قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى
«ئۇيغۇر تىلى» مەن ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچكە تولغان تىل، چۈنكى مەن بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر نەزەرىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز كەسپىم بولغان «ھېسابلاش ماتېماتىكىسى» بويىچە بۇ تىلدىكى ھەرپلەر، بوغۇملار، سۆزلەر، كىشى ئىسىملىرى،…قاتارلىقلارنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ باققان ئىدىم.
نەچچە كۈن ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تاماملاش ئالدىدا، تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى 251 مىڭ سۆز ئارىسىدىن يەنە «ئۇيغۇر تىلى»غا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھېسابلاشلارنى قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق نەتىجىگە يەنە ئېرىشتىم. بۇنى مەن 10 يىل بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ھېسابلاپ كۆرگەن، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ يېڭى مەلۇماتتىن خۇلاسىلەندى. ئاران 31 ھەرپ تۇرىدۇ، ئالىم مۇئەللىم بىر ھەرپنى چۈشۈرۈپ قويدىمۇ-نېمە؟ بۇ ھەرپ قايسىدۇ؟ سىز تاپالامسىز؟
ئۇيغۇر
تىلىدا «ت»، «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئەڭ كۆپ، ئۇنداقتا 3-ئورۇندا
تۇرىدىغنى قايسى؟ ئۇنىڭ كەينىدىكىچۇ؟ ئۇنداقتا بۇ جەدۋەلنى كۆرۈپ بېقىڭ.
نېمە ئۈچۈن «ت»، ئاندىن «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنىنىڭ ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟ ناۋادا سىزگە سۆز ئويۇنى توقۇشقا بۇيرۇلسا، سىز ئەمدى قايسى ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى توقۇپ باقماقچى، باشقا تىلدا بۇنداق ئالاھىدىلىك ئاز تېپىلىدۇ جۇمۇ، ئىنگلىز تىلىدا مۇشۇنداق ئىش بارمىدۇ؟
مەسىلەن: «ت» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
تۇرسۇن
توختى تۇرپاندا تاۋۇز تېرىدى، تومۇزدا تاۋۇز تاتلىق تەمگە تولدى. تۇرسۇن
توختى تاۋۇزلار تارىمدىكى تاغىسى توختى تۇرسۇنغا تىراكتوردا توشۇدى.
يەنە مەسىلەن: «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
قىمار
قەبىھ قىلمىشتۇر، قىماۋازلارنىڭ قىلمىشى قەتئىي قاملاشمىغاندۇر.
قېرىندارشلار! قىماۋازلارنى قاچۇرۋەتمەي قانۇن قامچىسىدا قاتتىق
قامچىلايلى.
يۇقىرىدا
ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلار ۋە سان-سىفىرلارنى كۆرۈپ چارچاپمۇ قالغانسىلەر،
شۇڭا ئازىراق چاقچاقمۇ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ، راست دەپ ئويلاپ قالماڭلار.
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئۇيغۇر تىلىدا «ئا» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە
گۈزەل، يېقىملىق سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: ئاللاھ، ئاسمان، ئالەم، ئاي، ئادەم، ئاتا، ئاپا، ئانا، ئاچا، ئاكا، ئالىم (چاقچاق)،
سىز يەنە داۋاملىق تاپالىسىڭىز، ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇڭ، مەرھەمەت.
ئەمما «ج» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە قوپال، يېقىمسىز سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: جاھانگىر، جىنايەت، جەرىمانە، جاپاكەش، جىنازا، جازا، جەھەننەم،…
بۇنداق سۆزلەرنى سىز يەنە تاپالامسىز؟ ئۇنداقتا ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ.
ئەسلى مەنبە: http://www.alimahat.com/?p=2181
«قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : يېزىق ۋە تىل نورمىلىرى
كېيىنكىسى : مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى سانلارنىڭ دەرىجە كاتېگورىيەسى توغرىسىدا2012-06-12
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى2012-06-12
- ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى2012-06-12
- ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.72012-06-12
- ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.52012-06-12
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى ۋە دۇنيا تىللىرى قاتارىدىكى ئورنى
- ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى
- ئۇيغۇر تىلى - ئابدۇرېھىم زۇنۇن
- ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
- ئانا تىلىم (نەسىر)
- مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن
- قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى
- يېزىق ۋە تىل نورمىلىرى
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى
- تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى
- ئانا تىلىم (نەسىر)
- قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى
- تىلغا دائىر ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى ۋە دۇنيا تىللىرى قاتارىدىكى ئورنى
- ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى
- مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىمسەن
- ئۇيغۇر تىلى - ئابدۇرېھىم زۇنۇن
- يېزىق ۋە تىل نورمىلىرى
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى