سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> لېكسىكا

لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟

تۈر : لېكسىكا | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-28 16:40:21 | كۆرۇلىشى :


لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟



بىر تىلغا مەنسۇپ بۇلغان بارلىق سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى لۇغەت تەركىۋى دېيىلىدۇ.

لۇغەت تەركىۋى بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقى ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇن يىللىق يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن.شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ قوللىنىپ كىلىۋاتقان سۆزلەر (ئاتا،ئاي،يەر،سذ،قېرىنداش،…)؛يېڭىدىن پەيدا بولغان ۋە بۇلۇۋاتقان سۆزلەر (ئۇزچات،تىزگىنەك،ئۇچۇر ،ئىسلاھات…)؛باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر(كومپيۇتېر،تېلېفۇن،تېلىۋىزىيە،زۇڭلى،گوۋۇيۈەن…)؛دىئالېكت ۋە شىۋىلەر(تەلپەك باش كىيىمى،خارەت،ئايلا،خادىك،كېلىت…)؛كونىراپ ئىستىمالدىن قالغان سۆزلەر (يۈز بېشى،مىراب،چىرىك،دەررە،باقاۋۇل…)قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ھەممىسى لۇغەت تەركىۋىگە كىرىدۇ.

لۇغەت تەركىۋىنىڭ ئۆزىنىلا تىل دىيىشكە بولمايدۇ.لۇغەت تەركىۋىدىكى سۆزلەر ئۆز ئالدىغا مەلۇم ئۇقۇم ۋە مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. تولۇق ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ.تولۇق ئوي - پىكىرنى ئىپادىلەپ بىرىش ئۈچۇن سۆزلەر مەلۇم قانۇنىيەتلىك باغلىنىپ جۈملە شەكلىگە كىرىشى لازىم. شۇ چاغدىلا تىل بولالايدۇ.

 لۇغەت تەركىۋىدىكى سۆزلەر قوللنىش دائىرىسىگە قاراپ ئاساسىي لۇغەت تەركىبى ۋە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

     1.ئاساسىي لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە؟

لۇغەت تەركىبى ئىچىدىكى ئەڭ تۇراقلىق، ئىشىلتىش دائىرىسى كەڭ ھەم يېڭى سۆزلەرنى ياساشتا ئاساس بولىدىغان سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبى دېيىلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى:

         1) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولغان كەڭ قوللىنىلىدىغان سۆزلەردۇر. شۇڭا لۇغەت تەركىبىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.

         2) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر شۇ تىلدا ئۇزاق تاىخقا ئىگە، ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئۆزەەرمەي قوللىنىپ كىلىۋاتقان ئاممىباب سۆزلەردىن ئىبارەت.

بۇ ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە ئۆزگىرىىش بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭدىنمۇ بەزى ئۆزگىرىش بولىدۇ.لېكىن بۇ خىل ئۆزگىرىش ناھايتى ئاستا بولىدۇ.

 3) يېڭى سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ، تىلىمىزدىكى نۇرغۇن سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ۋە سۆزگە سۆز قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان.

2.ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

تىلىمىزدىكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە تەۋە بولغان سۆزلەردىن باشقا بارلىق سۆزلەر ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى:

1) ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق كىشىلەرگە بىردەك چۈشىنىشلىك بولمايدۇ.

2)  ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى تۇراقسىز بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل تەرەققىيات ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە قارىغاندا تېز ھەم زور بولىدۇ.
خەتكۇچ : لۇغەت لۇغەت تەركىبى سۆز ئاساسى
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار