڭا پاراڭ قىلغاندا ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى قانداق چۈشىنەلەيمەن؟

خۇدا بالىغا مۇنداق دەپتۇ :

سېنىڭ پەرىشتەڭ قۇلىقىڭ ئاڭلايدىغان ئەڭ گۈزەل ،

يېقىملىق سۆزلەرنى ساڭا ئۆگىتىدۇ ، سەۋىرچانلىق ۋە ئەجىر – مېھنىتى بىلەن ساڭا قانداق سۆزلەشنى

 ئۆگىتىدۇ .

- ئەگەر سەن بىلەن پاراڭلاشماقچى بولسام قانداق قىلىمەن ؟

- سېنىڭ پەرىشتەڭ قوللىرىڭنى تۈز تۇتقۇزۇپ ساڭا قانداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆگىتىدۇ .

بالا مۇنداق دەپتۇ :

- ئاڭلىسام يەر يۈزىدە ئەسكى ئادەملەر بار ئىكەن ،كىم مېنى قوغدايدۇ ؟

خۇدا مۇنداق دەپتۇ :

- سېنىڭ پەرىشتەڭ ھاياتى خەۋىپكە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ سېنى قوغدايدۇ .

-لېكىن مەن ھەمىشە پەرىشان ئۆتكۈدەكمەن . چۈنكى مەن ئەمدى سېنى كۆرەلمەيدىكەنمەن ئەمەسمۇ ؟

- سېنىڭ پەرىشتەڭ ساڭا مەن توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىدۇ . گەرچە ھەمىشە يىنىڭدا بولساممۇ ، ئۇ ساڭا قانداق قايتىپ كېلىشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدۇ .

  شۇ ئەسنادا جەننەت ئىچىدە ئېغىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ . بىراق يەر يۈزىدىن كېلىۋاتقان ئاۋازلار

ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ . شۇنىڭ بالا مۇلايىملىق ئىچىدە ئالدىراپ سوراپتۇ .

- ھازىرلا سەندىن ئايرىلىپ قالغۇدەكمەن ، ماڭا پەرىشتەمنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرگىن !

 خۇدا جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ :

- پەرىشتەڭنىڭ ئىسمىنى ئەستە تۇتۇش تەس ئەمەس . ئۇنى سەن ئانا دەپ ئاتىغىن .

 

 بۇ ماقالە بەك ياخشىكەن شۇڭا يوللاپ قويدۇم .
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا