ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  دوستلار كۆۋرۈكى

ئاپتوموبىلنى ئاسراشنىڭ بىر قانچە ئەپچىل چارىلىرى

ۋاقتى : 2013-12-27  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

W020131225655077545854.jpg

ئاپتوموبىلنى پاكىز تۇتۇش ــ ئاپتوموبىلنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۇسۇلى. ئاپتوموبىلنى تازىلىغاندا، يۇقىردىن تۆۋەنگە قاراپ تازىلاش تەرتىپىنى قوللىنىش، يەنى ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىدىن پروبېر تاختىسىغىچە، ئورۇندۇقتىن گىلەمگىچە بولغان تەرتىپ بويىچە تازىلاش لازىم. ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان چاڭ - توزانلار يىغىلىۋالىدۇ، تازىلىغاندا ئالدى بىلەن يۇقىرى سەرپىياتلىق چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن تازىلاش، ئاندىن ئوتتۇرا ھال ئىقتىداردىكى يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن بەك مەينەت بولۇپ كەتكەن يەرنى تازىلىۋېتىش، ئاندىن ئومۇمى يۈزلۈك تازىلاش لازىم، ئەمما، ئاپتوموبىل ئۈستىگە ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال سۈمۈرۈشكە چىداملىق، سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بولۇشى لازىم، تازىلىغاندا چوقۇم قۇرۇقراق دەسمال ئىشلىتىش كېرەك، بولمىسا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئۈستى ماتېرىيالىنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ.
پرىبور تاختىسى ئادەمگە بىۋاستە يۈزلىنىپ تۇرىدىغان قىسىم بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ پاكىزلىقىنىڭ ئاپتوموبىل ئىگىسىگە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ. ئەمما، پرىبور تاختىسىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇنى تازىلاش سەل قىيىن. ئازراق دىققەت قىلىپ قارىساقلا، ئۇنىڭ دەسمال ۋە بولۇت ئارقىلىق تازىلايدىغان قىسمىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. ئەمما، ناۋادا كونكىرت ئەھۋالغا ئاساسەن مەخسۇس تازىلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتكەندە بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.
ئورۇندۇقنىڭ ئاپتوموبىلدا ئىگىلەيدىغان ھەجمى چوڭ ھەمدە، ئادەم بىلەن تېگىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئورۇندۇق مەينەت بولسا ئادەم بىئارام بولىدۇ، ئورۇندۇق ئەگەر بەك مەينەت بولمىسا، چوتكا بىلەن چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، يەنى بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن ئورۇندۇقنىڭ يۈزىنى تازىلىغىلى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن چاڭ - توزان شۈمۈرگۈچ ئارقىلىق ئورۇندۇق ئارلىقىغا كىرىالغان مەينەت نەرسىلەرنى سۈمۈرۈپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا ئورۇندۇق بەك مەينەت بولسا، تازىلاشمۇ تەسكە توختايدۇ. بۇنداق ئورۇندۇقنى قەدەم باسقۇچ بويىچە تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن: مەينەت قىسمىنى چوتكا ئارقىلىق تازىلاش، مەسىلەن، چوڭراق مەينەت، داغلارنى چوتكا ئارقىلىق تازىلاش، ئاندىن پاكىز دەسمالغا ئاز مىقداردا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تۆكۈپ، يېرىم قۇرۇق، يېرىم ھۆل ھالەتتە، ئورۇندۇقنى پاكىز سۈرتۇش لازىم. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، دەسمالنى چوقۇم چىڭ سىقىۋېتىش، نەمنىڭ ئورۇندۇق بولۇتلىرىغا سىڭىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا ئورۇندۇق ئاسان قۇرۇمايدۇ ھەم چاڭ - توزاننى ئاسان سۈمۈرىۋالىدۇ. ئەڭ ئاخىردا چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ ئارقىلىق ئورۇندۇقنى يەنە بىر تازىلىۋېتىش، ئەڭ ئاددى ئۈنۈملۈك ئۈسۇل بولسا، رەختىن تىكىلگەن ئورۇندۇق قېپىدىن ئىككىنى تەييارلىۋېلىپ، ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم، ناۋادا ئۇزۇن مۇددەت پاكىز تازىلانمىغاندا، ئورۇندۇق ئىچىدىكى يۇمشاق بولۇت، تەۋرىنىشنى يەڭگىللىتىش ماتېرىيالى نەملىكنى سۈمۈرۈۋېلىپ مەينەتلىشىپ كېتىدۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا